ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئۆلىمالىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «قۇرئان ۋە ئىلىمنىڭ ھەقىقەتلىرى» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇچراشتى.
ئۆلىمالار «قۇرئان كەرىم» نى توغرا چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. تۈركىيە دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت گۆرمەز، تۇنجى نازىل بولغان ئايەتكە ئاساسەن، ئىنسان، كائىنات ۋە قۇرئاننىڭ ئوقۇلۇشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.
زامانىمىزدىكى مەۋجۇت مۇھىت مەسىلىلىرىدىكى ئىنساننىڭ تەسىرى ھەققىدە توختالغان گۆرمەز، «كائىنات بىلەن قېرىنداش بولۇشقا مەجبۇرمىز. نۆۋەتتىكى مەسىلە نېمە؟ مۇھىت مەسىلىلىرى، ئوزون قاتلىمى دېيىلمەكتە. ھازىر كائىنات ئىنسانلارنى كۆتۈرەلمىگۈدەك ھالغا كېلىپ قالدى» دېدى.
مەنبە:تۈرىيە ئاشازى رادىيوسى
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.