جۇدۇننىڭ بالىسى

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-05 18:55:32

مۇزدىنمۇ سوغۇق جۇدۇننىڭ شىۋىرغان دېگەن بىر ئوغلى بار ئىكەن، ئۇ: «خىيالىمغا كەلگەن ھەممە ئىشنى قىلالايمەن» دەپ ماختىنىدىكەن.


    جۇدۇننىڭ بالىسى

    گىرىم [گېرمانىيە]
    مەۋلىدە مۇختەر تەرجىمىسى

     
    مۇزدىنمۇ سوغۇق جۇدۇننىڭ شىۋىرغان دېگەن بىر ئوغلى بار ئىكەن، ئۇ: «خىيالىمغا كەلگەن ھەممە ئىشنى قىلالايمەن» دەپ ماختىنىدىكەن. ئۇ يەنە: «دۇنيادا ھېچكىم مەندەك ئەقىللىق ئەمەس، مەن قىلغان ئىشنى ھېچكىممۇ قىلالمايدۇ» دەپ لاپ ئۇرىدىكەن. بىر قېتىم ئۇ:
    -دادام قېرىپ قالدى، ئۆزىنىڭ ئىشىنىمۇ ئوڭشاپ قىلالماس بولۇپ قالدى! مەن ياش ھەم كۈچلۈك، نەگىلا بارسام ھەر قانداق ئادەمنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرەلەيمەن، ھېچكىم مەندىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ھېچكىممۇ ماڭا تەڭ كېلەلمەيدۇ، مەن ھەممىدە غالىب!-دەپتۇ.
    شۇنداق قىلىپ ئۇ ئادەملارنى توڭلاتماقچى بولۇپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇ ئالدىراپ كېتىۋاتقاندا، چوڭ يولدا سېمىز ئات قېتىلغان ھارۋا بىلەن كېتىۋاتقان بىر باينى كۆرۈپ قاپتۇ. باي ئۇچىسىغا يوغان جۇۋا كىيىپ، پۇتىنى ئەدىيال بىلەن ئورىۋالغانىكەن. شىۋىرغان بۇ باينى كۆرۈپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كېتىپتۇ.
    -ھا...ھا! پۇتۇڭغا ئەدىيال ئورىۋالغىنىڭ بىر تىيىن، بەرىبىر ماڭا تەڭ كېلەلمەيسەن. دادام قېرىپ قالدى، ئۇنىڭ سېنى توڭلىتالىغۇدەك كۈچ قۇدرىتى يوق. ئەمدى مەنچۇ، يېنىڭدىن شۇنداقلا ئۆتسەم تۈگەشكىنىڭ شۇ! جۇۋا دەمسەن، ئەدىيال دەمسەن ماڭا بەرىبىر.
    شىۋىرغان شۇنداق دەپ بىردەمدىلا بايغا يېتىشىۋاپتۇ-دە، ئۇنى پاراكەندە قىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇ ھېلى ئەدىيالنىڭ ئىچىگە، ھېلى باينىڭ يېڭىگە، ھېلى ياقىسىغا كىرىۋالسا، ھېلى بۇرنىغا كىرىپ چايان چاققاندەك ئېچىشتۇرۇپتۇ.
    -تېزرەك ھەيدە!-دەپ ۋارقىراپتۇ باي ھارىۋىكەشكە،-بولمىسا مەن توڭلاپ ئۆلىمەن!
    شىۋىرغان بايغا تېخىمۇ قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ بۇرنىنى تېخىمۇ ئېچىشتۇرۇپ، قول-پۇتلىرىنى توڭلىتىپ نەپەس ئالالمىغۇدەك قىلىپ قويۇپتۇ. لاغىلداپ تىترەپ كەتكەن باي بىردەم تۈگۈلۈپ بېقىپتۇ، بىردەم ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈپتۇ، ئەمما ھەر قانداق قىلىپمۇ شىۋىرغانغا بەرداشلىق بېرەلمەپتۇ.
    تېزرەك، تېخىمۇ تېزرەك ھەيدە!-دەپ ۋارقىراپتۇ ئۇ يەنە ھارۋىكەشكە. بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئاۋازلىرى پۈتۈپ، ئۈنىمۇ چىقماي قاپتۇ.
    باي ئاخىر قورۇقىغا يېتىپ كەپتۇ. مالاي ئۇنى ھارۋىدىن چۈشۈرەي دەپ يېقىن كېلىپ، ئۇنىڭ توڭلاپ قالغىلى تاس قالغان تۇرقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىپتۇ. شىۋىرغان قايتىپ كېلىپ دادىسى جۇدۇننىڭ ئالدىدا ماختىنىشقا باشلاپتۇ:
    -دادا، مېنىڭ باتۇرلۇقۇمنى كۆردۈڭمۇ؟! سەن ئەمدى مەن قىلغاننى قىلالمايسەن! قارا، مەن بىر باينى توڭلىتىپ قويايلا دېدىم! بىلەمسەن مەن ئىسسىق جۇۋىنىڭ ئىچىگە قانداق كىرىۋالدىم؟ سەن ھەر قانداق قىلىپمۇ بۇنداق جۇۋىغا تەڭ كېلەلمەيسەن ھەم بۇنداق باينى ھەر قانداق قىلىپمۇ توڭلىتالمايسەن، مەنچۇ، مەن ئۇنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالدىم. 
    -سەن بەك ماختانچاق بولۇپ قاپسەن،-دەپتۇ جۇدۇن كۈلۈپ قويۇپ،-ئەمما لاپ ئۇرغاندا ئۆزۈڭنىڭ قانچىلىك كۈچۈڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالما. راست، سەن ھېلىقى سېمىز باينىڭ جۇۋىسىنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالدىڭ، لېكىن بۇنى بەك چوڭ ئىش دېگىلى بولامدۇ؟ قارا ئاۋۇ ياقتىن كونا جۇۋا كىيگەن ئورۇق بىر دېھقان كېلىۋاتىدۇ، ئۇ چانىغا قاتقان ئاتمۇ شۇنداق ئورۇق ئىكەن، ئۇنى ئېنىق كۆردۈڭمۇ؟
    -كۆردۈم.
    -بۇ دېھقان ئورمانلىققا ئوتۇن كەسكىلى بارىدۇ، سەن ئاشۇ دېھقاننى بىر توڭلىتىپ باققىن. ئەگەر سەن شۇنى توڭلىتىپ ئۆلتۈرەلىسەڭلا، سېنىڭ كارامىتىڭگە ئىشىنىمەن!
    بۇ قانچىلىك ئىشتى!-دەپتۇ شىۋىرغان،-مەن كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچىلا بۇ قېرىنى مۇزدەك قاتۇرۇۋېتىمەن.
    شىۋىرغان دېھقاننى دەرھال قوغلاپ يېتىپتۇ-دە، ھېلى ئۇ ياندىن، ھېلى بۇياندىن ھۇجۇم قىپتۇ، ئەمما دېھقان كارى بولماستىن يولىغا مېڭىۋېرىپتۇ. شىۋىرغان دېھقاننىڭ پۇتىغا ھۇجۇم قىپتىكەن، ئۇ چانىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئېتى بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپتۇ.
    -بوپتۇ!-دەپتۇ شىۋىرغان ئۆزىگە،-ئالدىرىما! مەن سېنى ئورمانلىققا بارغاندا بىر توڭلىتىپ باقاي!
    دېھقان ئورمانلىققا بېرىپتۇ-دە، پالتىسىنى ئېلىپ قارىغاي شاخلىرى بىلەن تېرەك شاخلىرىنى كېسىشكە باشلاپتۇ، ئۇ كۈچ بىلەن پالتا ئۇرغاندا ئوتۇنلار تەرەپ-تەرەپكە چاچرايدىكەن. شىۋىرغان دېھقانغا ئاراملىق بەرمەپتۇ، ئۇنىڭ بىردەم قولىنى مۇزلاتسا،بىردەم پۇتىنى مۇزلىتىدىكەن، يەنە بىردەم بوينىغا كىرىۋالىدىكەن. شىۋىرغان ھۇجۇم قىلغانسېرى دېھقان پالتىنى تېخىمۇ تېز چېپىپ نۇرغۇن ئوتۇن كېسىپتۇ، شۇڭا بارغانسېرى تەرلەپ ئىسىپ كېتىپتۇ-دە، قولىدىكى قولقاپنىمۇ سېلىپ تاشلاپتۇ. شىۋىرغان دېھقانغا ھۇجۇم قىلىۋېرىپ ئاخىر ھالىدىن كېتىپتۇ.
    -خەير، مەن بەرىبىر ساڭا تېتىيمەن،-دەپ ئويلاپتۇ شىۋىرغان،-ئۆيۈڭگە قايتقۇچە سۆڭەك-سۆڭىكىڭنى ئۇششىتىۋەتمىسەم!
    شىۋىرغان دېھقاننىڭ قول قېپىنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىۋاپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ: «قېنى كۆرۈپ باقاي، بۇ قېرى قولقاپنى قانداق كىيىدىكىن؟ قولقاپنىڭ ئىچ-تېشى مۇزلاپ قېتىپ قالىدۇ».
    شىۋىرغان دېھقاننىڭ قولقېپى ئىچىدە ئۇنى كۈتۈپ يېتىپتۇ، دېھقان بولسا بىر خىلدا ئوتۇن كېسىۋېرىپتۇ، كەسكەندىمۇ شۇنداق كۆپ كېسىپتۇ، تاكى چانىسى توشقۇچە كېسىپ بىراقلا توختاپتۇ.
    -ئەمدى ئۆيگە قايتسام بولغۇدەك!-دەپتۇ دېھقان. ئۇ «ئەمدى قولقاپنى كىيەي» دەپ قارىسا، قولقاپ مۇزلاپ خۇددى تۆمۈرگە ئوخشاپ قاپتۇ. ئۇ قولقاپنى كىيگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قولىغا كالتەك ئېلىپ، ئۇيۇپ قالغان مۇزلارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قولقاپنى تازا ساۋاپتۇ، قولقاپ ئىچىدىكى شىۋىرغان بولۇشىغا ۋايۋايلىغىلى تۇرۇپتۇ. دېھقان قولقاپنى ئۇرۇۋېرىپ شىۋىرغاننى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قاپتۇ، ئۇ قولقاپ ئىچىدىن ئارانلا جېنىنى ئېلىپ قېچىپ چىقىپتۇ.
    دېھقان ئوتۇننى ئېلىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. ئۇ يول بويى ئاتقا «ھايت-ھۇي» دەپ ۋارقىراپ مېڭىپتۇ. شىۋىرغان بولسا ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ ئاران كەپتۇ.
    -شىۋىرغان بالام، نېمە بولدى؟-دەپ سوراپتۇ جۇدۇن ئوغلىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ.
    -دېھقاننى توڭلىتىمەن، دەپ ھېرىپ ئۆلەي دەپ قالدىم!
    -شىۋىرغان بالام، ئەمىسە نېمىشقا ھەسرەتلىك ئىڭرايسەن؟
    -ئاشۇ...ئاشۇ دېھقان بەك قاتتىق دۇمبالىۋەتتى!
    -شىۋىرغان بالام، سەن بۇ ساۋاقنى ئۇنتۇما! بىكار تەلەپ بايلارنى توڭلاتماق ناھايىتى ئاسان، ئەمما ئەمگەكچان دېھقاننى ھەر قانچە قىلىپمۇ توڭلاتقىلى بولمايدۇ!
    مەنبە: « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى

    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
     \
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.