ئالىي مەكتەپ سىزگە ئۆتمىگەن ئەڭ قىيىن دەرس

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-05-05 18:15:56

ئىزچىل A باھالىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچى ئاخىر مىخقا ئۈسسۈۋاپتۇ. ئۇ زۆرۈر بىر دەرسنى نەچچە ئاي ئوقۇپتۇ، ئەمما نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىقمايدىغانلىقى-لاياقەتلىك بولسىمۇ، A ئالالمايدىغانلىقى كۆڭلىگە ئايان ئىكەن.

     
    ئالىي مەكتەپ سىزگە ئۆتمىگەن ئەڭ قىيىن دەرس
    گورۈيشىياڭ
    ئەركىن ئىسھاق ئوغۇزخان تەرجىمىسى

     
    -مۇئەللىم ماڭا تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرەلەمسىز؟ بۇ مېنىڭ كۆرسەتكۈچۈم،-ئۇنىۋېرسىتىتېتنىڭ تۆتىنچى يىللىقىدا ئوقۇيدىغان بىر قىز ئوقۇغۇچى ئاسپرانتلىقتا ئوقۇش ئىلتىماسى ئۈچۈن تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى.
    مەن ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم، ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن تا ھازىرغىچە ھەر مەۋسۇمدا «ئەلىيۇلئەلا» بولۇپ كەلگەنىكەن! تالانتلىقلار، مەلۇماتلىق ئوقۇغۇچىلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدىغان تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇنداق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرمەك ھەقىقەتەن تەس، شۇڭا ئۇنىڭ قانچىلىك ئىجتىھات بىلەن تىرىشقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى!
    -سىز داۋاملىق بىرىنچىلىكنى ئېلىۋەرمىسىڭىز قانداق،-دېدىم مەن.
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ پىشانىسىدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى:
    -نېمىشقا؟ نەتىجەمنىڭ يۇقىرى بولۇشى خاتامۇ؟ ئەجەبا، چەتئەلگە چىقىپ ماگىستېر، دوكتورلىقنى ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىشتا بۇ نەتىجىلەر لازىم ئەمەسمۇ؟
    مەن ئۇنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم.
    -سىزگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي،-دېدىم مەن،-كۆڭلىمدىكىنى دېسەم، تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا 18 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش جەريانىدا مېنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغىنى دەرستە ناچار ئوقۇغۇچى ئەمەس، بەلكى ھەممە دەرستە بىرىنچىلىكنى ئېلىپ كېلىۋاتقان ئوقۇغۇچى. بۇ ھېكايىنى تالاي يىللار ئىلگىرى ھەمىشە ئەلىيۇلئەلا بولۇپ كەلگەن تىرىشچان ئوقۇغۇچىدىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
    ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرىنى جىيەنجۇڭدا، ئالىي مەكتەپنى تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئەلاچى بىر تەيۋەنلىك ياش بولغانىكەن. ئۇزاققىچە بوشاشماي تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئامېرىكىنىڭ ماسساچۇستېس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتۈپ، ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانلىقتا ئوقۇپتۇ. شۇ چاغلاردا ئۇ: «پارلاق كەلگۈسى خۇددىي تۈز سىزىققا ئوخشايدۇ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزسەم مۇۋەپپەقىيەتنىڭ تۇنجى ئىشىكىنى ئاچىدىغان ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشكەن بولىمەن» دەپ ئويلايدىكەن.
    ئۇ ھەمىشە ئۆزىنى: «مەن ئامېرىكىغا ئوينىغىلى ئەمەس، ئوقۇغىلى كەلگەن، تىرىشىپ ئۆگىنەي» دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدىكەن. تەبىئىي پەندە ئوقۇغانىكەن، تەنھەرىكەتنى كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئەمما، ئامېرىكىنىڭ مودا مەدەنىيىتى بىلەن ساۋاغداشلار ئوتتۇرىسىدىكى مول ۋە رەڭگارەڭ تۇرمۇشقا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىكەن. شۇڭا بارلىق زېھنىنى ئۆگىنىشكە ئاتاپ، ماگىستېرلىقنى ئوقۇغان ئىككى يىل، دوكتورلۇقنى ئوقۇغان بىر يىل جەريانىدا ئۇدا A دەرىجىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ! بۇ ئۇنىۋېرستېتتا A ئەڭ يۇقىرى نومۇردىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، A نەتىجىگە ئېرىشىش ھەقىقەتەن قىيىن ئىكەن. شۇڭا ئۇ تەكەببۇرلۇقتىن ساقلىنالماي ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم چوقۇم مەندىن پەخىرلىنىدۇ دەپ قارايدىكەن. دېمىسىمۇ شۇنچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ نەتىجىسى بىرىنچى تۇرسا!
    ئىزچىل A باھالىنىپ كېلىۋاتقان بۇ ئوقۇغۇچى ئاخىر مىخقا ئۈسسۈۋاپتۇ. ئۇ زۆرۈر بىر دەرسنى نەچچە ئاي ئوقۇپتۇ، ئەمما نەتىجىسىنىڭ ياخشى چىقمايدىغانلىقى-لاياقەتلىك بولسىمۇ، A ئالالمايدىغانلىقى كۆڭلىگە ئايان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، بۇ دەرستىن چېكىنىپ چىقىپتۇ. چۈنكى ئۇ نەتىجە قەغىزىگە B چۈشۈپ قېلىشتەك قورقۇنۇشلۇق ئىشتىن ساقلانماقچىكەن.
    ئوقۇش پۇلى تۆلەپ، يەنە كېلىپ نەچچە ئاي كۆڭۈل قويۇپ دەرس ئاڭلاپ تۇرۇپ چېكىنىپ چىقىشنى كۆپلىگەن ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلار چۈشىنەلمەپتۇ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ ھەيران قاپتۇ. ئەجەبا بۇنداق قىلىش نەتىجە قەغىزىگە داغ چۈشۈرۈۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنمىدۇ؟ بۇ تولىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىشقۇ! كېيىنكى يىلى بۇ ئوقۇغۇچى ھېلىقى زۆرۈر دەرسلىككە قايتا جەڭ ئېلان قىلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپتۇ. شۇغىنىسى نەتىجىسى يەنىلا A باھالانماپتۇ! شۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ۋە مەبلەغ بىھۇدە ئىسراپ بوپتۇ.
    دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن بۇ ئوقۇغۇچى ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئامېرىكىلىق يېتەكچى پروفېسسورنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ، ھالبۇكى پروفېسسور خۇشاللىق بىلەن ئۇنى تەبرىكلەپتۇ:
    -مەن سەن ئۈچۈن خۇشال بولۇۋاتىمەن! بۈگۈندىن باشلاپ يۇقىرى نومۇر ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشۇڭنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمدى تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا كەڭ-كۇشادە ۋاقىت چىقىرالايدىغان بولدۇڭ،-دەپتۇ مەنىلىك قىلىپ.
    -تېخىمۇ مۇھىم، ئەھمىيەتلىك ئىش نېمە؟
    -خاتالىق ئۆتكۈزگىن، يېڭىلىق ياراتقىن! مۇشۇ قېتىمقى دەرسنى ئۈلگە قىلىپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ تۇر، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىل، مانا بۇ ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ئىش، -دەپتۇ پروفېسسور كۈلگىنىچە.
    تەيۋەنلىك يىگىت بىردىنلا ھوشىنى تېپىپتۇ. ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلىم تەھسىل قىلىش دېگەن نېمە؟ ئالدىنقىلاردىن ئۆگىنىش، كېيىنكىلەر ئۈچۈن يېڭى بىلىملەرنى توپلاش، يېڭىلىق يارىتىپ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش ئىلىمنىڭ ماھىيىتىگە يېقىنلاشقانلىقتۇر. تەملىك تورتنىڭ ئۆزى دەل ماھىيەت، ياخشى نەتىجە بولسا شۇ تورتنى چىرايلىق بېزىگەن قايماق گۈللەردىن ئىبارەت.
    «يېڭىلىشتىن قورقۇش» بېكىنمە تاللاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
    يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تەيۋەنلىك يىگىت مەن بولىمەن. شۇ چاغدا يېتەكچى پروفېسسور ئوقۇش نىشانىمدىكى تۈپ خاتالىقنى كۆرسۈتۈپ بەرگەچكە كۆپ نەپ ئالدىم. ئىلگىرى بارلىق زېھنىمنى تاپشۇرۇق ئىشلەشكە، يۇقىرى نومۇر قوغلىشىشقا قارىتىپ، تەتقىقاتقا ۋاقىت ئاجراتماپتىمەن. مەن بۇ نىسبەتنى زور دەرىجىدە تەڭشەپ، زېھنىمنىڭ ئىككى ئۈلىشىنى تاپشۇرۇق ئىشلەش، سەككىز ئۈلۈشىنى تەتقىقاتقا قاراتتىم. ئىلگىرى تاپشۇرۇقنى باش چۆكۈرۈپ، ئەستايىدىللىق بىلەن كەم-كۇتىسىز ئورۇنلاشقا تىرىشقان بولسام، كېيىنچە تاپشۇرۇق  تاپشۇرۇشتىن بىر كۈن ئاۋۋال كېچىلەپ دوكلات تەييارلايدىغان بولدۇم.
    بۇ، ھەرگىزمۇ مېنىڭ ھورۇنلۇقۇمدىن ئەمەس، بەلكى يېڭى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ئەمىلىي نەپ بېرىدىغان ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەنلىكىمدۇر. شۇڭا تەتقىقاتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدۇم.
    تەتقىقات جەريانى تەگسىز قۇدۇققا ئوخشايدۇ، نەتىجىسى ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئوخشاش تېزلا ئايان بولمايدۇ، ئەمما بۇ دەل ھەقىقىي ئۆگىنىش جەريانى. گەرچە ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئاستا بولسىمۇ ھوسۇلى سەرخىل، ئۆزۈڭگە تەۋە، ھەرگىزمۇ ئىمتىھاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچىغا كۆرسىتىدىغان يۈزەكى نەتىجىگە ئوخشىمايدۇ. ئەينى چاغدا يۈرىكىمگە نەشتەردەك سانجىلغان B ھەرىپى كاللامدا ئۇزاقتىن بۇيان ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن يۇقىرى نومۇرنى مەجنۇنلارچە قوغلىشىشتەك قاراشنى  ئۆزگەرتىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىشنىڭ ھەقىقىي يولىغا باشلىدى.
    كۆز قاراش ئۆزگەرسە ئوقۇشمۇ توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. ئادەتتە ئالتە يىلدا تاماملايدىغان دوكتورلۇق ئوقۇشىنى مەن تۆت يىلدا تۈگەتتىم. چۈنكى مەن ۋاقىت ۋە زېھنىمنى توغرا ئىشلارغا سەرپ قىلدىم، يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى روياپقا چىقىرىپ، پروفېسسورنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە نائىل بولدۇم، ئوقۇش پۈتكۈزۈش ماقالەممۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.
    «يېڭىلىشتىن قوقۇش» بېكىنىۋېلىش پىسخىكىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
    ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن، يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ شۇ چاغدىكى كەيپىياتىمغا قارىتا يېڭى تونۇش شەكىللەندى. ئەينى يىلى مېنىڭ ھەر قايسى پەنلەردىن A ئېلىشنى قوغلىشىشىمدا، كىچىكىمدىن تارتىپ ئەلا نەتىجىنى مەجنۇنلارچە قوغلىشىشتەك ئىدىيەدىن باشقا يەنە تېخىمۇ چوڭقۇر سەۋەبى بار. ئۇ بولسىمۇ «يېڭىلىشتىن قورقۇش» پىسخىكىسى. يېڭىلىشتىن قورقۇش، يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەس پىسخىكىسى تا ھازىرغىچە تالايلىغان شەخس، ھەتتا كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا مەۋجۇت. ئۇ بىر خىل بېكىنمە مەدەنىيەت ئامىلىغا ئايلانغان بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىدۇ.
    تەيۋەن باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتى ھەر يىلى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى چەتئەللەردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئالماشتۇرۇپ ئوقۇتىدۇ. يېقىندا بىر قىز ئوقۇغۇچى شىمالىي ياۋرۇپادىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا يېرىم يىل ئوقۇپ كەلدى، مەن ئۇنىڭ تەسىراتىغا ئورتاقلاشتىم.
    ئۇلارنىڭ سىنىپىدا يېرىمى يەرلىك، قالغان يېرىمى ئىتالىيە، فرانسىيە، كورىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. ئۇلار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىدىكەن ۋە دوكىلات يازىدىكەن. بۇ جەرياندا ئۇ، تەيۋەنلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيەگە پۇختىلىقى، بۇجەھەتتە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئەسلا ئۇتتۇرۇپ قويمايدىغانلىقى، ئەمما ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنىڭ كەملىكى، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى سىستېمىلىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغانلىقى، بەس-مۇنازىرىدە ئاجىزلىقىنى بايقىغان.
    بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ياۋروپادىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيەۋى بىلىملىرى بىزگە يەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار قورقماس، يۈرەكلىك، پىكىر بايان قىلىشقا ماھىر، ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىدا كەسكىن مۇلاھىزە قىلىپ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىدىكەن، ئىجادىي تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرغا باي ئىكەن.
    بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ تەسىراتىنى مەن چۈشىنىمەن. چۈنكى، يېڭىلىشتىن، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىشتىن ئەنسىرەش پىسخىكىسى ھەر قايسى قاتلاملاردا كۆرۈلىدۇ. ئالايلۇق، يېڭى تىل ئۆگىنىشكە پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ (مەسخىرىگە قېلىشتىن قورقۇپ گەپ قىلمايدۇ)، مۇزاكىرە دەرسىدە جىمغۇرلىشىپ كېتىدۇ، پىكىر بايان قىلىدىغانلار مەڭگۈ ئاشۇ بىر قانچىسى. ئەمما دەرستىن چۈشكەندە بولسا كۆپچىلىك تەرەپ-تەرەپتىن ئۆز قاراشلىرىنى سۆزلەپ جىۋىرلاپ كېتىشىدۇ.
    مەن نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئوقۇپ، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىدە ئۆز ئەكسىمنى كۆرگەندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۆزەمدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھېس قىلدىم؟ نېمە ئۈچۈن تەيۋەندىكى ۋاقتىمدا بۇ مەسىلىلەرنى بايقىمىدىم، نېمە ئۈچۈن ئەزەلدىن سەۋەنلىكلىرىم ئۈستىدە ئويلىنىپ باقمىدىم...
    بۇنىڭ جاۋابى تولىمۇ ئاددىي. تەيۋەندە ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش تۈزۈمى ئاساسىي ئىقتىدارنى سىناشنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ قائىدىمىز شۇكى، كىم ئىمتىھانغا ماھىر بولسا، شۇ يەڭگۈچى! 30 يىل ئاۋۋال ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق.
    ئېھتىمال، ئۇنىۋېرسىتېتقا كىرىشتىن ئىلگىرىكى ئويۇن قائىدىسى مۇشۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، كىشىلىك ھايات ھەرگىزمۇ ھەممە پەندە A ئېلىپ غەلىبىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ.
    مۇھىت ئۆزگىرىشىنى ئېنىق تونۇپ يېتەلەيدىغان، پىسخىكا ئەنئەنىۋىي ئادەتلىرىمىزدىن ھالقىپ چىقىشقا  ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغانلارلا مەڭگۈلۈك ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ. ھازىردىن باشلاپ بىرىنچىلىكنىلا قوغلىشىشتەك سېھىردىن قۇتۇلۇپ، يېڭىلىشتىن قورقماي، دادىل قەدەملەر بىلەن ئالغا قاراپ ماڭايلى!
    ئەڭ قىممەتلىك دەرس-ئۆزىگە تەۋە كىشىلىك ھايات يېتەكچىسىنى ئىزدەش
    باشقىلارنىڭ نەزىرىدە، ھاياتىمنىڭ ئالدىنقى يېرىمى ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئەلىيۇلئەلا تاختىيىغا ئىسمى چىقىش» بىلەن ئۆتتى، شۇڭا مېنى دەرىجىدىن تاشقىرى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى دېيىشكە بولىدۇ. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جىيەنجۇڭ ئوتتۇرا مەكتىپى، تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىندىم، ئارقىدىن ماسساچۇستېس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماگىستېرلىق، دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالدىم. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، كېرېمنىي جىلغىسىدا يىللىق كىرىمى نەچچە مىليون دوللارلىق ئىنژېنېرلىق خىزمىتىگە ئېرىشتىم، كېيىن تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولدۇم. يەنە تېخى ساھىبجامال قىزغا ئۆيلىنىپ ئىككى بالىلىق بولدۇم. شۇنى تەن ئېلىشىم كېرەككى، بىر چاغلاردا ئۆزۈمنى ھەقىقەتەن بەختلىك ھېس قىلغان، شۇنداقلا يېتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەملا شېرىن ئارزۇلىرىم ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم.
    ھالبۇكى، چېچىمغا ئاق سانجىغاندا كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەرگە كەينى-كەينىدىن يولۇقتۇم، ئاخىر نېمىنىڭ ھەقىقىي ئاجىزلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.
    تازا قىران چاغلىرىمدا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇم، گەرچە ئەزرائىل بىلەن تۇنجى قېتىم كۈچ سىنىشىپ تەلىيىمگە يەڭگەن بولساممۇ، بەكلا ماغدۇرۇمدىن كەتتىم. نەچچە يىل ئۆتمەيلا ئايالىم ئالەمدىن ئۆتتى! ئەڭ ياخشى كۆرۈدىغان ئادىمىمدىن ئايرىلىپ روھىي دۇنيارىم قاغجىرىدى، تىرىك مۇردىغىلا ئوخشاپ قالدىم...ئەمما پۇشايمان قىلىشقا كۆپ ۋاقتىم چىقمايتتى، چۈنكى ئەمدىلەتىن ياشلىق باھارىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئىككى ئوغلۇمنى تەربىيەلىشىم كېرەك ئىدى.
    ئەسلىدە، بىزنىڭ كۈتمىگەنلىرىمىز ھەقىقىي كىشىلىك ھايات ئىكەن...
    ئەڭ قىيىن دەرسنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتمىدۇق
    ھايات يولۇمغا نەزەر تاشلىسام، ھەر بىر كۈنۈمنى خىيال قىلسام، ياشلىق جىلۋىسى ئۇرغۇپ تۇرغان، كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرى تولۇپ تاشقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىسام، ئىختىيارسىز خۇرسىنىمەن: مەن ئوقۇۋاتقاندا، مەكتەپ كۆپىنچە ھاللاردا بىزگە قانداق قىلىپ ئىمتىھاندا بىرىنچى بولۇش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىمتىھاندا غەلىبە قىلىش دېگەنلەرنىلا ئۆگىتىپتۇ. ھېچكىممۇ ماڭا «ياخشى» مەكتەپ، «ياخشى» كەسىپلەرگە ئۆتەلمىسەم قانداق قىلىشنى، قانداق قىلىپ قەيسەرلىك بىلەن ئورنىمدىن دەس تۇرۇپ رېئاللىققا يۈزلىنىشنى ئېيتىپ بەرمەپتۇ.
    ئىمتىھاننىڭ تەكىتلەيدىغىنى شۇكى، ياقتۇرامسەن-يوق، ئىشقىلىپ بىرىنچى ئارزۇنى تالاشساڭلا بولدى دېيىشتىن ئىبارەت. ئەزەلدىن ھېچكىم بىزگە: «ئۆزۈڭگە خاس تۇغما قابىلىيىتىڭنى بايقا، يۈرەك سادايىڭغا قۇلاق سال، ئاندىن ئۆزۈڭ ياقتۇرىدىغان، مودا ئېقىمدىكى قىممەت قارىشىغا ئەگەشمەيدىغان «بىرىنچى ئارزۇنى تاللا» دېمەپتۇ.
    مەن كىچىكىمدىن ھەمىشە ئاڭلايدىغان چۆچەك مۇنداق: شاھزادە تۈرلۈك-تۈمەن مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ، مەلىكە بىلەن توي قىلىدۇ، ئارقىدىنچۇ؟ تۈگەيدۇ! ھېچكىممۇ بىزگە شاھزادە بىلەن مەلىكىنىڭ ئۇرۇشۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرمەيدۇ. كىشىلىك ھاياتنىڭ ماھىيىتى توختاۋسىز ئۆزگىرىشتۇر. ئۇنداقتا، مەلۇم بىر كۈنى مەلىكە ئايرىلىپ كەتسە شاھزادە قانداق قىلىدۇ؟
    كىشىلىك تۇرمۇشتىكى خىلمۇخىل رېئاللىق ۋە مۈشكۈلات، قاتتىقلىق ۋە ئاجىزلىقلارنى بىزگە ھېچكىم ئۆگەتمەيدۇ، بىزمۇ ئوقۇغۇچىلارغا بۇ ھەقتە دەرس ئۆتمەيمىز. ئەمما، بۇلار مەن كېيىن ھېس قىلغان، ئوقۇغۇچىلىرىمغا ھەدىيە قىلىشنى ئەڭ ئويلايدىغان سوۋغاتتىن ئىبارەت.
    كىشىلىك تۇرمۇشتا ھىجران قايغۇسى بىلەن ۋىسال شادلىقى دائىم ھەمدەم. ئەمما مەن ئوقوغۇچىلىرىمنىڭ مەندىن قابىلىيەتلىك بولۇشىنى، ھايات خىرىسلىرىغا يۈرەكلىك يۈزلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    قانداق يۈزلىنىش كېرەك؟ ئەمەلىيەتتە تولىمۇ ئاددىي. ھاياتلىقتىكى مەسىلىلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر قىلىشىغا سۇنۇپ، ئۇلارنى ياش ۋاقتىدىن باشلاپ ئىزدىنىشكە، ئىدىيە جەھەتتىن ئالدىن تەييارلىق كۆرۈشكە ئالدىن يېتەكلەش كېرەك. قايسى بىر كۈنى تۇيۇقسىز بىرەر مەسىلىگە دۈچ كەلگەندە گاڭگىراپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارغا ئالدىن ئاز-تولا قۇۋۋەت بېرىش كېرەك. كىشىلىك تۇرمۇش يولى مەڭگۈ ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ، قايغۇ-ئەلەم رەھىمسىز، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئۆلچەملىك جاۋابى تېخىمۇ يوق. مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئۆگەتمەكچى بولغىنىم، قانداق قىلغاندا ئۆزى ئۈچۈن جاۋاب تېپىش، ھەتتاكى كەتكۈزۈپ قويغاندىن كېيىنمۇ غەيرەتكە كېلىپ تولۇقلىما ئىمتىھان بېرەلەيدىغان، قەيسەرلىك بىلەن ئۆزىگە، ھاياتقا يۈزلىنەلەيدىغان جاسارەتنى يېتىلدۈرۈشتۈر.
    كىشىلىك تۇرمۇش ئېنىقىنى ئېيتقاندا، سان-ساناقسىز سىناقلارنىڭ يىغىندىسىدۇر، ئۆزى ئۈچۈن «كىشىلىك ھاياتتىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى» تېپىشنى بىلىش شۈبھىسىزكى، ئۆز ھاياتىغا ئاز بولمىغان نومۇر قوشىدۇ.
    ئۇنداقتا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى كىم؟ ئېھتىمال «ئۇ» بىر ئېتىقاد، بىر مەيدان نۇتۇق، بىر كىنو ۋە ياكى بىر ياخشى كىتاب بولۇشى مۇمكىن. مۇھىمى ئۇنىڭدىكى روھ، بۇ روھ سەن قايغۇ-ئەلەمگە مۇپتىلا بولغاندا، ساڭا ئاز-تولا كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىپ، ئەڭ چوڭ قىممىتىڭنى جارى قىلدۇرالايدىغان يۆنىلىشكە داۋاملىق يېتەكلەپ مېڭىش-ماڭالماسلىقىدا.
    مەن كەم-كۇتىسىز ئوقۇتقۇچى ئەمەسمەن، ئەمما ھەر بىر ئوقۇغۇچىمغا چىن قەلبىمدىن بەخت تىلەيمەن-ئۇلارنىڭ قەلب دەرۋازىسىنى ئېچىشىنى، يۈرەكلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشىنى، شۇنىڭدەك ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلەيمەن.
    مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 12-ساندىن ئېلىندى
      ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus                                                                                                                                                                                                                                 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.