ئېھ، ئالىم ئاتا!

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-26 15:22:53

-بالام، ئالدىرىما،-دېدى ئاتام قولۇمدىكى ھەرىنى ئالغان كۈلۈپ تۇرۇپ،-ئالەم رەھىمدىل، بىرەر مۆجىزە يۈز بەرسە ئەجەب ئەمەس.

    ئېھ، ئالىم ئاتا!
    جېڭ چۇنشىڭ
    پەرھات ئەمەت تەرجىمىسى

    ئاتام ھەقىقىي دېھقان، ئۇ تېخى بالىلىق چاغلىرىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن يېتىپ قالغاچقا، مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىنىمۇ كۆرۈپ باقىمىغانىكەن، بىراق تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر مەكتەپ، ئۇ مۇشۇ پايانسىز بىلىم ئوچىقىدا ئەمەلىي بىلىم ۋە تەجرىبىلەرنى توپلىغان...
    30 نەچچە يىل بۇرۇنقى بىر قىش كېچىسى، ئاتام ئىش بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى، ئانام كالىغا قاراش ئۈچۈن قوتاندا ياتتى، بىراق تۈن يېرىمىدا ئوغرى كالىمىزنى ئوغرىلاپ كەتتى. ئۇ چاغلاردا كالا دېگەن دېھقاننىڭ «جېنى» ئىدى، تېرىلغۇ ۋە باشقا ئىشلاردا ئۇ بولمىسا بولمايتتى، شۇڭا ئانام بۇ ئىشتىن ئىچى سىقىلىپ گېلىدىن تاماقمۇ ئۆتمىدى. ئاتام قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئانامنى ئەيىبلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە ئانامغا تەسەللى بېرىپ مۇنداق دېدى:
    -بولدى، خاپا بولما. بايلىق دېگەن شۇنداق نەرسە، بىر كۈنى سەندە بولسا، بىر كۈنى مەندە بولىدۇ!
    شۇ چاغلاردا بىز تاغام بىلەن بىللە چوڭ قورۇدا تۇراتتۇق، كېيىن ئۆي ئارىغاندا تاغام يولسىزلىق قىلىپ قورۇنىڭ چوڭ بىر بۆلىكىنى ئىگىلىۋالدى. ئاتام ئۇنىڭ بىلەن تالىشىپ ئولتۇرمىدى، بەلكى كۈلۈپ تۇرۇپ:
    -تالىشىش نە ھاجەت؟ نام-ئاتاق ۋە مال-دۇنيا قوغلاشقان ئادەم ئىلگىرى كەلمەيدۇ! ئادەم بۇ دۇنياغا قۇرۇق قول كەلگەن، يەنە قۇرۇق قول كېتىدۇ!-دېدى. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە، تاغام كېلىنى بىلەن ئالقانچىلىك كۆكتاتلىقنى تالىشىپ قاتتىق غەزەپلەنگەچكە، مېڭىسىگە قان چۈشۈپ...
    بىر يىلى ئاتام بازاردىن بىر تۈپ ياڭاق دەرىخى ئەكىلىپ قورۇغا تىكىپ قويغانىدى، ئەتىيازدا دەرەخ كۆكەردى، شۇ چاغدا ئۇ بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ:
    -بالام، ياڭاق ئۈچ يىلدا، ئۆرۈك تۆت يىلدا، نەشپۈت بەش يىلدا مېۋە بېرەر، تىكسەڭ كۆچەت، ھامىنى بەخت ساڭا تەلپۈنەر، دېگەن گەپ بار. بۇ ياڭاق دەرىخى مېۋىگە كىرگەندە، ساڭا ئۆز قولۇم بىلەن چېقىپ بېرىمەن!-دېدى، بىراق مەن بىر نەچچە يىل كۈتكەن بولساممۇ، ياڭاق دەرىخى مېۋە بېرەي دېمىدى. باشقىلاردىن ئاڭلىسام، ياڭاق دەرىخى ئەركەك ۋە چىشى دەپ ئايرىلىدىكەن، چىشىسى مېۋە بېرىدىكەن. ئەركىكى بەرمەيدىكەن. بىر كۈنى ئاچچىقىم كېلىپ قولۇمغا ھەرىنى ئالدىم:
    -ئاتا، بۇ ئەركەك ياڭاق دەرىخى ئىكەن، شۇڭا ئۇنى كېسىۋەتمەيلىمۇ؟
    -بالام، ئالدىرىما،-دېدى ئاتام قولۇمدىكى ھەرىنى ئالغان كۈلۈپ تۇرۇپ،-ئالەم رەھىمدىل، بىرەر مۆجىزە يۈز بەرسە ئەجەب ئەمەس.
    ئاتامنىڭ بۇ سۆزى بىلەن مەن يەنە بىر يىل كۈتۈش نىيىتىگە كەلدىم، دېگەندەك ياندۇرقى يىلى دەرەخ مېۋىگە تولۇپ كەتتى. شۇ چاغدا ئاتامنىڭ ھەقىقەتەن ئالىم ئىكەنلىكىگە قايىل بولغانىدىم. ھازىر ئاتامنىڭ «خاپا بولما»، «تالاشما»، «ئالدىرىما» دېگەن ئۈچ ھېكمىتى ئاللىقاچان ئاتا بولۇپ بولغان ماڭا ھەممىلا يەردە يول كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
    ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئېھ