ئىستانبۇلدا "خەلقئارا بالىلار ۋە شەھەرلەر لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى" ئۆتكۈ

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-12 20:42:58

ئىستانبۇلدا تۇنجى نۆۋەتلىك "خەلقئارا بالىلار ۋە شەھەرلەر لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى" پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.بۇ پائالىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغان جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى، ھەر قايسى شەھەرلەرنى كىچىك بالىلا...

     


    ئىستانبۇلدا تۇنجى نۆۋەتلىك "خەلقئارا بالىلار ۋە شەھەرلەر لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى"  پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

    بۇ پائالىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغان جەمئىيەتنىڭ مەقسىتى، ھەر قايسى شەھەرلەرنى كىچىك بالىلارنىڭ ھايات كەچۈرۈشىگە تېخىمۇ مۇناسىپ ھالغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر.

    پائالىيەتتە كىچىك بالىلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۈرمۈش كەچۈرەلىشى ئۈچۈن شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

    لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىدا كىچىك بالىلار قانداق بىر شەھەرنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.

    بالىلارنىڭ ئارزۇسى، ھاۋاسى ساپ، يېشىللىق ساھەلىرى كۆپ، كەڭ ـ كۇشادە ئويۇن مەيدانلىرى بولغان بىر شەھەرنىڭ بولۇشىدىن ئىبارەت ئىكەن.

    بۇ پائالىيەتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار ياردەم فوندى جەمئىيىتى (UNİCEF) قوللاپ ـ قۇۋۋەتلىمەكتە.

    پائالىيەتكە قاتناشقان كىچىك بالىلارغا كەچتە تىياتىر قويۇپ بېرىلدى.

     

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئىستانبۇل