قەدىر -قىممەت

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-23 21:16:00

قەدىر -قىممەت قەھرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە جەنۇبىي كالفورنىيە شىتاتىدىكى بىر كىچىك بازارغا بىر توپ ئېچىرقاپ كەتكەن سەرگەردانلار كەپتۇ،ئەينى ۋاقىتتا بۇ بازاردىكى كىشىلەر ئۇلارغا يېمەك-ئىچم...

     قەدىر -قىممەت

         قەھرىتان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە جەنۇبىي كالفورنىيە شىتاتىدىكى بىر كىچىك بازارغا بىر توپ ئېچىرقاپ كەتكەن سەرگەردانلار كەپتۇ،ئەينى ۋاقىتتا بۇ بازاردىكى كىشىلەر ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك بەرگەندە ،خۇددى ئاچ بۆرىدەك يېيىشىپتۇ. ئەمما جېكسون تاغا بىر ياش يىگىتكە يېمەكلىك بەرگەندە ، بۇ ياش يىگىت جېكسون تاغىنىڭ قىلىپ بەرگۈدەك ئىشنىڭ با-يوقلىقىنى سورايدىكەن. جېكسون تاغا(يوق)دەپ جاۋاپ بەرگەندە،ھېلىقى ياش يىگىت ئۇنىڭ سەدىقىسىنى رەت قىلىدىكەن،ئارقىدىنىلا جېكسون تاغا ئۇنىڭغا دۈمبىسىنى تۇتۇپ قويۇشنى ئېيتىدىكەن، بۇ ياش يىگىت شۇندىلا جېكسون تاغا بەرگەن يېمەكلىكنى ئالىدىكەن.ھەمدە جېكسون تاغىنىڭ قوۋرۇغىسىنى تۇتۇپ قويىدىكەن. ھەم جېكسون تاغىنىڭ قورۇسىدا تۇرۇپ قالىدىكەن.
       ئىككى يىلدىن كېيىن ،جېكسون تاغا ئۇنىڭغا قىزىنى يادلىق قىلىپ قويىدىكەن،ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە چوقۇم مىلىيونىر بوللايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
       20 يىلدىن كېيىن ،بۇ ياش پۈتۈن ئامېركىلىقلار ھەۋەس قىلىدىغان بايلىققا ئېرىشىدىكەن.ئۇ دەل نېفىت پادىشاھى خاممېر ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق