تەكشۈرۈش دوكلاتى(فېليەتون)

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-16 23:38:10

تەكشۈرۈش دوكلاتى (فېليەتون) ئۇچار قاناتلارنىڭ پادىشاھى قارچۇغا، قۇشقاچ، سېغىزخان ۋە قاغىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئىككى گۇرۇپپا ئەۋەتىپتۇ. ئىككى گۇرۇپپىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاسمان-زىمىن پەرق...



     

    تەكشۈرۈش دوكلاتى

    (فېليەتون)
     

    ئۇچار قاناتلارنىڭ پادىشاھى قارچۇغا، قۇشقاچ، سېغىزخان ۋە قاغىنىڭ خىزمەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئىككى گۇرۇپپا ئەۋەتىپتۇ. ئىككى گۇرۇپپىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاسمان-زىمىن پەرق قىلىدىكەن.

    بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇنداقكەن:
    قارچۇغا: ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان ھاكاۋۇركەن، ئاممىۋىي ئاساسى يوقكەن.

    قۇشقاچ: پىتنە-پاسات تېرىپلا تۇرىدىكەن، گەپ توشۇپ، چېقىمچىلىق قىلىپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىشقا خۇشتاركەن.

    سېغىزخان: مەيدانى يوقكەن، ياخشىچاق بولىمەنلا، دەپ تۇرىدىكەن.

    قاغا: غەيۋەتخور بىر نېمىكەن.
     

    ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇنداقكەن:
    قارچۇغا: كەسپىي سەۋىيىسى يۇقۇرى، ئالغا ئىنتىلىش روھى كۈچلۈككەن.

    قۇشقاچ: ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈدىكەن، ئاممىۋىي ئاساسى ياخشىكەن.

    سېغىزخان: يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا ماھىركەن، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ياخشىكەن.

    قاغا: پرىنسىپچىلكەن، خەققە يامان بولۇپ قېلىشتىن قورقمايدىكەن.



    مەنبە: «نەسىرلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىل 20-سانى.

    ئاپتورى: خۇاڭ پىڭ
    تەرجىمىدە: ئابلاجان تۇردى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.