ئوتتۇرا يەر دېڭىزى نېمە ئۈچۈن كۆك

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-05 19:47:04

ئوتتۇرا يەر دېڭىزى نېمە ئۈچۈن كۆك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر دائىم پىكىر يۈگۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە «نېمە ئۈچۈن» دەپ سۇئال قويۇپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقىلار ئوتتۇرىغا قويغان سۇئاللارغ...



     

    ئوتتۇرا يەر دېڭىزى نېمە ئۈچۈن كۆك

     

       مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەر دائىم پىكىر يۈگۈزۈشنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە «نېمە ئۈچۈن» دەپ سۇئال قويۇپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقىلار ئوتتۇرىغا قويغان سۇئاللارغىمۇ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ.

      1921 - يىلى، ھىندىستان ئالىمى رامان ئەنگىلىيە خان جەمەتى ئىلمىي جەمئىيىتىدە ئاكۇستىكا ۋە ئوپتىكا توغرىسىدا تەتقىقات دوكلاتى بېرىپ، ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئارقىلىق دۆلىتىگە قايتىدۇ، پالوبىدا ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ يۈرگەن كىشىلەر توپى ئىچىدە ھىندىستانلىق ئانا - بالا ئىككەيلەننىڭ پارىڭى راماننىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

      - ئاپا، بۇ دېڭىزنىڭ ئىسمى نېمە؟

      - ئوتتۇرا يەر دېڭىزى.

      - نېمىشقا ئوتتۇرا يەر دېڭىزى دەيدۇ؟    

      - چۈنكى ئاسىيا -ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرا يەر دېڭىزى دەپ ئاتالغان.

      - نېمىشقا سۈيى كۆك؟

      دەرھال بىرنېمە دېيەلمەي تۇرۇپ قالغان ياش ئانىنىڭ ئىلتىجالىق نەزىرى بىر چەتتە ئۇلارنىڭ پارىڭىنى قىزىقىپ ئاڭلاپ تۇرغان رامان ئەپەندىگە چۈشىدۇ.

      رامان ئوغۇل بالىغا:

      - دېڭىز ئاسماننىڭ رەڭگىنى قايتۇرغانلىقى ئۈچۈن سۈيى كۆك كۆرۈنىدۇ،- دەيدۇ.

      بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بۇ قاراشنى ئېتىراپ قىلاتتى. بۇ قاراشنى ئېتىراپ قىلاتتى. بۇ قارشنى ئەنگىلىيىنىڭ فىزىكا ئالىمى رايلېيگ ئوتتۇرىغا قويغانىدى.ئىنېرىت گازىنى بايقىغانلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بۇ كاتتا ئالىم قۇياش نۇرىنى ئاتمۇسفىرا مۇلىكۇلىلىرى تارقىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت نەزەرىيە ئارقىلىق ئاسماننىڭ رەڭگىنى چۈشەندۈرگەن ئىدى. بۇنىڭدىن شۇنداق ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇكى، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆك بولۇشى ئاسماننىڭ رەڭگىنى قايتۇرغانلىقىدىن كېلىپ چىققان.

      رامان ئانا - بالا بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن نېمىشقىدۇر ئۆزىنىڭ بەرگەن جاۋابىدىن گۇمانلىنىپ قالىدۇ.ئۇ سەبىي بالىنىڭ جاۋابقا ئېرىشىش ئىستىكىدە يانغان كۆزلىرىنى، ۋۇجۇدىدىن قايناپ - تېشىپ تۇرغان «نېمە ئۈچۈن» لەرنى ئويلىغىنىدا، بەكلا خىجالەتچىلىك ئىچىدە قالىدۇ. ئۇ بىر پىشقان، ساپالىق ئالىم سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ، بالىنىڭ ھەممە «بىلىپ بولغان» لىرى ئىچىدىكى «بىلىپ بولمىغان» لىرىنى بىلىشكە ئىنتىلىشتەك قىزىقىشىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ ئىختىيارسىز چۆچۈپ كېتىدۇ.

      رامان كالىكوتتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دېڭىز سۈيىنىڭ نېمىشقا كۆك بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ ۋە رايلېگنىڭ بۇ ھەقتىكى دەلىل ئىسپاتلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى بايقاپ، تەتقىقاتنى يېڭىۋاشتىن قىلىشقا بەل باغلايدۇ.

      ئۇ ئىشنى نۇرنىڭ تارقىلىشى بىلەن سۇ مولېكۇلىلىرىنىڭ بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن باشلاپ، ئېينىشتېيىن قاتارلىقلارنىڭ فلۇكتۇئاتسىيە نەزەرىيسى ئارقىلىق نۇرنىڭ پاكىز سۇ، مۇز پارچىسى ھەمدە باشقا ماتىرياللاردىن ئۆتكەن چاغدىكى چېچىلىش ھادىسىسىنىڭ تولۇق سانلىق مەلۇماتىغا ئىگە بولۇپ، سۇ مولىكۇلىلىرىنىڭ نۇرنىڭ چېچىلىشى بىلەن دېڭىز سۈيىنى كۆك  كۆرسىتىدىغانلىقىنى  بايقايدۇ. بۇنىڭ ئاتمۇسفېرا مولېكۇلىلىرىنىڭ قۇياش نۇرىنى چېچىشىدىن ئاسماننى كۆك كۆرسىتىدىغانلىقى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا قاتتق جىسىم، سۇيۇق جىسىم ۋە گاز جىسىم ئىچىدە ئايرىم - ئايرىم بىر خىل ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولغان نۇرنىڭ چېچىلىش ئېففېكتىنى بايقايدۇ. كېيىن بۇ كىشىلەر تەرىپىدىن «رامان ئېففېكتى» دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ نۇرنىڭ زەررە تەلىماتىنى كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

      ئوتتۇرا يەر دېڭىزى پاراخوتىدىكى ھېلىقى ئوغۇل بالىنىڭ سوئالى 1930- يىلى رامان ئەپەندىنى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى مۇنبىرىگە باشلاپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن رامان ھىندىستان، شۇنداقلا ئاسىيا تارىخىدا مۇشۇ تۈردە كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئالىم بولۇپ قالىدۇ.

      

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.