زادى كىم ئۆزگەردى؟

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 13:42:29

زادى كىم ئۆزگەردى؟ ئېرى دەيدۇ: خوتۇنۇم ئۆزگىرىۋالدى، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈنمۇ كوتۇلداپ كېتىدۇ، بارغانسېرى ئانامغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. خوتۇنى دەيدۇ: ئېرىم ئۆزگىرىۋالدى، كۈن بويى ئويناشنىلا بىلىدۇ،...

       زادى كىم ئۆزگەردى؟

     

    ئېرى دەيدۇ: خوتۇنۇم ئۆزگىرىۋالدى، كىچىككىنە ئىش ئۈچۈنمۇ كوتۇلداپ كېتىدۇ، بارغانسېرى ئانامغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.

    خوتۇنى دەيدۇ: ئېرىم ئۆزگىرىۋالدى، كۈن بويى ئويناشنىلا بىلىدۇ، ئۆينىڭ ئىشى بىلەن كارى يوق، بارغانسېرى ئوغلۇمغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ.

    مۇئەللىم دەيدۇ: ئوقۇغۇچىلار ئۆزگىرىپ كەتتى، ساپاسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى، كىچىكلا تۇرۇپ مۇھەببەتلىشىدۇ، دائىم دەرستىن قالىدۇ، ئاندىن ھەدەپ دەرستىن سىرتقى كۇرۇسلارغا يۈگۈرەيدۇ، ھەقىقىي تىرىشچاملىق كەمچىل.

    ئوقۇغۇچى دەيدۇ: مۇئەللىملەر ئۆزگىرىپ كەتتى، پۇل تېپىشنىلا بىلىدۇ، دەرسنى چىن كۆڭلىدىن، ئەستايىدىل ئۆتمەيدۇ، نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى دەرستىن سىرىتقى كۇرۇسلارغا قالدۇرىدۇ، بىزنىڭ قاتناشماي ئىلاجىمىز يوق، ھېيت-بايراملاردا يەنە«كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلمىساق بولمايدۇ».

    دوختۇر دەيدۇ: بىمارلار ئۆزگەردى، ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش بارغانسېرى تەس بولىۋاتىدۇ، دورىنى كۆپرەك يېزىۋەتسەكلا، قويۇلۇپ كەتتىم دەيدۇ، كىچىككىنە چاتاق چىقسىلا ئەرز قىلىدۇ.

    بىمارلار دەيدۇ: دوختۇرلار ئۆزگىرىپ كەتتى، «ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر»نىڭ ئالىيجاناپلىقىنى ئەمدى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇلار ماشىنىغا تايىنىپ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ، يەنە تېخى «قىزىل بولاق» ئېلىشقا ئامراق.

    سودىگەر دەيدۇ: ئىستېمالچىلار ئۆزگىرىپ كەتتى، بارغانسېرى مالدىن تولا ئېۋەن ئىزدەيدۇ، ھېچنىمىدىن-ھېچنىمە يوقلا ئىستېمالچىلار جەمئىيىتىگە ئەرز قىلىدۇ.

    ئىستېمالچىلار دەيدۇ: سودىگەرلەر ئۆزگىرىپ كەتتى، بارغانسېرى پايدىنىلا كۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتى، پۇل تېپىش يولىدا ھەر قانداق ۋاستىدىن باش تارتمايدۇ، مېلىغا ساختىلىق ئارىلاشتۇرۇپ پۇقرالارغا زىيان سالىدۇ.

    رەھبەرلەر دەيدۇ: ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزگىرىپ كەتتى، ئىشتا ئاكتىپ ئەمەس، ئىلگىرىكىدەك جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەيدىغانلار يوق، يەنە تېخى رەھبەرلەرگە يانىدۇ.

    خادىملار دەيدۇ: رەھبەرلەر ئۆزگىرىپ كەتتى، ئىگىلىك يارىتىش مەزگىلىدىكى جاپاغا چىداش، تۆۋەندىكىلەرنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش دېگەنلەر تارىخقا ئايلىنىپ قالدى، ھازىر ئۇلار ئاسانلا خاپا بولۇپ چېچىلىدىغان، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدىغان بولۇپ كەتتى.

    ئەمەلدارلار دەيدۇ: پۇقرالار ئۆزگىرىپ كەتتى، كىچىككىنە ئىش بولسىلا يۇقىرىغا ئەرز قىلىدۇ، ھەدىسىلا «بىنادىن ئۆزۈمنى تاشلايمەن» دەپ جامائەتنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىدۇ.

    پۇقرالار دەيدۇ: ئەمەلدارلار ئۆزگىرىپ كەتتى، پۇقرالارغا ئاتىدارچىلىق قىلىدىغانلارنى تاپقىلى بولمايدۇ، كۈن بويى مەدھىيلىنىشلىنىلا بىلىدۇ، ئاتالمىش سىياسىي نەتىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىلا قوغلىشىدۇ، ئاستىرتتىن بولسا پارا يېيىشنى، چىرىكلىشىشنى، ئاشنا تۇتۇشنىلا ئويلايدۇ.

     

     


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر فىليەتۇن