دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ چىقالىشىمى

يوللىغۇچى : AlsuyarHasan يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-02 23:41:37

دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىت قۇرۇپ چىقالىشىمىز ھازىرچە خام خىيال «دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىت قۇرۇپ چىقالىشىمىز ھازىرچە خام خىيال، ھازىر جۇڭگود...

    دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا  تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىت قۇرۇپ چىقالىشىمىز ھازىرچە خام خىيال


      «دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا  تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىت قۇرۇپ چىقالىشىمىز ھازىرچە خام خىيال، ھازىر جۇڭگودا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرستىن بىرىمۇ يوق. » بۇسۆزنى بېيجىڭ ئۇنۋېرستىنىڭ سابىق مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى شۈ جىخۇڭ ئەپەندى 12 ـ ئاپرېل ئوتتۇرا جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا ئىنىستۇتى ئۇيۇشتۇرغان «ئىلىم ـ پەن روھى ۋە ئەمەلىيەت» تېمىسىدىكى سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويدى.

     شۈ جىخۇڭنىىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزى تالاي كىشىنىڭ يۈرەك ساداسى ئىدى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئىگەلەيدىغان ،  ئىقتىسادىي جەھەتتىمۇ دۇنيادا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى دېيىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر جۇڭگودا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرالىغۇدەك ئۇنىۋېرستتىن بىرىمۇ يوق. باشقىلارغا نېسىپ بولۇۋاتقان نوبېل مۇكاپاتى بىزگە نەزەر كۆزىنى سېلىپ قويمايۋاتىدۇ. جۇڭگو ئالىي مائارىپنىڭ كۈچ مادارى ئېلىمىزنىڭ «چوڭ دۆلەت» نىڭ ئورنىغا تازا ماس كەلمەيۋاتىدۇ.
       «ئامېرىكا ئاخباراتى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2010 ـ يىللىق ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى يۈز ئورۇنغا، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسېتىتى 56 ـ ئورۇنغا تىزىلىپتۇ. دېمەك، ئىلىمىزدىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ ئىككى ئۇنىۋېرسېتېت ھەتتا ئەللىكنىڭ ئىچىگىمۇ كىرەلمىدى دېگەن گەپ. گەپ تېخى بۇلا ئەمەس، شاڭخەي قاتناش ئۇنۋېرسېتېتىنىڭ ئالىي مائارىپ تەتقىقات ئاكادېمىيسىى تۈزۈپ چىققان «2008 ـ يىلى دۇنيادا ئالدىنقى قاتار تۇرىدىغان 500 ئۇنىۋېرسىتېت» ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسېتىتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسېتى، ئۇنىۋېسىتېتى قاتارلىق داڭلىق ئۇنىۋېرسېتلىرى ئالدىنقى 200 نىڭ ئىچىگىمۇ كىرەلمەپتۇ.
      پېقىر ئۆزۈممۇ ئۇنىۋېرسىتقا ئىشلەيمەن. يېقىنقىي يىللاردا مۇنداق ئويغا كېپقالدىم: ئېلىمىزدىكى ئۇنىۋېرسېتېتلار بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ؛ ئوقۇغۇچىلىرى يلسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ؛ بىنا ـ ئىمارەتلىرى گويا بوي ـ بەستى تولىمۇ قاملاشقان كىيىم مودېللىرىدەك بارغانسېرى ئىگىزلەپ ، چىرايلىقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. بىراق مودېللاردىمۇ چىراي بولغىنى بىلەن بىلىم، روھ، كزىگە خاس خاراكتېر بولمىسا دۇنياغا داڭلدار مودېللاردىن بولالمايدۇـ دە! بىر قىسىم پىروفېسسور ـ مۇتەخەسسىسنى تونۇيمەن. ئۇلارنىڭ نامى چىقىۋاتىدۇ ـ يۇ، ئەمما باش چۆكۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ۋاقتى چىقماي قېلىۋاتىدۇ. قىلدىغىنى ـ ھە دېسىلا تېلېۋىزورغا چىقىش، سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇش، چەت ئەللەردە زىيارەتتە بولۇش، تۈرلۈك پائالىيەتكە قاتنىشىش. ئۇلار ئۈچۈن ئايروپىلان ـ خۇددى كوچىدىكى تاكسى؛ شۇڭاۇلارنىڭ ئاسماندا ئۇچىدىغان ۋاقتى يەردە ماڭغاندىكىندىنمۇ جىق. پىروفېسسور ـ مۇتەخەسسىلەر بەيئەينى سودىگەرلەردەك سودا ۋە مېھماندارچىلىق  بىلەن بوپكىتىۋاتىدۇ؛ قوشۇمچە تاپاۋەت ئىزدەيدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئالىي مەكتەپلەرت ئەمەل ـ مەنسەپ ئېورۇنىغا ئوخشاپ قالغاندەكمۇ قىلىدۇ. مىسالەن، باشقارما دەرىجىلكىك بىر ئورۇننى 40 پىروفېسسورنىڭ تەڭ تالاشقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. ئالىي مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسى بار. ئالايلۇق، مەكتەپ مۇدىرى شۈ جىخۇڭنىڭ دەرىجىسى مىنىستىرگە باراۋەر كېلىدۇ. ئىشقىلىپ ئىلىم سىياسىيغا بېقىنىپ جان ساقلايدۇ. ھەتتا ئىلىم بىلەن سىياسىينى ئايرىغىلى بولمايدۇ؛ ئىلىم يەنە كېلىپ سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئېلىمىزدىكى تالاي دوكتۇرنىڭ ئەمەل ـ مەنسەپتە ئىكەنلىكى بۇنىڭ پولاتتەك پاكىتى. مەنسەپدارلارنىڭ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشى،  ئۇلار يەنە بىر بالداق ئۆرلەشتە ئەسقاتىدىغان پەلەمپەي ـ شوتا، خالاس. نىيەت شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلانرىڭ ئىلىم تەھسىل قىلىشقا نەدىمۇ رايى بولسۇن؟ ئۇنداق ئادەملەر ياقلىغان دېسسىرتاتسىيە قانچىلىق بولماقچىدى؟ شۈ جىخۇڭ : «بېيجىڭ ئۇنىۋېرسېتىتى ئىلىم تەتقىقاتى ماقالىلىرىنىڭ سانى جەھەتتە ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسېتېتى  بىلەن تەڭ تۇرىدۇ» دېگەندەك قىلدى. دۇرۇس، جۇڭگودىكى دوكتۇرلارنىڭ سانى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئاللىقاچان ئېشىپ كەتتى؛ يەنە كېلىپ ئىلىم تەتقىقاتى ماقالىلىرىنىڭ سانى جەھەتتىمۇ دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. لېكىن ئۇنتۇپ قالمايلى؛ جۇڭگونىڭ دوكتۇر، ماگىستىرلىرىنى ئامېرىكىدەك تەرەققىي تاپقان ئەللەر ئېتىراپ قىلمايدۇ.


      شۈ جىخۇڭنىڭ ئېيىشىچە، پۇل بولسىلا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسېتىتلارنى قۇرۇپ چىققىلى بولارمىش. بىراق دۇنيا بانكىسىنىڭ ئالىي مائارىپقا مەسئۇل باشقۇرغۇچىسى جەمىل سەلمى دۇنيادىكى ھەر ق ئايسى ئاساسلىق ئۇنىۋېرسېتىتلارنى تەقتىق قىلىش ئارقىلىق شۇنى بايقاپتۇ: پەقەت پۇل بولسىلا ئىش پۈتمەيدىكەن؛ دۇنيادىكى ئوقۇش پۇلى ئەڭ يۇقۇرى جورجى ۋاشڭگىتون ئۇنىۋېرسىتېتى، كېن يون ئىنىستىتۇتى، بۈك كورنېل ئۇنىۋېرسېتىتى، ۋاسا ئىنىستىتۇتى ۋە ساراھ لاۋرېنىس ئىنىستۇتىتۇتى قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن ئەمەس ئىكەن.
      جۇڭگودىكى داڭلىق ئۇنېۋېرسىتېتلارمۇ پۇلدىن قىسىلىپ قالغان ئەمەس؛ ئۈچ قەۋەتلىك مەكتەپ ئاشخانىسىغىمۇ قوش لىغىت ئورنىتالايدۇ، ئوقۇ ـ ئوقۇتۇشنى باھالىتىش ئۈچۈن نەچچە ئون مىليۇن يۈەننى غىڭ قىلماي خەجلىۋېتەلەيدۇ؛ تەتقىقات خىراجىتىنى «ئوبزار قۇرۇلۇشلىرى» غا ئىككىلەنمەي ئىشلىتىۋېتەلەيدۇ. تەرەققىي تاپقان ئەللەردىكى ئالىي مەكتەپلەرمۇ پۇلدىن قىسىلىپ قالغىنى يوق، ئەلۋەتتە، بىراق، ئۇلاردىكى ئوقۇتۇش بىنالىرىنىڭ بەزىلىرى نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىمۇ ھەم كونا ھەم قالاق. يېقىندا «سۇمۇرغ» تېلېۋىزىيىسىدىن مۇنداق بىر ئەھۋالنى  ئۇقتۇم: گېرمانىيەلىك بىر ئالىمنىڭ دېيىشىچە، گېرمانىيەگە ئوقۇشقا بارغان نۇرغۇن ئاسىيالىق ئوقۇغۇچى كونا ۋە قالاق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى كۆرۈپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپلا كېتىپ قاپتۇ. ئەمەلىيەتتە، گېرمانىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ ـ ئوقۇتۇش، يەنى «يۇمشاق دېتال» جەھەتە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ھەممىزگە ئايان؛ بىنا ـ ئىمارەت، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى، يەنى «قاتتىق دېتال» لىرى كارامەت، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئىلىم مۇۋەپپەقىيىتى جەھەتتە گېرمانىيە مەكتەپلىرىنىڭ قولىغا سۇمۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ.
       دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپلەر بىزدىكى قاتاردا يوق مەكتەپتىن بىر نەچچىنى قوشۇپلا قۇرۇپ چىققان «نۇقتىلىق ئۇنىۋېرسىت» لارغا ئەسلا ئوخشىمايدۇ. دۇنيادىكى داڭدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمى چوڭ ئەمەس؛ ئۇلار ئارىسىدا ئادەم سانى 10 مىڭدىن ئاشىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز. ھالبۇكى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار بىر ـ بىرىدىن چوڭ ۋە ھەيۋەتلىك؛ بىنا ـ ئىمارەتلىرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.ئەمما، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدا ساپاسىز ـ قارا قورساقلارمۇ ئاز ئەمەس. قۇرۇلغۇنىغا 900 يىل بولغان ئوكسفورد ئۇنىۋېرسېتىتىنىڭ بىنا ـ ئىمارەتلىرى گەرچە كونا بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا تەلىم ئالغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك داڭدارلاردىن بولۇپ چىقتى. مىسالەن، يەتتە دۆلەتنىڭ 11 نەپەر پادىشاھى، 47  نەپەر نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى، 19 دۆلەتنىڭ 53 نەپەر رەئىس جۇمھۇرى ۋە باش ۋەزىرى ، 12 نەپەر دانىش، 86 نەپەر باش ئېپسكوپ ۋە 18 نەپەر كاردىنال دەل ئوكسفورد ئۇنىۋېرسېتېتىنى پۈتتۈرگەن. خوش، ئۇنداقتا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسېتېتى دۇنياغا مەشھۇر شەخستىن زادى قانچىنى تەربىيەلەپ چىقالدى؟
      بىز جۇڭگولۇقلار ھە دېسىلا «ئاكاڭ قارىغاي جاھاندا بىر» دەيمىز. دۆلەت پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىكنىڭ بۇ يىل 28 ـ فېۋرال چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 2020 ـ يىلىدىن بۇرۇن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسېتتتىن بىر نەچچىنى قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىمىز جاكارلاندى. بۇ ھال بىزنىڭ بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان، گەپ بىلەن شەھەر ئالىدىغان يەڭگىلتەكلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى. دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسېتىت خىيالىغا كەلگەنچە قۇرۇپ چىققىلى بولىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزۇن زامان تىرىشىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئۆزۈم بىر جۇڭگولۇق بولغىنىم ئۈچۈن، ئېلىمىزدە دۇنيا تونۇغىدەك ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بولۇشىغا تەشنامەن ! ئەمما ـ زە، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ چىقىش، بىز ئۈچۈن ھازىرچە خام خىيالدەك قىلىدۇ.

    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
      خۇجىنلياڭ ئىمزاسىدىكى بۇ مۇلاھىزە «جۇڭگو ياشلىرى گېزىتى»نىڭ 2010 ـ يىل 16 ـ ئاپرېل سانىدىن «فېليەتونلاردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 2010 ـ يىل ئىيۇن سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.