ئاQنىڭ يېڭى تەرجىمھالى

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 23:05:41

ئاQنىڭ يېڭى تەرجىمھالى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا، ئاQ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ جەننەتكە كىرىپتۇ، ئىگىمىز ئەيسا پەيغەمبەر ئۇنى ئۈزۈملۈككە قاراشقا ئەۋەتىپتۇ. ھايات چېغىدا باشقىلار ئۇنى بو...

     ئاQنىڭ يېڭى تەرجىمھالى

     

        ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدا، ئاQ بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ جەننەتكە كىرىپتۇ، ئىگىمىز ئەيسا پەيغەمبەر ئۇنى ئۈزۈملۈككە قاراشقا ئەۋەتىپتۇ. ھايات چېغىدا باشقىلار ئۇنى بوزەك ئېتىپ، كۆزلىرىنى ئالايتىپ مەسخىرە قىلسا پىسەنت قىلمايتتى. ئۆلگەندىن كېيىن ئىگىمىز يېنىغا چاقىرتىپ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۈزۈملۈككە قارايدىغان «باغۋەن» قىلىپ تەيىنلەپتۇ.

    ئۇ جەننەتتە غەم –ئەندىشىسىز تۇرمۇش كەچۈرگەندىن قانائەتلىنەرلىك  ھېس قىلسا بولاتتى. بىراق كۈن بويى قورساق تويغۇزۇپ بىكار يۈرۈۋېرىپ زېرىكىشلىك ھېس قىپتۇ. بۇلۇت كېزىپ ئادىمىزات ئارىسىغا چۈشۈپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بىلىش بىردىنلا خىيالىغا كەپتۇ.

     ئاQ قەۋەت-قەۋەت بىنالارغا، گىرەلىشىپ كەتكەن يوللارغا كەپتۇ. قارىسا ئۇياق-بۇياقلاردا نىئۇن لامپىلار چاقناپ تۇرغان، سان- ساناقسىز ئادەملەر ھەر خىل ماشىنىلارتوختىماي ئۆتۈشىۋاتقان، سودا سارايلىرىدا كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك تاۋالار سېتىلۋاتقۇدەك. بۇنداق ئاۋات مەنزىرىنى كۆرۈپ ئاQ ئەس ھوشىنى يوقىتىپ نە جەنۇب نە شىمال ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قاپتۇ.   شۇنداقتىمۇ كۆڭلى قاتتىق يايراپ كېتىپتۇ. ئۆزىچە كىچىك بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ، ئازراق ئاق ھاراق ۋە خاسىڭ مېغىزى بۇيرۇتۇپ ئۆزى قۇيۇپ ھوزۇرىنى سۈرىۋاتسا يان ئۇرۇندىكى بىر قانچە ياشنىڭ دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانى توغرىسىدىكى مۇنازىرىسى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. ئارىدا بىرسىنىڭ :« دۆلەت مەمۇرلىرى دېگەن بىر ئالتۇن تاۋاق، ئىمتىھاندىن ئۆتسەڭلا تەقدىرىڭنى ئۆزگەرتەلەيسەن.....» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئاQ قاتتىق ھاياجانلىنىپ كېتىپتۇ ۋە سىناپ بېقىپ زىيالىيلىق «خۇمارى»دىن  چىقىشنى قارار قىپتۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇشتىن تارتىپ دەسلەپكى سىناق، قايتا سىناق، يېزىقچە ئىمتىھانغىچە قىيىنچىلىقلارنى ئوڭۇشلۇق يېڭىپ، ھەر قېتىمدا ئۇتۇق قازىنىپ ھەربىر ئۆتكەلدە ئەۋزەللىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئىزچىل ئۈستۈنلۈكنى ساقلاپ، ئەڭ ئاخىردا يۈز تۇرانە ئىمتىھانلا قاپتۇ. ئىمتىھاندا  ئاQ ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇپ سوئاللارغا سۇدەك جاۋاب بېرىپتۇ. كۆڭلىدە نەتىجە شەرەب تاختىسىدا ئىسمىنىڭ چىقىدىغانلىقىغا شۇنداق ئىشىنىپتۇ. بىراق نەتىجە ئېلان قىلىنغاندا ئۇ ئۆتەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ سۈرۈشتۈرسە ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ قايتىشقا مەجبۇر بوپتۇ. كېيىن ھەر تەرەپتىن ئەھۋال ئىگەللەپتۇ. باشقىلار ئۇنىڭغا: ھېچقىسى يوق، «دەسمايە» سالمىساڭ ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ دەپتۇ. ئاQ كۆڭلىدە: ۋاي بوپتۇلا، ھازىرقى جەمئىيەتكە قارىساممۇ« پۇلنىلا تۇنۇپ ئىختىساسلىقلارنى تونۇمايدىكەنغۇ شۇ! »دەپ ئويلاپتۇ.

    دۆلەت مەمۇرلىرى ئىمتىھانىدا مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئاQ ئازراقمۇ ئۈمىدسىزلەنمەپتۇ. جاي-جايلاردا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش خەۋېرى تارقىلىپتۇ. بۇنى ئاڭلاب ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مەلۇم بىر شەھەر ئەتراپىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى ئىلتىماس قىپتۇ. ئۇ خىزمەتتە ئەستايىدىل، بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقىتتىن سىرىت سېمىنا قوشۇپ جاپاغا چىداپ جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ، پايدا زىيان بىلەن ھېسابلاشماپتۇ. بىراق ھەر قىتىم ئۇنىڭ ئىسمى ئىلغارلار تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قاپتۇ. ئارىمىزدا «ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق،ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چۇرۇق»دەيدىغان گەپ بارئىدى. مەن ئوبدان ئىشلىگەن تۇرسام، لىكىن نېمىشقا نەتىجىسى بولمايدۇ! دەپ بەك ئىچى پۇشۇپتۇ. كېيىن «دانالار» نىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دەرھال ھوشىنى تېپىپتۇ. ئەسلىدە ئىلغارلار ۋە ئۈلگىلىك تىپلارنى تاللاشتا نەتىجىنىلا ھېسابلىمايدىغانلىقىنى، يەنە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت ئامىلنىڭمۇ بارلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ. ئاQنىڭ بىرىنچىدىن يۆلەنگۈدەك ئارقا تېرىكى يوق ئىدى؛ ئىككىنچىدىن مال-مۈلكى ۋە بايلىقى بولمىغاچقا باشقىلارنىڭ «بايقىماسلىقى» تەبىئىي ئىدى. كىشىلەر مەكتەپنى بىلىم ئالىدىغان بوستانلىق، ئادەم تەربىيلەيدىغان پاك دۇنيا دەپ كەلگەن. قارىساممۇ دىندىن خالىي قىيانلار بۇ يەرنى تەدرىجى ئۇپرىتىۋېتىپتۇ دەپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ كېتىپ قاپتۇ.

    ئىككى قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئاQغا تېخىمۇ ئەقىل كىرىپتۇ. مانا، بۇ نۆۋەت كەنتتە نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمى ئۆتكۈزىلىدىغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئۇيەر بۇيەردىن ئازراق بولسىمۇ پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىپ، ئوقۇتقۇچلىق قىلغاندىكى «دانالار»نىڭ دېگىنىدەك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە تاينىپ كەنىتتە بىرىنچى قول رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىپتۇ. ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن«چوڭ ئىشلارنى قىلىپ خەلققە بەخىت يارىتىمەن »دەپ بەك كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر  ھال- ئەھۋال سوراپ كەپتۇ، ئۇلار كېتەي دېگەندە چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بوپقالغانىدى. ئاQ كەنت ئاشپىزىگە تاماق تۈرىنى ئۈچ خىل سەي، بىر شورپا قىلىپ كۆپەيتىپ تەييارلاشقا بۇيرۇپ، رەھبەرلەرنىڭ قورسىقىنى تويغۇزماقچى بوپتۇ.(ئەسلىدە كەنىت غىزالىنىش ئۆلچىمى بىر سەي، بىر شورپا بولۇپ، قوشۇلغان تاماق خىراجىتىنى ئاQ ئىش ھەققىدىن چىقارماقچىكەن) بۇنى كۆرگەن كەنىت مۇدىرى ئاS دەرھال ئۇنىڭ سەمىگە سېلىپ:« بۇرۇن يوقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر كەنتىمىزگە كەلسە رەھبەرلەرنى ناھىيە بازىرىدىكى رېستۇرانلارغا ئاپىرىپ، تويغۇچە يېگۈزۈپ قانغۇچە ئىچكۈزۈپ، ئوبدان يۇيۇندۇرۇپ، پۇخادىن چىققۇچە ئوينىتاتتۇق. بۇنداق قىلمىساق خىزمەتتە پۇت تېرەپ تۇرغىلى بولمايتتى!.......» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئاQ قەتئىيلىك بىلەن:« بۇرۇنقى ۋاقىت  دىگەن بۇرۇنقى ۋاقىت، بۈگۈندىن باشلاپ كىم كېلىشىدىن قەتئىينەزەر تاماق تۈرىنى ئۈچ خىل سەي، بىر شورپا قىلىپ كۆپەيتىپ چىقىرىسىلەر....» دەپتۇ. كەنت مۇدىرى ئاQ بۇرنىغا يەپ  كەيپى ئۇچقان ھالدا كېتىپ قاپتۇ.

       كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يىللىق سىناق ۋاقتى كەپتۇ. ئاQ ئىشلەۋاتقان ئىلغار كەنت سىناقتا ئاخىردىن سانىغاندا 1-ئورۇنغا چۈشۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سېرىق بايراق بېرىلىپتۇ. يەنە تېخى يېزىنىڭ يىللىق خولاسە يىغىنىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلىشى كېرەك ئىكەن. قولىدا بىرمۇنچە سېرىق بايراق تۇتۇۋالغان ئا Q نىڭ چىرايى تاتىرىپ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئا Qئالدىن  كۆرەلەيدىغان ئاA نى تېپىپ دەردىنى تۆكۈپ :« كەنتىمىزنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يوقىرى دەرىجىلىكنىڭ يىل بېشىدا چۈشۈرۈپ بەرگەن كۆرسەتكۈچىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلىدۇق، كىشى بېشى ئوتتۇرچە كىرىمىمۇ يىللاردىكىگە قارىغاندا  800يۈەندىن كۆپرەك ئاشتى. بىراق.....» ئاA ئاQ نىڭ گېپىنى تىزدىنلا ئۈزۈپ: «ھازىر خىزمەتتە ئەمىلىي قىلغان ھېساب ئەمەس، يولىنى قىلىپ سوغا-سالام بەرسەڭ كۆرۈنىسەن. ھازىر ئوبدان كادىر بولىمەن دەيدىكەنسەن جۈرئەتلىك، قارا كۆڭۈل، قاتتىق قول، ئۆتكۈر كۆزۈلۈك بولۇشى كېرەك، بۇ ئەمەلدارلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قانۇنىيەت» دەپتۇ.

    ئاخشىمى ئا Qكارۋاتتا يېتىپ، بۇلارنى تەپسىلى سېلىشتۇرۇپ كۆڭلىدە بىرىنچىدىن، مەن سەل جۈرئەتسىزكەنمەن، پارا ئالغۇدەك يۈرىكىممۇ يوقكەن؛ ئىككىنچىدىن، كۆڭلۈم تازا قارا ئەمەسكەن، ھۆكۈمەت ئىشىدا يان باسماي ئادىل ئىشلەپتىمەن؛ ئۈچۈنچىدىن، تازا قاتتىق قول ئەمەسكەنمەن، ۋىجدان بىلەن ئىش بېجىرىپتىمەن؛ تۆتىنچىدىن، كۆزۈم تازا ئۆتكۈر ئەمەسكەن، شامالغا بېقىپ ئىش كۆرمەپتىمەن، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلماپتىمەن دەپ .......قارارغا كەپتۇ.

    ئىككىنچى كۈنى ئەتتىگەندە، كەنىتتىكىلەر ئا Qنىڭ كەنىت كوممىتىتىنىڭ قورۇ تېمىغا چاپلاپ قويغان ۋە چوڭ دەرۋازىغا ئېسىپ قويغان «خوشلىشىش خېتى»نى كۆرۈپ، تەرەپ تەرەپتىن ئىزدىسىمۇ ئا Qنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالماپتۇ.

    ئا Qجەننەتكە قايتىپ ئەيسا پەيغەمبەردىن خاتالىقىنى تونۇپ پۇشايمان قىپتۇ. شۇندىن باشلاپ ئا Q ئۈزۈملۈكنى تېخىمۇ ئەستايىدىل بېقىپ شادىمان «باغۋەن»گە ئايلىنىپتۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.