ئىمتىياز- باراۋەرلىكنىڭ گۆركارى

يوللىغۇچى : Ezize يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-23 19:35:47

ئىمتىياز-باراۋەرلىكنىڭ گۆركارى ھازىرقى زاماندىكى باراۋەرلىكنىڭ مەنىسى ئاساسەن مۇنداق ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتىكى باراۋەرلىك: باراۋەر بولغان سايلاش ھوقۇقى، يەنى ...



        

       

    ئىمتىياز-باراۋەرلىكنىڭ گۆركارى

     

     

       ھازىرقى زاماندىكى باراۋەرلىكنىڭ مەنىسى ئاساسەن مۇنداق ئۈچ جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتىكى باراۋەرلىك: باراۋەر بولغان سايلاش ھوقۇقى، يەنى سايلاش ھوقۇقىنى ھەر بىر ئادەمگىچە كېڭەيتىش، مانا بۇ سىياسىي ئەركىنلىكنىڭ بىر تەشكىلى قىسىمى؛ ئىككىنچى، ئىجتىمائىي باراۋەرلىك: يەنى سالاھىيەت بىلەن قەدىر-قىممەتكە باراۋەر بولۇش، سىنىپى مال-دۇنياسىدىكى پەرق، پەرق ھېسابلانمايدىغانبولۇش؛ ئۈچىنچى، پۇرسەتتىكى باراۋەرلىك: ھەر بىر ئادەم ئوخشاش ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش، يەنى ئۆزىنىڭ تۆھپىسىگە ئاساسەن مۇناسىپ جاۋابقا ئېرىشىش.

       سىياسىي جەھەتتىن باراۋەر بولۇش ئۈچۈن، ھەر قانداق شەخس، تەشكىلات، گۇرۇھ ھوقۇقنى مونوپۇل قىلىۋالماسلىق، يەنى گەرچە ئۇ، ئالەمنى تاڭ قالدۇرىدىغان ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىنى مونوپول قىلىۋالماسلىق، مىراس قالىدىغان ئىشنى تېخىمۇ قىلماسلىقى لازىم. سايلاش ھوقۇقىنى ھەر بىر ئادەمگىچە كېڭەيتىش- يەنى ئومۇمى سايلام ئېلىپ بېرىش دېگەنلىك. ھەر قانداق ئادەمنىڭ سايلاش ھوقۇقىنى باشقىلار ئىگىلىۋالماسلىق، مۇقەددەس نىشان ئۈچۈن دەپ ئىگىلىۋالماسلىق كېرەك؛ ئالدىن بىلگۈچىلەرنى كېيىن بىلىدىغانلارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان، ئۆزىمۇ تۇيمايلا قالىدىغان سايلاش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمەسلىك لازىم. مەلۇملارنىڭ سايلاش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشنى خالىماسلىقى، سايلاش ھوقۇقىنى ئىشلەتكۈسى يوقلۇقى، سايلاش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشنى بىلمەسلىكى تۈپەيلىدىن نەق مەيداندا مەۋجۇت بولمىغان سايلاش ھوقۇقىنى مەلۇم ئادەملەرنىڭ سايلاش ھوقۇقىنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەسلىك كېرەك. سايلاش ھوقۇقى دېگەن، سايلاش ھوقۇقى، بۇ ئاساسى قانۇن بەرگەن ھوقۇق، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋېلىش- ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق. سايلاش ھوقۇقىنى ئىگىلىۋېلىش- ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن شۇغۇللانغانلىقتۇر. سايلاش ھوقۇقىنى ئورنىنى ئىگىلىۋېلىش- خەلق رايىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىۋالغانلىق، يەنى زورلۇق كۈچى بىلەن سىياسىي ئەركىنلىكنى تارتىۋالغانلىق. سايلاش ھوقۇقى ئىگىلىۋېلىنسا، قۇللۇققا بىر قەدەم يېقىنلىشىپ، دېمۇكراتىيەدىن بىر قەدەم يىراقلىشىدىغان گەپ.

        ئىجتىمائىي باراۋەرلىك دېگىنىمىز، ھەر بىر ئادەم مەقسەت، ئەمما ۋاسىتە ئەمەس دېگەننى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ۋاسىتە دېيىش توغرا كەلسە، ھۆكۈمەت ۋاسىتە، سىياسىي پارتىيە ۋاسىتە بولىدۇ. ھەر قانداق ئادەم سالاھىيەت ۋە قەدىر-قىممەتتە باراۋەردۇر، ئۇ ھەرگىز يۇقىرى-تۆۋەن، ئېسىل-پەس دەپ ئايرىلمايدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتى باراۋەر بولۇپ، ھەر بىر ئادەم باراۋەر ھۆرمەتلىنىشى لازىم. مال-دۇنياسى بىلەن ئادەملەرنى دەرىجىگە ئايرىش؛ ئەمىلىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئادەملەرنىڭ قىممىتىنى باھالاشلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانىي قەدىر-قىممەتكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىقتۇر. ھەممىسى ئوخشاش جان تۇرۇقلۇق باھاسى ئوخشىماسلىق، ئەمەلدارلار تاجىسى بىلەن جىنايى جازانى ئالماشتۇرۇش، ھەتتا چىن لىياڭيۈ تۈرمىدە يېتىپ تۇرۇپمۇ ھەر كۈنى 200 يۈەن ئۆلچىمىدىكى تاماقتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىجىتىمائىي باراۋەرلىككە تەپ تارتماي ئاغدۇرمىچىلىق قىلغانلىق. دادىسى قەھرىمان بولسا ئوغلى ئەزىمەت، دادىسى يارىماس بولسا ئوغلى دۆت بوپتۇ، دېگەنلەر بىمەنە قانداشلىق نەزەرىيىسىدۇر. دادىسى ئەمەلدار بولسا، ئوغلىمۇ ئەمەلدار بولۇر، دادىسى چوڭ ئەمەل تۇتسا ئوغلىمۇ چوڭ ئەمەل تۇتۇر، دادىسىنىڭ ئەمىلى كىچىك بولسا، ئوغلى كىچىك ئەمەل تۇتۇر. دادىسى ئەمەل تۇتمىسىمۇ ئوغلى ئەمەل تۇتۇشنى ئويلىسا، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئادەملەر قوشۇنى ئەمەل كۆۋرۈكىگە قىتىلىۋالسا، بۇ ئەلۋەتتە ئىجتىمائىي ئىمتىيازنىڭ كۆپۈپ ئەۋجىگە چىققانلىقىنىڭ نەتىجىسىدۇر. «سىلەر دېگەن ئوسۇرۇققا ھېساب»، «پارتىيە ئۈچۈن گەپ قىلامسەن ياكى پۇقرا ئۈچۈن سۆزلەمسەن» دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئالاھىدە ئىمتىياز خورىكىنىڭ تېخىمۇ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىدۇر. پارتىيە مەلۇم ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە سالاھىيەت ياكى قەدىر-قىممەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ، پۇقرالارنى بۇلغانغان ۋە تاشلىۋېتىلگەن براكلارغا قارىتا قوشۇۋېتىش ئىجتىمائىي باراۋەرلىككە قىلغان ئاسىيلىقتۇر.

        پۇرسەتتە باراۋەر بولۇش ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشكەندىلا، ئاندىن ئېتىراپ قىلىشقا، مۇكاپاتقا نائىل بولالايسەن، دېگەنلىك بولۇپ، ئۇ ھەر بىر ئادەمدىكى يۇشۇرۇن كۈچنى باراۋەر تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. پۇرسەتتە باراۋەر بولماسلىقنىڭ بازار ئىگىلىگى جەريانىدىكى روشەن ئىپادىسى: ھوقۇق بىلەن ئابروينىڭ بىرلىشىۋېلىشى، ھوقۇق بىلەن ئابرۇي كاپىتالى، ھوقۇق بىلەن ئابرۇي ئىقتىسادى قاتارلىقلاردۇر. شۇنىڭ بىلەن بەزىبىر ھوقۇقى بار ئادەملەر ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، غايەت زور يۇشۇرۇن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە- %0.4 ئادەم %70 بايلىقنى ئىگىلىۋالىدۇ. بۇ ئىش تىزگىنلەنمەي كېتىۋېرىدىغان بولسا، بۇ ئادەتتىكى ئېغىر ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىش بولماستىن، بەلكى تولىمۇ ئېغىر بولغان ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلىشتۇر، شۇنداقلا بۇ، بىر قۇتۇپتىكى كەمبەغەللەر، يەنە بىر قۇتۇپتىكىسى بايلار مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى بىر قۇتۇپتىكىسى كەمبەغەللەر، يەنە بىر قۇتۇپتىكىسى بىر قىسىم ئەمەلدار بايلار مەسىلىسىدۇر. بۇ ئەمەلدار بايلار ئوتتۇرىدىكلەر بولماستىن، بەلكى ئەمەلىي مەنپەئەتكە ئېرشكۈچىگە قائىدە تۈزگۈزۈش- يولۋاس بىلەن تېرىسى ھەققىدە سودلاشقاندەك بىر ئىش، خالاس. ئىلگىرى، ئەمەلدارلار بىلەن سودىگەرلەر تىل بىرىكتۈرۈۋالدى، دېيىلەتتى. ھازىر بولسا تىل بىرىكتۈرۈپ ئاۋارە بولمايلا ئاللىقاچان بىرلىشىپ كەتتى. دادىسى ئەمەلدار بولسا، ئوغلى سودىگەر، ئېرى ئەمەلدار بولسا، خوتۇنى سودىگەر، توقال- ئويناشلىرىمۇ سودىگەر تۇرسا، بۇ ئادەملەردىن ئاز-تولا بولسىمۇ باراۋەر ئىشلارنى قىلىدۇ دەپ ئۈمىد كۈتۈش- ساراڭنىڭ چۈشەكىگىنىدەك بىر ئىش. ئۇلار تېخىمۇ چوڭ تەڭسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

        بۇ ئۈچ خىلنىڭ ھەممىسى ئىمتىياز بىلەن قارمۇ قارشى مەيداندا تۇرىدۇ. بىرىنچى خىلى، سىياسىي ئىمتىيازغا قارشى تۇرىدۇ. ئىككىنچى خىلى، ئىجتىمائىي ئىمتىيازغا قارشى تۇرىدۇ. ئۈچىنچى خىلى، ئىقتىسادىي ئىمتىيازغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگودىكى ئىمتىياز ئاساسلىقى ئەمەلدارلىق ئىمتىيازى. شۇڭا ئىمتىيازغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئۆزى ئەمەلدارلارنىڭ ئىمتىيازىغا قارشى تۇرۇشتۇر. بۇنداق ئىمتىياز ھەممىلا ئەمەلداردا بولۇشى ناتايىن بولسىمۇ، ئەمما ئالدىدىكىسى چىرىكلەشسە، كېيىنكىسى ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان خەتەرلىك ئەھۋالنىڭمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. كىسەل تەرەققىي قىلىپ راك باسقۇچىغا يەتكەندە، ئۇنى ساقايتىش مۈشكۈل. بىر ئادەمنى ساقايتىشنىڭ تەسلىكى، بىر ئىمتىياز قاتلىمىنى ساقايتىشنىڭ تېخىمۇ تەس ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى جىددىي ئىش شۇكى، دەرھال دورا يەپ، ئوكۇل ئۇردۇرىشىمىز كېرەك. ئەڭ ياخشى ئوكۇل- دورا- ئاساسى قانۇنلۇق سىياسەت ۋە قانۇن-تۈزۈم. ئۇنداق قىلماي، ھەر قانچە يامان تۆشىگەن بىلەنمۇ، بۇ خۇددى كۈدە ئورۇغاندەك بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ- دە، كېسەلنى داۋالىدۇق دېگەن بىلەن جاننى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. ئاقىۋەتتە يالماپ يۇتۇۋەتكىنىمىز باراۋەرلىك بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمىزمۇ نابۇت بولىمىز.

        -----------------------

         مۇ رەن ئىمزالىقىدىكى بۇ يازما «فىليەتونلار گېزىتى» نىڭ 2009- يىللىق 25- ئاۋغۇست (2151-سان) سانى 1- بەت باش ئىستونىدىن راخمانجان رۇسۇل سۇلتانى تەرجىمە قىلغان. تىلىماچ: شىنجاڭ يىزا ئىگىلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە مەكتىپى پەيزىۋەت شۆبىسىدىن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.