ئىنساپ

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-02 23:28:46

ئىنساپ دېگەن نېمە؟ئىنساپ دېگەن پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان بىر نەرسە. ئۇ پىشىپ يېتىلگەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ جەۋھىرىدۇر.پۇلى بار بولسىلا ئىنسابلىق بولماس، گاداي بولسىلا ئىنساپسىز بولماس.................

    ئىنساپ دېگەن نېمە؟
    ئىنساپ دېگەن پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان بىر نەرسە. ئۇ پىشىپ يېتىلگەن ئەقىل-پاراسەتنىڭ جەۋھىرىدۇر.
    پۇلى بار بولسىلا ئىنسابلىق بولماس، گاداي بولسىلا ئىنساپسىز بولماس.
    ..............................................................................

    ھەرقانداق بىر گۈزەل گۈزەل نەرسىنىڭمۇ سەت كۆرۈمسىز تەرىپى بولىدۇ. ھەرقانداق بىر قۇدىرەتلىك نەرسىنىڭمۇ ئاجىز بىر تەرىپى بولىدۇ. سىز بىرەر نەرسىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىمەن دەپ ئويلايدىكەنسىز، ئۇنىڭ سەت تەرىپىنى كۆرەلىشىڭىز ھەمدە ئۇنى ئۆزگەرتىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ. قۇدىرەتلىك دۈشمىنىڭىز ئۈستىدىن غالىپ كەلمەكچى بولسىڭىز، ئالدى بىلەن سىز ئۇنىڭ ئەڭ ئاجىز تەرىپىنى بىلىشىڭىز، شۇ يەرنى جەڭ مەيدانى قىلىشىڭىز كېرەك.

    ................................................................

    بىلىم دېگەن مېنىڭدە كۆپ دېگەن كىشىلەر بىلىمى ئەڭ كەمچىل كىشىلەردۇر. بىلىم ئېغىزدا بولمايدۇ، بەلكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن بولىدۇ. ئىجتىمائىي بىلىم ئىككى ئىىل بولىدۇ. بىرى ئەمەلىي بىلىم- بۇ چەكلىك بىلىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ بىر كىشىنىڭ مەلۇم بىر شارائىتتا ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن ئالغان ياكى ئۆز ئەمگىكىنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنىڭ تېخنىكىسىنىڭ يەكۈنىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىرى نەزىرىيىۋى بىلىم- يەنى چەكسىز بىلىم. بۇ بىر كىشىنىڭ مۇئەييەن بىر شارائىتتا ۋاسىتىلىق ئۆگەنگەن كىتابى نەزىرىيىۋى بىلىمنى كۆرسىتىدۇ.
    نەزىرىيىۋى بىلىم بىلەن .ئەمەلىي بىلىم بىرلىشىپ ئىەىلىگەن كىشى قۇدىرەتلىك كىشى ھېسابلىنىدۇ.
    ..............................................................................................................

    ئېغىرلىق ۋە يەڭگىللىك

    ئالتۇن ئۆز ئېغىرلىقى ۋە پارقىراقلىقى ساپلىقى بىلەن قىممەتلىكتۇر.
    ئۇ يەردە بولۇپ قالسىمۇ كىشىلەر ئۇنى دەسىۋەتمەيدۇ.
    ياپراق ناھايىتى يەڭگىل. سەل-پەل شەپىدىنمۇ ئۇچۇپ يۈرۈپ، ئاياق ئاستىدا دەسسىلىپ خارلىنىپ قالىدۇ. ھۆرمەتلىكلەر سىز ئۆز قىممىتىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇراي دەيدىكەنسىز،
    ئېغىر، سالماقلىقىڭىزنى ساقلاپ قېلىپ، يېنىكلىك ئالدىراڭغۇلىڭىزنى شاللاپ تاشلاڭ.
    ................................................

    پەرۋىش ۋە تەربىيە

    بىر تۈپ كۆچەتنى ياخشى ماتېرىيال قىلىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلىش لازىم. ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ فىزولوگىيىلىك خۇسۇسىيىتىنى ئوبدان بىلىشىمىز لازىم. سىز ئۇنى »تۈپ-تۈز ھەم ئۇزۇن كېرەكلىك قىلىمەن» دەپ ھەددىدىن زىيادە پۇتاپ، ھەممە شاخلىرىنى كېسىپ تاشلىسىڭىز، ئۇ كۆچەت تۈز ئۆسۈشى ئۇياقتا تۇرسۇن، قۇرۇپ قاخشال بولۇپ قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆسىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پۇتاشنى ھەرگىزمۇ قىلماسلىق لازىم.
    ......................................................................................................

    تۇرمۇشتا قانچە- قانچىلىغان ئازابلار سىزنى قىينايدۇ. ھەسىرەتلىك كۈنلەر سىزنى يۈتۈپ كېتىدۇ، چۈنكى تۇرمۇشىڭىزدىكى ھەسىرەتلىك كۈنلەر يىلدەك، ھەتتا نەچچە ئون يىلدەك بىلىنىپ، سىزگە تاغاق-تاغاق قورۇقلارنى گۈزەل ھۆسنىڭىزگە ئاتا قىلىپ، سىزنى بىراقلا قېرىتىۋېتىدۇ. تۇرمۇش، ۋاقىت دېگەنلەر ئەنە شۇنداق رەھىمسىز. ئۇ سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، ئەكسىچە سىز ئۇنى ھامان بىر كېتىم بېشىڭىزدىن كەچۈرىسىز.
    .........................................................................................................................

    ھەسەل-ھەرىسى تىنىم تاپماي ھەرىكەت قىلىپ ھەسەل يېغىشى كېرەك، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
    ئادەم بالىسى تىنىم تاپماي بىلىم ئېلىشى كېرەك، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

    ........................................................................................................

    كاللەك- كاللەك ئالتۇن تاپساڭ ھاياتلىغىڭدا،
    شور تۇپراقتەك تۈگەر ئۇچۇپ ماماتلىقىڭدا.
    ئېلىپ ئىلىم ھېكمەت يازساڭ ۋاراق ئەسەر
    ئۆلسەڭ ئۆزۈڭ، سۆزلەپ تىلىڭ ھايات دىلىڭ بار،
    ھايات قالغان تىلىڭىز سۆزلەيدۇ تىنماي،
    ئېلىپ ئىلىم ئۆرلەيدۇ ئەجدادىڭ ھارماي. 


    خاتىرەمدىن
    ...............
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر