ئۇلۇغ تراگېدىيە

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-14 19:36:35

ئۇلۇغ تراگېدىيە سىتفان زىۋىگ(ئاۋىستىرىيە)تەرجىمە قىلغۇچى : رەيھانگۈل ياسىن1912-يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى سكوت ھەمراھلىرى بىلەن شۇنچە ئىنتىزار بولغان ئاشۇ مەنزىلگە تىزراق يىتىش ئۈچۈن ئادەتتىكىدىن خې...

     



     

    ئۇلۇغ تراگېدىيە

    سىتفان زىۋىگ(ئاۋىستىرىيە)

    تەرجىمە قىلغۇچى : رەيھانگۈل ياسىن 

     

    1912-يىلى 1- ئاينىڭ 12- كۈنى سكوت ھەمراھلىرى بىلەن شۇنچە ئىنتىزار بولغان ئاشۇ مەنزىلگە تىزراق يىتىش ئۈچۈن ئادەتتىكىدىن خېلىلا بالدۇر يولغا چىقتى، تەقەززالىق تۇيغۇسى ئۇلارنى تۆشەكتىن سۆرەپ چىققانىدى، جاسارەتلىك بۇ بەش كىشى چۈشكىچە 14 كىلومېتىر ماڭدى .ئۇلار ئەزەلدىن ئادىمزات ئاياغ باسمىغان بۇ قارلىق دالىدا تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كىتۋاتاتتى، چۈنكى مەنزىلگە ئازلا قالدى، شۇتاپتا  ئىنسانىيەت ئۈچۈن  قىلىنغان بۇ ئۇلۇغ ئىش  تاماملىنىدىغاندەك قىلاتتى . لېكىن، ھەمراھلاردىن بورىس تۇيۇقسىز بىئارام بولۇشقا باشلىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرى چەكسىز قارلىقتىكى كىچىككىنە قارا چېكىتكە تىكىلگەن ئىدى، بۇيەرگە بىرى يول بەلگىسى قاداپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، دىگەن پەرىزىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى . دەل شۇ پەيىتتە باشقىلارمۇ ئەندىشە بىلەن شۇنى ئويلاپ ئۈلگۈردى، ئۇلارنىڭ كۆڭلى ساراسىمىگە چۈشكەن بولسمۇ، خۇددى روبىنزون قاقاس ئارالدا يۇچۇن ئىزنى كۆرگەندە «بۇ ئۆزەمنىڭ ئىزى بۇلوشى مۇمكىن » دەپ ئويلىغاندەك، ئىمكان قەدەر ئۆزلىرىگە تەسەللىي بىرىشەتتى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە شۇنىسى ئايانكى، ئامىنسون باشچىلىقىدىكى نورۋېگىيلىكلەر بۇيەرگە ئۇلاردىن بالدۇر كېلىپ بولغان .

    ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، سانجىپ قويۇلغان چاڭغا تايىقى ، قارا بايراق ، بارگاھ تاشلاندۇقلىرى- چاڭغا ۋە نۇرغۇن ئىتلارنىڭ ئىزلىرىنى كۆردى. بۇ رەھىمسىز پاكىت ئالدىدا، ئامىنسۇننىڭ بۇ يەردە بارگاھ تىككەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا ئۇرۇن قالمىدى . ئەلمىساقتىن بىرى، ئىنسان ئايىقى تەگمىگەن ، كىشىلەر كۆرۈپ باقمىغان جەنۇبى قۇتۇپنى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە-- بىر ئايدا كىشىلەر ئىككى قېتىم كۆردى .

    بۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان، تەسەۋۇر قىلغۇسىز مۆجىزە ئىدى، ئۇلار ئىككىنچى تۈركۈمدە كەلگەنلەر بولۇپ، پەقەت بىر ئايلا كېچىككەنىدى، ئۈتكەن ۋاقىتنى نەچچە مىليۇن ئايلار بىلەن ھېسابلىغىلى بولسىمۇ، ھازىرقى بۇ بىر ئاي تۇلىمۇ كېچىكىپ كەتكەندەك بىلىنەتتى. ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن ، تۇنجى يىتىپ كەلگۈچى ھەممە نەرسىگە ئىگە بولىدۇ، ئىككىنچى بولۇپ يىتىپ كەلگۈچى ھېچنىمىگە ھېساب ئەمەس. ھەممە تىرىشچانلىق بىكار بولغان بولىدۇ، تارىتقان جاپا-مۇشەقەتلەر تولىمۇ كۈلكىلىك بىمەنە تۇيۇلىدۇ. نەچچە ھەپتىلەپ، ئايلاپ، يىللاپ كۈتكەن ئۈمىدلەرنى ئەخمىقانىلىك دېيىشكە بولىدۇ، «كۆپ جەبرى-جاپا، ئازاب-ئۇقۇبەت، كۆڭۈلسىزلىكلەرنى باشتىن كەچۈردۇق، دالىدا تۈنىدۇق، بۇلار زادى نىمە ئۈچۈن ؟ ئاشۇ ئارزۇلار ئۈچۈن ئەمەسمىدى،ئەمدىلىكتە بۇ ئارزۇلار پۈتۈنلەي يوققا چىقتى. » -- سكوت خاتىرىسىگە شۇنداق دەپ يازدى، كۆزلىرىدىن ياش تۈكۈلدى، شۇنچىلىك  ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ بۇ كېچە ئۇلار تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى، جازاغا ھۆكۈم قىلىنغاندەك ئۈمىدسىزلەندى. مەنزىلگە يىتىدىغان ئاخىرقى مىنۇتلاردا  كۆڭلى غەش بولدى، ئەپسۇس، بۇرۇن ئۇلار بۇ يەرگە «ھۇررا » دەپ توۋلاپ ئېتىلىشنى ئويلىغانىدى،  ئەمدىلىكتە ھېچكىممۇ بىر-بىرىگە قانداق تەسەللىي بىرىشنى بىلەلمەي، ماغدۇرسىز پۇتلىرىنى سۆرەپ ئاران ماڭاتتى، دېڭىز ئارمىيسىنىڭ پولكۇۋنىكى ۋە ئۇنىڭ تۆت ھەمراھى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى مەنزىلگە يىتىپ كەلدى، ئۇلار تۈنجى بۇلۇپ كەلگەنلەر بولمىغاچقا، ھېچ نەرسە ئۆزگىچە بىلىنمىدى ، كۆڭلىنى غەش قىلغان بۇجايغا سۇغۇق نەزەر بىلەن قاراپ قويدى، «بۇيەردە ھېچنىمە كۆرۈنمەيدۇ، ئادەمنى قورقۇتۇپ شۈركەندۈرىدىغان نەچچە كۈن ئاۋۋالقى مەنىسىزلىكتىن ھېچقانچە پەرقى يوق .»-- مانا بۇ روبېرىت فولىكىس سىكوتنىڭ ئاخىرقى مەنزىل توغرىسىدىكى بايانى. ئۇلارنىڭ بايقىغىنى تەبىئەت دۇنياسى ئاپىرىدە قىلغان نەرسە بولماستىن، رەقىبى ئامىنسوننىڭ تىكىپ قويغان نورۋىگىيە دۆلەت بايرىقى لەپىلدەۋاتقان چېدىر بولدى. ئىنسانىيەت بۈسۈپ كىرگەن بۇ «قەلئە»دە نورۋىگىيە بايرىقى ھەيۋە كۆرسىتىپ كۆرەڭلەپ، پاراسلاپ لەپىلدەيتتى،  تۈنجى قېتىم كەلگەنلەر بۇيەردە بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ قويغانىدى، ئۇلار كېيىن بۇيەرگە باشقىلارنىڭمۇ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، خېتىدە  مۇشۇ خەتنى نورۋىگىيىنىڭ پادىشاھى خائاكونغا ئالغاچ بېرىشنى ئۆتۈنگەنىدى، سكوت بۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلدى، سادىقلىق بىلەن ئادا قىلماقچى ھەم باشقىلار ئۇرۇنلىغان ۋەزىپىگە خەلقى ئالەم ئالدىدا شاھىت بولماقچى بولدى، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىش ئۇ قىلىش ئۈچۈن ئوتتەك ئىنتىلگەن ئىش ئىدى.

    ئۇلار مەيۈسلىنىپ ،ئامىنسوننىڭ غەلبە بايرىقى يېنىغا ئەنگىلىينىڭ لاغايلاپ يۈرۈپ كىچىكىپ كەلگەن «بىرلەشمە پادىشاھلىق بايرىقى» نى تىكىپ قۇيۇپ، «ئۇلۇغۋار ئىرادىسىنى بەربات قىلغان » بۇ جايدىن ئايرىلدى . كەينىدىن شىۋىرغان ھۇۋلاپ تۇراتتى، سىكوت بىر شۇملۇقنى تۇيغاندەك، خاتىرسىگە: «قايتىش يولىمىزنىڭ ئىنتايىن مۈشكۈل بولىدىغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن » دەپ يازدى .

    قايتىشتا خەتەر ئون ھەسسە ئاشتى، ئۇلار يۇلىدا كومپاسقا قاراپ ماڭدى، ئەمدى بۇرۇن كەلگەن يول بىلەن مېڭىش كېرەك، نەچچە ھەپتىلىك سەپەردە، ئېھتىياتچان بولۇشى، ئەسلىدىكى يولدىن ئېزىپ كەتمەسلىكى، نەرسىلەر قۇيۇلغان جايلاردىن ئۈتۈپ كەتمەسلىكى لازىم،  چۈنكى ئۇ جايلارغا يېمەكلىك، كېيىم- كېچەك ۋە نەچچە گاللۇن كىرسىن قۇيۇلغان ئىدى. لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قار كۆزلەرنى توسۇۋېلىپ كۆڭۈلگە ۋەھىمە سالاتتى ، نەرسىلەر قۇيۇلغان يەردىن چەتنەپ كەتسىلا ھالاكەت ...

    يامان بولغىنى، ئۇلاردا  دەسلەپ كەلگەن چاغدىكى تۇلۇپ تاشقان قىزغىنلىق، زىھنى قۇۋۋەت خۇراپ كەتكەن ئىدى.

    دەسلەپ ئۆزلىرى ئاتلانغان ئېكىسپېدىتسىيە ئىنسانىيەتنىڭ ئولۇغ  ئىشى ئىكەنلىكىنى ئويلىغانلىرىدا ئاجايىپ كۈچ -قۇۋەتكە تولغان بولسا، ئەمدىلىكتە تېرىسىنىڭ زەخمىلەندۇرمەي ، ھامىنى ئۆلۈپ كېتىدىغان ۋۇجۇدىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداپ ، ھېچقانداق شان-شەرەپسىز قايتىپ كېتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتاتتى، كۆڭۈلدە قايتىشنى ئارزۇ قىلدى دىگەندىن كۆرە، قايتىشتىن تېخىمۇ قورقۇۋاتىدۇ دېگەن تۈزۈك ئىدى .

    ئاشۇ نەچچە كۈنلۈك خاتىرىنى ئوقۇش تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ، ھاۋارايى بارغانسىرى ئۇساللاشتى. زىمىستان قىش  بالدۇرلا كەلدى، ئاياغ  ئاستىدىكى يۇمشاق قار قېتىپ، قېلىن مۇز مۇنەكچىللىرىگە ئايلاندى، ئۇ دەسسىگەن كىشىگە خۇددى ئوغرى تىكەندەك بىلىنەتتى، ھەر قەدەمدە ئاياغ چاپلىشىپ قالاتتى، جاندىن ئۆتىدىغان سۇغۇق ئۇلارنىڭ ھالسىز تىنىنى  يالماپ يۇتماقتا ...

     ئۇلار كۆپ ھاللاردا يولدىن ئېزىپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ ئۇدا نەچچە كۈن ماڭمايتتى، نەرسىللىرى ساقلانغان بىرەر جايغا كەلگەندە كۆڭلى ئازراق تەسكىن تاپاتتى. خاتىرىلىرىدىكى بايانلاردىن ئىشەنىچ  ئۇچقۇنلىرى قايتىدىن چاقنايتتى، زىرىكىش تۇيغۇسى ئىچىدە مۇشۇ بىر نەچچە ئادەملا كېتىپ باراتتى، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىغا كىشى ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايتتى، دوكتۇر ۋېلسۇن بۇ نوقتىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. ئۈلۈم قاش بىلەن كىرپىك ئارلىقىدا تۇرغاندىمۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي كۆزىتىش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇنىڭ چانىىسغا زۆزرۈر لازىمەتلىكلەردىن باشقا 16 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى قىممەتلىك تاغ جىنىسلىرى يۈكلەنگەن ئىدى .

    دەرۋەقە، تەبىئەتنىڭ غايەت زور كۈچ –قۇدرىتى ئادەمنىڭ جاسارىتىنى ئاستا-ئاستا خۇراتتى. تەبىئەت تولىمۇ رەھىمسىز ، ئۇ نەچچە ئون مىڭ يىلدىن بىرى توپلىغان سىھرى قۇدرىتى بىلەن سۇغۇقنى، ، قار-مۇزلارنى، جۇدۇن - چاپقۇننى، جىن-شاياتۇنلاردەك چىللاپ – ھەممە كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ ئىنسانلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرىدۇرۇپ بۇ قارام،تەۋەككۇلچى، قاپ- يۈرەك بەش ئەزىمەتكە تاقابىل تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ پۇتلىرى مۇزلاپ قالدى، يىمەكلىك نۇرمىسىنىمۇ بارغانسىرى ئازايتتى، كۈنىگە بىر ۋاخلا تاماق يىگەچكە، ئىسسىقلىق يىتىشمەي تىنى ئاجىزلىشىپ كەتتى، بىر كۈنى ئۇلار ئارىسىدىكى ئەڭ تېمەن ئېيۋىنىسنىڭ ئېلىشىپ قالغانلىقى مەلۇم بولدى. ئۇ بىر چەتتە تۇرىۋېلىپ ماڭمايتتى، بىر نېمىلەرنى دەيتتى، تارىتقان جاپالىرىدىن تىنماي زارلىناتتى- بەزىلىرى راسىت، بەزىللىرى ئۇنىڭ خىيالىي تۇيغۇسى ئىدى، ئۇنىڭ قالايمىغان جۆيلۈشلىرىدىن، بۇ بىچارىنىڭ يىقىلىپ چۈشكەنلىكتىنمۇ، ياكى قىيىنچىلىق ،جاپا-مۇشەققەت ئازابىدىنمۇ ، ئىشقىلىپ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى،ئۇنى قانداق قىلىش كېرەك ؟ ئادەمزاتسىز مۇز دالىدا تاشلاپ قۇيۇش كېرەكمۇ؟ ياق،  ئۇلار نەرسىلىرىنى  قويغان يەنە بىر جايغا قىلچە ھايال بولماي ،تىزراق يىتىپ بېرىش كېرەك. بولمىسا ... خاتىرىدىن سكوتنىڭ زادى قانداق قىلماقچى بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.  

    ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بۇ شورپىشانە سېرژانىتى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى كېچە سائەت بىردە جان ئۈزدى ،شۇ كۈنى ئۇلار «قۇشخانا لاگىرى»غا يېتىپ بېرىپ ،ئۆتكەن ئايدا سويۇپ قويۇلغان پاكار نەسىللىك ئات گۆشىنى تاپتى ،تۇنجى قېتىم خېلى مول غىزالاندى .

    قالغان تۆت كىشى يولنى داۋاملاشتۇردى ،بىراق، ئەجەل يەنىلا ئۇلارنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرەتتى .نەرسە –كېرەكلىرى قويۇلغان كىيىنكى ئۆتەڭ ئۇلاردا يېڭى ئازاب ،ئۈمىدسىزلىك پەيدا قىلاتتى .زاپاس كىرسىن بەك ئاز ،ئۇلار بۇ ئەڭ زۆرۈر بويۇمىنى ئىنچىكە ھېسابلاپ، ئىمكانقەدەر  تىجەپ ئىشلىتىشى كېرەك .چۈنكى يېقىلغۇ ئۇلارنىڭ سوغۇقتىن مۈداپىيەلىنىدىغان بىردىنبىر قورالى ،كېچىسى جۇدۇن ھۇۋلايىتتى .ئۇلار قورقۇپ ئۇخلىيالمىدى. ھەتتا پىيمىسىنىڭ تاپىنىنى ئۆرۈپ قاقلىغىدەكمۇ ھالى قالمىغان. شۇنداقتىمۇ، ھالسىز تىنىنى سۆرەپ داۋاملىق مېڭىشى كېرەك ،ھەمراھلاردىن ئوتس شۇتاپتا ئۇششىگەن پۇتلىرى بىلەن ئاقساقلاپ كېتىپ باراتتى ...بوران تېخىمۇ ئەزۋەيلىگىلى توردى. 3-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇلار نەرسە –كېرەكلىرى قويۇلغان يەنە بىر ئۆتەڭگە يېتىپ كەلدى ، ئەمما ،ئۇلارنى قورقۇنۇچلۇق، ئۇمۇدسىزلىك، ۋەھىمە باستى، بۇ يەردە زاپاس يېقىلغۇ ئىنتايىن ئاز ئىدى .

    ئەمدى ئۇلارنىڭ ۋەسېۋەسىسى چېكىگە يەتتى، يېزىلغان خاتىرىدىن كىشىلەر سكوتنىڭ ئۆزىدىكى ۋەھىمىنى قانداق قىلىپ ئىمكان قەدەر يۇشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنى مەجبۇرىي تۇتۇۋېلىشتىن چىقىۋاتقان ئۈمىدسىزلىك نالىسىنى ئاڭلايدۇ: «بۇنداق بولىۋەرسە بولمايدۇ .» ياكى « خۇدا ساقلىسۇن، بۇنداق جاپاغا ئەمدى بەرداشلىق بىرەلمەيمىز. » ياكى «ئويىنىمىز پاجىئەلىك ئاخىرلىشىدىغان بولدى.» ئاخىرىدا مۇنداق قۇرقۇنۇچلۇق ئىقرار يېزىلغان: «پەرۋەردىگار، بىزنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ! ئەمدى باشقىلارنىڭ ياردىمىدىن ئۈمىد كۈتەلمەيدىغان بولدۇق . » شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ھالسىز بەدەنلىرىنى سۆرەپ، چىشىنى- چىشلەپ مېڭىۋەردى، ئوتىس بارغانسىرى ماڭالماي، باشقىلارغا ياردەمچى ئەمەس، يۈك بولۇپ قېلىۋاتاتتى. بىر كۈنى چۈشتە ھاۋا تىمپۇراتۇرسى نولدىن تۈۋەن 40 سىلىتسىيە گىرادوسقا چۈشۈپ كەتتى، ئۇلار مېڭىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا مەجبۇر بولدى. شورپىشانە ئوتىس موشۇنداق كىتىۋەرسە دوسىتلىرىغا بىرەر كېلىشمەسلىك بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ، كۆڭلى تۇيۇپ ئاخىرقى تەييارلىقنى قىلىپ قويدى، ئۇ تەتقىقاتچى ۋىلسۇندىن ئون تال مورفىن ئېلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى تىزلەتمەكچى بولدى. ئۇلار ئوتىسقا ھەمراھ بولۇپ يەنە بىر كۈن جاپالىق يول يۈردى، ئۇ ئۆزىنى تۆشەكتە قۇيۇشنى، ئايرىلىپ قېلىشنى تەلەپ قىلدى، مۇنداق قىلغاندا ھەممەيلەننىڭ يۈكى يىنىكلەيدىغانلىقى ئۇلارغا ئايدىڭ بولسىمۇ، بىراق ئۇلار بۇنداق قىلىشقا قۇشۇلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۈششۈپ كەتكەن پۇتى بىلەن ئاسقاقلاپ، قونالغۇغا يىتىپ بارغۇچە يەنە نەچچە كىلومىتر يول ماڭدى. ھەمراھلىرى بىلەن ئەتىسى تاڭ ئاتقىچە ئۇخلىدى. سەھەر ئۇلار سىرتقا چىقتى، شىددەتلىك قار- شىۋىرغان تېخىمۇ ئەسەبىيلشىپ كەتكەنىدى.

    ئوتىس ئورنىدىن دەس تۇرۇپ دوستلىرىغا : «تالاغا چىقىپ ئايلىنىپ كىرەي، ئۇزۇندىراق كىرىشىم مۇمكىن . » دىدى. باشقىلار ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كەتتى. بۇنداق ھاۋادا تالاغا چىقىپ ئايلىنىشىڭ نىمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان. ئۇنى تۇسۇپ قالىدىغان بىرەر ئېغىز گەپ قىلىشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمىدى، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىشقا قول سۇنۇشقىمۇ بىرەرى پېتىنالمىدى. ئۇلار ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە شۇنى ھىس قىلدى : ئەنگىلىيە خان جەمەتى مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر سىتارشى لېيىتناتى لاۋىرئېنىس ئوتىس ئەزرائىلنىڭ ئالدىغا باتۇرلۇق بىلەن كېتىپ بارغاندەك قىلاتتى.

    ئەمدى ھارغىن، ئاجىز ئۈچ كىشى پۈتلىرىنى ئاران-ئاران سۆرەپ تۈمۈردەك قاتتىق كەڭ مۇز دالىدا كېتىپ باراتتى. ئۇلار ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن، ئۈمىدسىز خىرە تۇيغۇسىغا تايىنىپ، دەلدەڭلەپ قەدەم تاشلايتتى. ھاۋارايى بارغانسىرى يامانلىشىپ كەتتى، نەرسە- كېرەكلىرى قۇيۇلغان ھەر بىر ئۆتەڭگە يىتىپ بارغاندا، ئۇلارنى يېڭى ئۈمىدسىزلىك كۈتۈۋالاتتى، قېرىشقاندەك، يىقىلغۇ كىرسىن ئىنتايىن ئاز  قالغان بولاتتى. 3-ئاينىڭ 21- كۈنى ئۇلار نەرسە كىرەكلىرى قۇيۇلغان ئۆتەڭگە 20 كىلومېتىر قالدى، لېكىن، جاننى ئالىدىغاندەك ئاجايىپ قاتتىق بۇران چىقتى، ئۇلار چېدىردىن ئايرىلىشقا ئىلاجسىز قالدى، ھەر كۈنى كەچتە ئەتىسى كۆزلىگەن جايغا يىتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلاتتى، ئەمما ئەتىسى بىر كۈنلۈك يىمەكلىكنى يەپ بولغاندىن باشقا، ئۈمىدنى ئىككىنچى ئەتىگە باغلاشقا مەجبۇر بۇلاتتى، يېقىلغۇ تۈگىدى، تىرمومېتىر نۆلدىن تۈۋەن 40 سىلىتسىيە گىرادۇسنى كۆرسىتىپ تۇراتتى، ھەممە ئۈمىد يوققا چقىتى، ئۇلار ھازىر ئاچلىقتىن ئۆلۈش ياكى توڭلاپ ئۈلۈشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۆلۈمدىن بىرنى تاللىۋالاتتى. ئەتراپ كۆز يەتكۈسىز ئاپئاق ئىپتىدائى دۇنيا. ئۈچەيلەن كىچىككىنە چېدىر ئىچىدە جان تالىشىپ ئۆلۈم بىلەن سەككىز كۈن كۆرەش قىلدى. 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇلار ھېچقانداق مۆجىزىنىڭ پەيدا بولۇپ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ، چېدىردا ئەزرائىلنىڭ يىتىپ كىلىشىنى مەغرۇرلۇق بىلەن كۈتتى، ھەرقانداق ئازابقا بەرداشلىق بەردى. ئۆزلىرىنىڭ تۆشەكلىرىگە كىردى. لېكىن ئاخىرقى تىنىقلىرىدا ئۇچرىغان ھەرخىل كۈلپەتلىرى توغرىسىدا دۇنياغا بىر ئېغىزمۇ نالە قىلمىدى.

    شىددەتلىك قار-بۇران نىپىز چىدىرغا تەلۋىلەرچە ھۇجۇم قىلماقتا. ئەزرائىل شەپە چىقارماي كېلىۋاتاتتى، مۇشۇنداق پەيىتتە، دېڭىز ئارمىيسىنىڭ پولكوۋنىكى سكوت ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە ئىشلارنى ئەسلىدى. چۈنكى ئەزەلدىن ئىنسان ئاۋازى بۇزالمىغان  جىمجىتلىقتا ئۆز ۋەتىنىگە، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بولغان سەمىيمىي دوستانىلىقىنى ھاياجان ئىچىدە ئىسىگە ئالدى،  ئاپئاق قار قاپلىغان بۇ كەڭ دالىدا خىرە تۇيغۇسىغا تايىنىپ مۇھەببەت، ساداقەت، ۋاپادارلىق، دوستلۇق مىھرى باغلانغان سۈيۈملۈك  كىشىلىرىنىڭ ئوبرازىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى، ئۇ بۇ كىشىلەرگە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىللىرىدە مۇزلاپ ئۈيۈشۈپ كەتكەن قوللىرى بىلەن خەت يازماقتا...

    پولكوۋنىك سكوتنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ھاياتنىڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە، پۈتۈنلەي مۇزلاپ قېتىپ قالغان قولىدىن قەلەم چۈشۈپ كەتكىچە يېزىلدى، ئۇ كىيىنكى كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ ئۆزجەسىتى يېنىدىن ئۇنىڭ ۋە ئىنگىلىز مىللىتىنىڭ باتۇرلۇقىنى ئىسپاتلايدىغان بۇ خاتىرىنى تېپىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. دەل مۇشۇ ئۈمىد ئۇنىڭغا باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان جاسارەت بىلەن خاتىرىنى ئاخىرقى دەقىقىغچە يازدۇردى. ئاخىرقى كۈندىلىك خاتىرىگە قوللىرى تىتىرىگەن ھالدا تۈۋەندىكى ئارزۇسىنى يازدى :

    «بۇ كۈندىلىك خاتىرىنى ئايالىمنىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بىرىڭلار ! » ، بىر دەمدىن كېيىن «ئايالىم» دىگەن خەتلەرنى ھەسرەت  بىلەن ئۈچۈرىۋېتىپ «تۇل قالغان خۇتۇنۇمغا » دەپ ئۆزگەرتىپ قويدى.

    بازىدىكى ياغاچ ئۆيدە شىرىكلىرى ئۇلارنى بىر نەچچە ھەپتە ساقلىدى، دەسلەپ زور ئۈمىد ، ئىشەنىچ بىلەن تۇرغان ئىدى ، كېيىن سەل ئەنسىرەپ قالدى، ئاخىرى بارغانسىرى خاتىرجەمسىزلەندى، ئۇلار قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىككى قېتىم ئادەم ماڭغۇزغان بولسىمۇ، ھاۋارايى بەك ئۇسال بولغاچقا، قايتىپ كەلدى، جەنۇبى قۇتۇبنىڭ باھار كۈنلىرى يىتىپ كەلگەندە، يەنى 10-ئاينىڭ 29- كۈنى ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى ھېچ بولمىسا ئاشۇ بىر نەچچە قەھرىماننىڭ جەسىتىنى بولسىمۇ تېپىپ كىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتى، 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ھېلىقى چېدىرغا يىتىپ كىلىپ قەھرىمانلارنىڭ جەسەتلىرىنىڭ تۆشەكتە مۇزلاپ قېتىپ قالغانلىقىنى كۆردى.ئۇلار ھېلىقى خەت ۋە ھۆججەتلەرنى تاپتى... پاجىئەلىك ئۆلۈپ كەتكەن قەھرىمانلارغا تاشتىن قەبرە ياساپ ، ئاپئاق قار قاپلىغان قەبرە ئۈستىگە ئاددىي قارا كىرىست ئورنىتىپ قويدى.

    ئەنگىلىيە خان جەمەتى چىركاۋىدا پادىشاھ تىزلىنىپ تۇرۇپ بۇ قەھرىمانلارغا ماتەم تۇتتى.

    ئىنسان كۈلپەتلەك تەقدىر بىلەن كۆرەش قىلىش داۋامىدا ئۆزىنى ھالاك قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ روھى شۇ سەۋەبتىن شۇنچە يۈكسەك،شۇنچە ئالىيجاناپ بولۇپ كېتىدۇ. بۇلار ھەرقانداق دەۋىردە ئەڭ ئۇلۇغ تراگېدىيە ھېسابلىنىدۇ .

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.