ئەسۋاپ دەۋرى(شىنىچى خۇشى)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-21 21:24:00

ئەسۋاپ دەۋرى (ھىكايە) شىنىچى خوشى سەھەردە S ئەپەندى ئۇيغۇنۇپ كۆزىنى ئاچتى. ياستۇق يىنىدىكى نائوشنكتىن: " خەيرىلىك ئەتىگەن، كىچە ناھايىتى ياخشى ئۇخلىدىڭىز، روھى كەيپىياتىڭىز ناھايىتى ياخشى، بۈ...

    ئەسۋاپ دەۋرى (ھىكايە)

    شىنىچى خوشى

     

         سەھەردە S ئەپەندى ئۇيغۇنۇپ كۆزىنى ئاچتى. ياستۇق يىنىدىكى نائوشنكتىن: " خەيرىلىك ئەتىگەن، كىچە ناھايىتى ياخشى ئۇخلىدىڭىز، روھى كەيپىياتىڭىز ناھايىتى ياخشى، بۈگۈن خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىيەلەيسىز."- دىگەن يىقىملىق ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ كىچىككىنە نائوشنك ياستۇق يىنىدىكى ئويقۇنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا ئۇلانغان بۇلۇپ، ئۇ S ئەپەندىنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىنى تۇغرا تەھلىل قىلىپ بېرەتتى. ئەگەر Sئەپەندىنىڭ ئۇخلىغان ۋاقتى يىتەرلىك بولمىسا ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمىسا، ئۇيقۇنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىS ئەپەندىگە دەم ئىلىشقا دىققەت قىلىش ياكى قانداق دورا يىيىش تۇغرىسىدا ئۆز ۋاقتىدا ئەسكەرتىش بېرەتتى. S ئەپەندى ناھايىتى خۇشال ھالدا كىيىملىرىنى كىيىپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ كۈڭلىدە: " نىمە دىگەن قۇلايلىق زامان-ھە، بۇرۇنقى ئادەملەر تۇرمۇشنىڭ بۇنداقمۇ قۇلايلىق بۇلۇپ كىتىشىنى ھەر قاچان ئويلاپمۇ باقمىغاندۇ-ھە."-دەپ ئويلىدى. S ئەپەندى ئاغزىنى چوتكىلاپ بۇلۇپ، ئېغىز تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى ئاغزىغا سالدى. بەش سكنوتتىن كىيىن نائوشنىكتىن :" سىزنىڭ ئېغىز بوشلىقىڭىز ناھايىتى ساغلام، چىشىڭىز چىرىمىگەن، كىسىلاتا ۋە ئىشقارلىق دەرىجىسى نورمال."-دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. S ئەپەندى يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ بۇلۇپ، چاچ تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن چىچىنى تارىدى. بۇ چاچ تەكشۈرۈش ئەسۋابى S ئەپەندىگە قايسى ۋاقىتتا چاچنى يۇيۇش كېرەكلىكىنى، قانداق چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقى ئىشلەتسە مۇۋاپىق بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەتتى. S ئەپەندى چىچىنى تاراپ بۇلۇپ ھاجەتكە ئولتۇردى، تەرەت قاچىسىغا ئورنىتىلغان تەرەتنى ئانالىز قىلىش ئەسۋابى ئەپەندىنىڭ قۇرساق ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىپ بېرەتتى. ئۇ قانداق يىمەك-ئىچمەكلەرنى ئىستىمال قىلسا بۇلىدىغانلىقىنى، دورا يىيىشى زۆرۈر ياكى زۆرۈر ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ بېرەتتى. S ئەپەندى يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ بۇلۇپ، ئايالى بىلەن ئەتىگەنلىك تاماق يىيىشكە تۇتۇندى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ قۇلاق تۆۋىدە:" قەھۋەدىن بىر ئىستاكان ئىچسىڭىزلا بولدى، يەنە سۈتتىن بىر ئىستاكان ئىچىڭ، پىشلاقتىن بىر پارچە يەڭ......"-دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. بۇ تورۇسقا ئورنىتىلغان ئۇزۇقلۇقنى ئانالىز قىلىش ئەسۋابى ئەتىگەنلىك تاماقنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى تۇغرا ھىساپلاپ چىقىپ، نائۇشنىكقا يەتكۈزۈپ بەرگەن كۆرسەتمىسى ئىدى. Sئەپەندى ئادەتتە نائوشنىكتىن چىققان بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇ بەك سەمىرىپ كەتمەيتتى ياكى بەك ئورۇقلاپمۇ كەتمەيتتى، سالامەتلىكىگە ھەر ۋاقىت كاپالەتلىك قىلالايتتى، كۈچ-قۇۋۋىتىمۇ ئۇرغۇپ تۇراتتى. S ئەپەندى ئوزۇقلۇق تەڭشەلگەن ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بۇلۇپ ئىشقا مىڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى. ئۇ ئاياق سۈرتۈش ئەسۋابىدا ئايىقىنى سۈرۈتتى، گالاستۇك تاقاش ئەسۋابىدا شۇ كۈنلۈك ھاۋا رايىغا، كىيىمىگە ماس كىلىدىغان بىر تال گالاستۇكنى تاللىدى. ئۇندىن كىيىن ئۇ يەنە ئۇنتۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئەسۋابىنى بىسىپ، ئالدىغان نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالغان، قالمىغانلىقىنى تەكشۈردى. S ئەپەندى ئىشقا مىڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بۇلۇپ ئىشكتىن چىقماقچى بۇلۇپ تۇرۇشىغا، ئايالى:" ئۆيدىكى تالون ساقلاش ئەسۋابى بۇزۇلۇپ قاپتۇ. سىز شىركەتتە بارغۇچە يول بۇيىدىكى رىمنوتخانىغا ئاپىرىپ قويغان بولسىڭىز"-دىدى. بۇ تالۇن ساقلاش ئەسۋابى ئائىلىدىكى بارلىق تالۇنلارنى تۈرلەرگە ئايرىپ، ياخشى ساقلايتتى. بۇ قۇلايلىق ئەسۋاپ بولغاچقىلا S ئەپەندى ئائىلىسىدە تالۇننى تاپالماي، مالنى قايتۇرالمايدىغان ياكى مالنى ئالماشتۇرالمايدىغان ئىشلار يۈز بەرمىگەن ئىدى. S ئەپەندى تالۇن ساقلاش ئەسۋابىنى قۇلىغا ئىلىشىغا، ئايالى يەنە:" ھە-راست، تۈنۆگۈن رىمنوتخانىغا ئاپىرىپ قويغان ئىشىك تاقاش ئەسۋابىنى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن ياساپ قويماقچى، ئىشتىن چۈشكەندە ئالغاچ كىلىشنى ئۇنتۇماڭ"-دىدى. ئىشىك تاقاش ئەسۋابى Sئەپەندى سىرتلارغا چىققاندا ياكى ئۇخلاشتىن بۇرۇن دەرۋازىنى تاقىغان، تاقىمىغانلىقىنى ئەسكەرتەتتى. بۇ ئۈسكىنە بۇلغاچقا ئەپەندى يېرىم كىچىلەردە سىرتقا چىقىپ، دەرۋازىنىڭ تاقالغان تاقالمىغانلىقىنى تەكشۈرمىسىمۇ بۇلاتتى. خانىمى S ئەپەندىنى ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ، ئۇنۋىرسال كاشىلا تەكشۈرۈش ئەسۋابى بىلەن ئۆيدىكى بارلىق ئەسۋاپلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئەگەر قايسى ئەسۋاپتا كاشىلا كۆرۈلسە، ئەپەندى ئەتىسى ئىشقا ماڭغۇچە رىمنوتخانىغا ئاپىرىپ قۇياتتى. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە مۇشۇ ئەسۋاپلار بۇلغاچقا تۇرمۇشى بەك قۇلايلىق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ئەسۋاپلاردا مەسىلە كۆرۈلسە، ئۆز ۋاقتىدا رىمنوتخانىغا ئاپىرىپ، رىمنوت قىلدۇرۇش زۆرۈر ئىدى، بولمىسا تۇرمۇشتا قالايماقانچىلىق چىقاتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەسۋاپلارنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، قۇراشتۇرۇلىشى چىرايلىق بۇلۇپ، سىتىۋالغاندا، چۈشەندۈرۈلىشىدە ئۈچ يىل ئىچىدە ھەر قانداق رىمنوت قىلىش ھاجەتسىز دىيىلگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولغان. لىكىن ئۆيدىكى نۇرغۇن ئەسۋاپلارنى ئىشلەتكىلى بەش يىلدىن ئاشقان بۇلۇپ، ھازىر مىڭ خىلدىن كۆپەرەك ئەسۋاپ بولغاچقا، ھەر كۈنى بىر ئىككى خىل ئەسۋاپنى رىمنوت قىلدۇرۇش زۆرۈر ئىدى. شۇ چاغدا S ئەپەندى ناھايىتى خۇشال ۋە روھلۇق ھالدا ئىشقا كىتىۋاتاتتى. ئۇ قولتۇقىغا تالون ساقلاش ئەسۋابىنى قىسىۋالغان ئىدى. قاتناش ئەھۋالىنى مەلوم قىلىش ئەسۋابى ئۇ ئىشقا ماڭىدىغان يول ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بېرىۋاتاتتى. S ئەپەندى ناھايىتى مەمنۇن بۇلغان ھالدا "نىمىدىگەن قۇلايلىق زامان-ھە، بۇرۇنقى ئادەملەر تۇرمۇشنىڭ بۇنداقمۇ قۇلايلىق بۇلۇپ كىتىشىنى ھەر قاچان ئويلاپمۇ باقمىغاندۇ_ھە” دەپ ئويلىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق