نۆۋەتتە پاختا بازارلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقى ياخشى ئىشلەشن

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-13 20:07:58

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى جىددى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نۆۋەتتە پاختا بازارلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم ...

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى  بەنگۇڭتىڭى جىددى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نۆۋەتتە پاختا بازارلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

     

       شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى جىددى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نۆۋەتتە پاختا بازارلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

       نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتى پەيدىنپەي قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى پاختا باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىشىنىڭ تەسىرىگىمۇ ئۇچراپ، رايون ئىچىدىكى چىگىتلىك پاختا سېتىۋېلىش باھاسىدىمۇ ئۆرلەش ۋەزىيىتى كېلىپ چىقتى. مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن، پاختا سېتىۋالىدىغان بەزى كارخانىلار بايلىق تالىشىپ، پاختا باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، پاختا سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، رايونىمىزنىڭ پاختا بازارلىرىنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. بازار تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداپ، پاختا باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يىللىق پاختا سېتىۋېلىش – سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، پاختىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، پاختىكار دېھقانلارنىڭ دارامىتىنى ۋە پاختىچىلىق كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلدۇق:

       1 . پاختىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى كېينكى باسقۇچلۇق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش

       بۇ يىل رايونىمىزدا كېۋەزنىڭ ئېچىلىشى ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا 15 كۈندىن 20 كۈنگىچە ئارقىغا سۈرۈلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا پۈتۈن شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا داۋاملىق تۆۋەنلەپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق پاختىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا بىر قەدەر زور تەسىر كۆرسەتتى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پاختىكار دېھقانلارنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ پاختىلارنى يىغىۋېلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى تېزلىكتە خىمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پاختىلارنىڭ بالدۇرراق ئېچىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىغىۋېلىشنى تېزلىتىپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولۇشى لازىم.

       شۇنداقلا ھەر قايسى پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلاردىن دېھقانلارنىڭ پاختا تېرىش، ئاپتاپقا سېلىش، چىگىتنى ئايرىش، سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى، پاختىلارنى تېرىش، توشۇش، سېتىش، پىششىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى، پاختىلارنى تېرىش، توشۇش، سېتىش، پىششىقلاش جەريانىدا باشقا تالالارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساتقان چاغدا قالايمىقان نەرسىلەرنى، سۇ قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ھەقىقى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.

       2 . پاختا بازارلىرىنى ۋە سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش

       جايلار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پاختا بازارلىرىنى باشقۇرۇش ۋە پاختا سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ياخشى پاختا بازىرى تەرتىپىنى ساقلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت نازارەتچىلىكى قاتارلىق تارماقلار پاختا بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى داۋاملىق بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش لازىم. بىرىنچىدىن، بازارغا كىرىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، پاختا پىششىقلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن كارخانىلار ۋە ئورۇنلارنىڭ سالاھىيىتىنى قايتا تەكشۈرۈش لازىم. سېتىۋېلىش مەبلىغى، مەيدانى، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىك، تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى ۋە لاياقەتلىك پاختا پىريۇم قىلىش خادىملىرى قاتارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغانلار پاخـتىلارنى پىششىقلاپ ئىشلىسە بولىدۇ، شەرتنى ھازىرلىمىغانلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەرھال ئېلىپ تاشلاش كېرەك. ئىككىنچىدىن، قانۇنسىز تىجارەتكە قاتتىق زەربە بېرىش لازىم. سالاھىيىتى يوق بولۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ پاختا پىششىقلاش بىلەن شۇغۇللانغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، سالاھىيەتكە ئېرىشكەن كارخانىلارنىڭ ئىجارىگە بېرىش، ھۆددىگە بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سالاھىيىتى يوق كارخانىلارنىڭ پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشكە بولمايدۇ. ئۈچىنچىدىن، دۆلەت قالدۇرۇۋېتىشنى ئېنىق بۇيرۇق قىلغان كىچىك تاسمىلىق تولۇقلۇق چىگىت ئايرىش ماشىنىسى، يەرلىك تايلاش ماشىنىسىنى ئىشلىتىشنى قاتتىق مەنئىي قىلىش، تەكشۈرۈپ چىققانلىرىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ساختىلىق قىلىش، يالغاننى ئارىلاشتۇرۇش، ياخشىسىنىڭ ئورنىغا ناچىرىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ تىجارەت قىلىش ھەرىكەتلىرىگە، يامان غەرەز بىلەن نەيرەڭۋازلىق قىلىش، پاختىلارنى تالىشىپ سېتىۋېلىش، يامان غەرەز بىلەن بېسىمدارلىق قىلىش، باھانى بىردىنلا ئۆستۈرۈش قاتارلىق بازارنىڭ نورمال تىجارىتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان ھەرىكەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىپ، پاختا بازارلىرىنىڭ تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداش لازىم، بەشىنچىدىن، سېتىۋېلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، «ئاق ھۆججەت يېزىپ بېرىش» قەتئىي توسۇش لازىم. «ئاق ھۆججەت يېزىپ بەرگەن» كارخانىلار بايقالسا، قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا- سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت نازارەتچىلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش، ئەدلىيە قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە بىر قېتىم پاختا بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پاختا سېتىۋېلىش تەرتىپىنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ پاختا سېتىۋېلىش تەرتىپىنى قوغداش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرمۇ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پاختا بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىپ تۈزەش، پاختا بازارلىرىنى باشقۇرۇشنى مەركەزلىك تەرتىپكە سېلىپ تۈزەش، پاختا بازارلىرىنى ۋە سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، پاختىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، پاختا سېتىۋېلىش تەرتىپىنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

       3 . پاختا سېتىۋېلىش باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش

       ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پاختا بازىرىنىڭ باھا ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، پاختا خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ، تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، پاختا خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتىنى تەتقىق قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا قايتما ئىنكاس قىلىشى لازىم. يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات بانكىسى بېكىتىلگەن پاختا قەرز پۇلى خەۋپ- خەتىرىنى كونترول قىلىش چېكىنىڭ ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىشى كېرەك. شۇنداقلا، كرېدىت تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، 2010 – يىللىق پاختا قەرز پۇلى ئېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن پاختا سېتىۋېلىش – سېتىش كارخانىلىرىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ، تاسقاپ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. خەلق بانكىسى يېتەكچىلىك، نازارەتچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ھەي قايسى سودا بانكىلىرىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەككە ۋە خۇسۇسلارغا قەرز پۇل بېرىشنى چەكلەش كېرەك.

       4 . بازارنى تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىش

       جايلار تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئىجابىي يېتەكلەپ، پاختىكار دېھقانلارنى ۋە پاختىغا چېتىشلىق تەرەپلەرنى تەشۋىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ پاختا بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، پاخـتا بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجى ۋە باھا ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، پاختىغا چېتىشلىق تەرەپلەرنىڭ خەۋپ – خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىش، پاختىكار دېھقانلارنى پاختىنى سېتىشقا كۆزى قىيماسلىق پىسخىكىسىنى يېڭىپ، قەرز ئېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە، ئىناۋىتى ياخشى، پۇل تۆلەش ئىقتىدارى بار كارخانىلارغا بالدۇرراق پاختا سېتىپ بېرىپ، مەنپەئەتنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشقا يېتەكلەش كېرەك. ھەر قايسى پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ۋە پاختىغا چېتىشلىق ۋاسىتىچى تەشكىلاتلار، كەسپىي كوپىراتىپلار، پاختا ۋاسىتىچىلىرىمۇ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، بازار خەۋپ – خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پاختا سېتىۋېلىشتا بازار قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، بازار خەۋپ – خەتىرىدىن ساقلىنىش لازىم.

       5. پاختا بىخەتەرلىك باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش

       جايلار، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كارخانىلار بىخەتەرلىك، مۇداپىئە ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىخەتەرلىك خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى يەنىمۇ تۇرغۇزۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى پاختىلارنى سېتىۋېلىش، ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاش، توشۇش، باشقۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردىكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئاپەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، پاختا بىخەتەرلىكىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پاختىكار دېھقانلارغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى  قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، پاختىنى ئىلمىي باشقۇرۇپ، بىخەتەر توشۇپ، تېز سېتىۋېلىش، تېز پىششىقلاش، تېز سېتىش، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوغۇرلۇقتىن، بۇزغۇنچىلىقتىن ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

     

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.