پۇشايمان ۋە تەبەسسۇم

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-16 04:31:10

مەسئۇلىيەت، پۇشايمان ۋە تەبەسسۇم بىز جەمئىيەتتە ياشايمىز . جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاش مۇمكىن ئەمەس، ئىككىدن ئاتۇق ئادەم مەۋجۇت بولغانكى جايىدا مەلۇم بىر ئۇرتاق تۇرمۇش بولىدۇ. ئورتاق ...

    مەسئۇلىيەت، پۇشايمان ۋە تەبەسسۇم



       بىز جەمئىيەتتە ياشايمىز . جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشاش مۇمكىن ئەمەس، ئىككىدن ئاتۇق ئادەم مەۋجۇت بولغانكى جايىدا مەلۇم بىر ئۇرتاق تۇرمۇش بولىدۇ. ئورتاق پائالىيەت جەمئىيەت قاتناشقۇچىلارىنىڭ ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىغا مۇھتاج . ھەمكارلىق ھەم مەنپەت ئېلىپ كىلدۇ ھەم مەسئۇلىيەت كەلتۈرۇپ چىقىردۇ . دېمەك ئادىللىق ياخشى ھەمكارلىقىنىڭ ئالدنقى شەرتى،ئادىللىق بولمىسا شەخىسنىڭ تەرەققىياتى كاپالەتلىك ئىگە بولمايلا قالماستىن  جەمئىيەت  مۇقىملىىغا زىيان سالدۇ. شۇڭا بىر ئادەم ئۆز نېسۋىسىدىن  ئارتۇق، مەنپەتكە  ئېرىشىپ، ئۆزىگە تىگىشلىك مەسئۇلىيەتنى  تولۇق ئۈسىتىگە  ئالمىسا ئادىللىق  بولمايدۇ.
       مەسئۇلىيەت _ ئىجتىمائىي  مۇناسىۋت جەريانىدا كېلىپ چىقىدىغان ئۆز - ئارا ۋەدە . ئۇ بىر ئادەمنىڭ مەلۇم بىر ئىشنى قىلىش - قىلماسلىقىغا قارىتا قويۇلغان تەلەپ ئۇ بىزدىن  مەنپەتلىنىش ۋە ھۇزۇرلىنىش باشقا يەنە مۇناسىپ مەرجبۇرىيەتنى ئۆز ئۈسىتگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدۇ.  بىز باشقىلارنىڭ ئۆز زىممىسدىكى  مەسئۇلىيەتنى  ئادا قىلىش بەدىلىگە  كەلگەن « مەنپەتلىنىش » كە ئېرىشىش بىلەن بىرگە، ئۆز زىممىمىز دىكى  مەسئۇلىيەتنى  ئادا قىلىش ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىمىز كېرەك . ئۇنىڭ ئۈستىگە  جەمئىيەت قانچە ئېچىۋېتىلسە، مەسئۇلىيەتچان پۇقرالارغا بولغان ئىھتىياجمۇ شۇنچە ئاشىدۇ. جەمئىيەتنى دېموكراتىك باشقۇرۇشقا  كۆپخىل شەكىلدە  « ئاپتونومىيە» لەرنىڭ ھەممىسىدە مەسئۇلىيەتچان  بولۇش ئەخلاقىنىڭ  ئاساسىي بولىدۇ. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن  كۆز ئالدىمىزدا رېئاللىقتا ئۆزىگە تېگىشلىك  مەسئۇلىيەتنى،ئادا قىلماي يۈرىگەنلەرنى  كۆپ  بولىدۇ. بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك ؟
    مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىنشڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرى بار. بەزىلىر باشقلارغا پايدا يەتكۈزسە، بەزىلەر مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغۇچىنىڭ  ئۆزىگە  پايدا يەتكۈزدۇ.  كونكرېت قىلىپ ئېيتىقاندا  مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ باشقىلارغا كەلتۈردىغان  پايدىسى مۇنداق بولىدۇ. 1) بىخەتەرلىك. كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەن چاغدا، ئۆزىنى تېخىمۇ بىخەتەر ھېس قىلدۇ. 2 ) ئالدىن بىلەرلىك . سىز ئۆز مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىۋاتقان چاغدا باشقىلارنىڭ سىزدىن نېمىلەرنى  كۈتۈۋاتقانلىقىنى  بىلەلەيىسىز . 3 ) ئۈمۈملۈك . ئالاقىدار ھەر بىر ئادەم ئۆز مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغاندا، باشقىلار ئۆز خىزمتىنى  ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ راۋان ئىشليەلەيدۇ. 4 ) ھەمكارلىق . كىشىلەر  ئۆز مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە مەلۇم بىر ۋەزىپىنى ئادا  قىلدۇ، ھەمكارلىق تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. 5 ) ئادىللىق . ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىگە تەۋە بولغان خىزمەتنى  تولۇق ئىشلىسە، بەزىلەرنىڭ ئۆز خىزمەت نۇرمىسىدىن  ئاشۇرۇپ  ئىشلىشى  ھاجەتسىز  بولۇشى مۇمكىن . 6 ) كوللېكىتىپ  روھى . ئەگەر  بىر كوللېكىتىپ  تەركىبىدىكى  ھەر بىر ئەزا  ئۆز مەسئۇلىيەتنى  تولۇق ئادا قىلسا، كوللېكتىپ شان -شەرەپ يۇيغۇسى  شەكىللىنىشى  مۇمكىن.
    مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ ئۆزىمىزگە  كېلدىغان پايدىىسى . 1 ) مۇستەقىللىق . مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا  ياخشى  رېكورت ياراتقان كىشى  ئېھتىمال  تېخىمۇ كۆپ  ئەركىنلىكتىن  بەھرىمەن  بولۇشى ۋە ناھايىتى  ئاز  نازاەت قىلىنىشى مۇمكىن . 2 ) ئىززەت - ئابرۇيىمىزنى ساقلىيالايىمىز مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان  كىشى ئىززەت - ئابرۇيىمىزنى ساقلىيالايىمىز  ۋە ئۆز  ئۆزىگە  بولغان  ئىشەنچ تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ. 3 ) قوبۇل قىلىندۇ ۋە ئېتراپ قىلىندۇ. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان كىنشىنى باشقىلارغا  ئاسانلا قۇبۇل قىلدۇ ۋە  ئېتىراپ  قىلدۇ. بولۇپمۇ ئۇ تايىندىغان كىشلەر. 4 ) بىلىم ماھارەت ۋە تەجرىبىگە  ئېرىشمىز. 5 ) مۇۋاپىق  ئۇرۇنغا ئېرىشەلەيمىز، كىرىممىز ئاشىدۇ. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان ئادەملەر  شان - شەرەپكە، مۇكاپاتىغا ئېرىشىش،  يېڭى  ۋەزىپىگە  تەيىنلىنىش  پۇرسىتىگە  ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما  مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا مۇناسىپ  بەدەل تۆلەشكە تۇغرا كېلىدۇ.
    مەسئۇلىيەتنى  بەدىلى 1 ) يۈك.  ئادەتتە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتا ۋاقىت، زېھنىي كۈچ ۋە پۇل كېتىدۇ. 2 ) ئاغرىنىش . كىشىلەر ئېھتىمال ئۆزى خالىمىغان  ئىشىنى  قىلىشتىن ئاغرىنىشى  ياكى  ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىشى  مۇمكىن . 3 ) مەغلۇپ  بولۇشتىن  ئەنسىرەپ . كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلالماسلىقىدىن  ياكى باشقا سەۋەبلىك جازالىنىپ قېلىشدىن  ئەنسىرەش مۇمكىن . 4 ) باشقا مەنپەتلىرىدىن  ۋاز كېچىشدىن  ياكى  باشقا ھەۋەسلەرنىڭ  قۇربانى قىلش . كىشىلەر  مەلۇم مەسئۇلىيەتنى ئۆستىگە ئالغاندا،  ئۆزى قىزىقىدىغان  باشقا ئىشلىرى ۋە ئىھتىياجىلىرنى  بىر ياققا  قايىرىپ قۇيۇشى مۇمكىن . 5 ) ئادىل بولماسلىق. ئەگەر بىر ئادەم بىرەر ئىشتا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە  ئالغان بولسا، ئادەتتە باشقىلار بۇ خىزمەتىنى  شۇنىڭ ئىشلىشىگە  تاشلاپ قۇيۇپ، ئۆز دائىرىسىدىكى  خىز مەت ياخشى  ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن.
    رېئال تۇرمۇشتا  كىشىلەر مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا  تەتكۈزدىغان  پايدىسىدىن  كۆرە، مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلدىغان بەدەلدىن قاچقاچقا، ئەتراپىمىزدىكى  مەسئۇلىيەتسىز لىك ھادىسلىرى  كۆپەيمەكتە .  مەسئۇلىيەتسىز لىك ياخىشى بولمىغان ئاۋقىۋەتلەرنى  كەلتۈرۇپ  چىقىردۇ. ئۇ يالغۇز ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا زىيان  يەتكۈزۈپلا قالماستىن  يەنە جەمئىيەت تەرەققياتىغا ئالغا ئىلگىرىلەش  سۈرئىتىگە  بەلگىلىك تەسىر  كۆرستىدۇ.  شۇڭا ھەر كىم  ئۆزىنىڭ ھەركىتىگە، جەمئىيەتكە  مەسئۇل  بولۇشى  تىرىشىپ مەسئۇلىيەتچان پۇقرا بولۇشى كېرەك . ھەر قانداق ئىشتا بەدەل تۆلەشتى قۇرقىماڭ قاچماڭ، دەل ئاشۇ بەدەللەرئارقىلىق  مەسئۇلىيەت كەلتۈردىغان  ئىمكانىيەتلىك  پايدىغا  مۇيەسسەر بولۇپ  ئادىمىيلىكىنىڭ  ھەقىقىي سالاھىيىتىگە  ئېرىشەلەيسىز !
                                                        پۇشايمان، ئەمدى ھوشۇڭنى تاپ
    تۇرمۇشتا ھەر بىرىمىز  دېگۈدەك  ئىلگىرى  ئۆتكۈزگەن  خاتالىقلىرىمىز  ياكى  بەزى  قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلماي،  قىلماسلىقا تېگىشلىك  ئىشلارنى قىلىپ سالغانلىقىمىز  تۈپەيلى  پۇشايمان  قىلىمىز، ئۆكۈنىمىز  . بۇخىل  خاتالىقلار بىر قاتار « ئويلاپ يەتكۈسىز » پاسسىپ ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ، ئادەم چەكسىز پۇشايمان  ئىلكىدە  قالىدۇ.  بەزىلەر شۇ ۋەجىدىن  ئۆزىنى ئەركىن تۇتالماي،  شۇ ئىشنى كاللىسىدىن  چىقىرىۋېتەلمەي،  ئۇلغانىسېرى  پۇشايمان قىلدۇ.  ۋە ئازابلىدۇ.  ئاخىرى  ئۆزىنى ئەيىبلەش ۋە ئۆزدىن  ئۆكۈنۇشتەك ئازاب  سەۋەبىدىن  پۈتۈنلەي  نابۇت  بولىدۇ.  پۇشايمان  پەيدا بولۇش جەريانىدىن قارىغىنىمىز دا  ئۇ خاتالىقنى تۇنۇشتىن كېلىپ چىقىدۇ، يەنە كېلىپ نۇمۇس قىلىش،  ئۆزىنى  ئەيىبلەش ئىپادىسى بولۇپ  بەلگىلىك ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە . ناۋادا ئەخمىقانە ئىش قىلىپ  خاتالىق ئۆتكۈرۈپ،  يەنە نۇمۇس قىلىشنى،  ئۆزىنى ئەيىبلەشنى بىلمىسەك،  ئۈستى - ئۈستىگە  خاتالىق ئۆتكۈزمەي قالمايمىز،  يالغۇز «پۇشايمان قىلغان » بىلەن ئۇنىڭ پايدىسى  يۇق . پۇشايمان ئىچىدىن  دەرھال ھوشىنى  تېپىش، پۇشايمانىنى  دەرھال خاتالىقى ئۆزگەرتىش . زىيانى تۇلۇقلاشنىڭ  ئەمەلىي ھەرىلىتىگە ئايلاندرۇش . چۈنكى ئەمەليى  ھەرىكەتتىن ئايرىلىغان نوقۇل پۇشايمان  بىر خىل  ئەزىمەس روھى ئازاب  ھەم بىر خىل تىرىشىشتىن ۋاز كېچىنىشڭ  ئىپادىىسى بولۇپ ھېسابىلندۇ. ھەمىشە  پۇشايمان  قىلىپ  يۈرۈش،  قارىماققا  ئالغا ئىنتىلىش  روھى باردەك قىلسمۇ،  ئەمەلىيەتتە  ئاجىزلارنىڭ  نالە - پەرياد قىلشدىن  ئىبارەت،خالاس .
    ھايات - ياڭراق كۈي، نەپىس ئالبۇم  بىز ئۇنى قانداق ئاھاڭ،قانداق رېتىمدا  ئورۇندىماقچى،قانداق رەڭ بىلەن بېزەكلەر بىلەن تولدۇرۇرماقچى  ؟ ھەر خىل ھايات يولى ھەر خىل تۈسكە  ئىگە  بولىدۇ. ھايات مەيلى  گۈزەل ياكى ئادەتتىكىچە بولسۇن، ھەر بىر ىمىزگە بىرلا قېتىم نىسىپ  بولىدۇ، ھاياتنى قەدىرلەش،  ھاياتنىڭ  قىممتىنى  ئۈزلۈكسىز  ئۇزاتىپ چەكلىك  ھاياتىنىڭ  قىممىتىنى  جۇلالىق  نۇر چاقنىتىش  _ كىشىلىك  ھاياتىنىڭ  ھەقىقىي مەنسىدۇر . ئۆتكەن  ئىشنى ئۇرۇنىغا كەرلتۇرگىلى بولمايدۇ. ھازىر پۇشايمان ئىچىدە قالساڭ كەلگۇسىدە تېخىمۇ  كۆپ  پۇشايمان  كېلىپ چىقىشى  تۇرغانلا گەپ .
    ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىمىزنى ئاسانلا كۆڭلۇمىزدىن  چىقىرىۋېتەلمەيمىز .  دەرۋەقە بىزنى  نۇرغۇن پۇرسەتلەردىن مەھرۇم  قىلغان  ئىشلارنى قانداقمۇ  ئاسان  ئەستىن  چىقىرىۋەتكىلى  بولىدۇ؟ بۇنى ئۇيلىماسلىققا  مۇمكىن ئەمەس . لېكىن پۇشايمان قىلغان ئىكەنمىز  دەرھال  ھوشىمىزنى  تېپىشىمىز  كېرەك، پۇشايمان ئىچىدە  ھوشىمىزنى  تېپشىمىزدا  « مەن نېمە ئۈچۈن  خاتالىق ئۆتكۈزدۇم،  ئۇنىڭ تۈپ سەۋەبى نېمە، ئاساسلىق ساۋاقلار قايسى،  قانداق قىلغاندا  بۇنىڭدىن كېيىن  خاتالىقلاردىن ساقلانغىلى  ياكى ئازايتقىلى  بولىدۇ؟» دېگەنلەرنى  ئويلاپ كۆرىشىمىز  . ئەگەر  پۇشايمان  ئۈستىدە  مۇشۇنداق ئويلاپ، ئورنىمىزدىن دەس تۇرىدىغانلا بولساق،  ئۆتكۈزگەن خاتالىقلار بىزگە پۇتمەس خاتالىق  ئېلىپ كەلمەي،  بەلكى  قىممەتلىك  تەربىيە بولىدۇ.  پۇشايمان ئىچىدە ھوشىمىزنى تاپساقلا ئىلگىرىكى خاتالىقلار  بىكارغا  ئۆتكۈزمىگەن بولىمىز، بۇ بەلكى  مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئانىسى بولۇپ قېلىشى مومكىن !
    بىر كېچىدىلا  خاتالىق ئۈزۈل كېسىل  قول ئۈزۈپ  بولغىلى بولمايدۇ. سەمىمىي  نىيەت، ئىشەنچ  بولۇپمۇ قەتئىي  ئىرادە،  ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز  بىلەن خاتالىقلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ  ئالغا ئىلگىرلەپ  ماڭساقلا،  ھامان  بىرى كۈنى پۇشايمانغا خاتىمە بېرىىمىز،  ئەتراپىمىزدىكى  كىشىلەر بىزگە بولغان قارىشىمۇ  ئۆزگەرتەلەيىمىز .  ئارقىغا يىنىش ئاسان، ئەمما ئالدىغا قاراپ ئىلگىرلەش  ئۈچۈن زور جاسارەت  ھازىرلاشقا ۋە  بەدەل تۆلەشكە  توغرا كېلدۇ. كونىلادا  « كېچىككەن پۇشايمان،  ئۆزىگە دۇشمەن » دەيدىغان  گەپ بار .  كېچىككەن پۇشايماننىڭ  تۆلەيدىغان  بەدىلى زور بولىدۇ.  پۇشايمان  ئەمدى كېچىكمە،  بىر دىقىقە  كېچىكىش  سېنى  ئازابلىق  تەقدىرىگە  مەھكۈم  قىلدۇ. بولدى _ بەس! ئەمدى ھوشۇڭنى  تاپ سەندىن  مۇۋەپپەقىيەت شېرىن  مېۋىسىنى تېتايلى .
                                                    دۇنياغا تەبەسسۇم كېرەك
    تەبەسسۇم _ كىشىلەرگە  ئىللتقۇچى، يۇرتقۇچى  قۇياش، ئۇ قەلب بېغىدا پۇرۇكلەپ ئىچىلغان گۈل، كىشلەر قەلبىنى  باغلاپ  تۇردىغان مېھىر - مۇھەببەت، رىشتە، چۈشىنىش  دوستانىلىق، سەممىيىلىك  بەخش ئەتكۈچى  سېھرى  گۈزەلكتۇر،ھەر قانداق ئادەم  باشقىلارغا ئات قىلىشقا  قادىر  مېھرى - مۇھەببەت  سوۋغىسىدۇر، بۇ سوۋغىنى باشقىلارغا ئاتاقىلغان ۋاقتىمىزدا  مۇناسىپ ھالدا  بىزگىمۇ خۇشاللىق،  دوستلۇق  بەختى يار بولىدۇ، لايىقىدا  ھەققىي ھە تەبىئىي  بولغان تەبەسسۇم خۇددى بولۇت يېرىپ ئۆتكەن قۇياشقا ئوخشاش،  كىشىلەرگە  ئىللىقلىق  ۋە گۈزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ.
    تەبەسسۇم بىر ئادەم ئۈچۈن  ھېچقانچە  كۈچ سەرىپ قىلىمايدىغان  بىر ئىش.  ئەمما تۇرمۇشتا  بەزى كىشىلەر دۇنيادىكى بارىلىق  بەخىتسىزلىك ئۆزىلا يۈدۇۋالغانىدەك  چىرايى  تۇتۇق  يۇرىدۇ، ئېنىقكى،  چىرايىنى  كۈنبۇيى  بولۇت قاپلاپ يۇرگەنگەن  كىشىنىڭ  غەم - قايغۇ سى  ئازابى  يەڭگىللەپ  بەخىتسىز تەقدىرى  ئۆزگىرىپ قالمايدۇ .  بەلكى  خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولۇش ۋاقتى ئاز بولدۇ.تەبەسسۇم  قىلىشنى بىلمىگە ئادەم ۋە ئۆگەنمىگە ئادەم  كىشىلىك تۇرمۇشىكى خاسىيەتلىك  بىر ئەڭگۈشتەردىن قۇرۇق قالدۇ.  كىشىلىك  تۇمۇش مېھىر  - مۇھەببەت، ئىللىقلىق،  خۇشاللىققا مۇھتاج . .تەبەسسۇم ئارقىلىق باشقىلارغا  تولىمۇ سۆيۈملۇك  بولغان كۆرۈنسىز، تەدىرىجى ھالدا  ئۆز  يېنىڭىز دا كۆڭۈلۈك، ئازادىلىك، ھۆرمەت، خۇشاللىق، ۋە ئىناقلىقىنىڭ  تېخىمۇ  كۆپيىۋتقانلىقىنى  بايقايسىز . شۇڭا باشقىلارغا تەشەببۇسكارلىق  بىلەن دوستانە .تەبەسسۇمدا قاراڭ . چوقۇمكى ئۆزىنىڭز ئويلاپمۇ باقمىغان  نۇرغۇن نەسىلەرگە ئېرىشمەي قالمايسىز، باشقىلارغا  .تەبەسسۇم ئارقىلىق  بىر روجەك ئېچىپ بەرسىڭز،  ئۆزىڭىز مۇ بىپايان ئاسماننى  يورۇق  دۇنيانى  كۆرەلەيسز...بۇنىڭغا  ئىشىنەمسىز ؟...
    ئىشەنمىسىڭىز ،قولىڭىزغا ئەينەك ئېلىپ  ئۆزىڭزنىڭ « مۇز چىرايىڭىز» بىلەن  كۈلۇمسىرەپ  تەبەسسۇم قىلىپ  تۇرغان يېقىملىق  چىراىىڭىزنى  سېلشتۇرۇپ  كۆرۈڭ،قېنى  قايسى خىل  چىراي  سىز نى تېخىمۇ  ئازادە دۇنياغا ئىگە قىلدىكىن .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.