دۇنيادىكى ئەڭ پىششىق نەرسە

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-18 17:22:12

دۇنيادا تەسىرلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بەزىدە كىچىككىنە بىر ئىشلارمۇ سىزنى قاتتىق تەسىرلەندۇرىدۇ ياكى سىزگە قاتتىق تەسىر قىلىپ، بىر ئۆمۇر ئىسىڭىزدىن چىقمايدۇ، ئاشۇنداق تەسىرلىك ئىشلارنى قى...

        دۇنيادا تەسىرلىك ئىشلار ناھايىتى كۆپ، بەزىدە كىچىككىنە بىر ئىشلارمۇ سىزنى قاتتىق تەسىرلەندۇرىدۇ ياكى سىزگە قاتتىق تەسىر قىلىپ، بىر ئۆمۇر ئىسىڭىزدىن چىقمايدۇ، ئاشۇنداق تەسىرلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشلەر ياكى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان سۆزلەرنى قىلۋاتقان ئوماق بالىلارنىڭ تەپەككۇرىغا ئاپرىن ئېيتىمىز.
    يىراق بىر يېزىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن "دۇنيادا ئەڭ پىششىق نەرسە نىمە؟" دەپ سوراپتۇ، ئوقۇغۇچىلار ئەمدىلا جاۋاپ بىرىشكە تەمشىلىشىگە دەرىستىن چۇشىدىن ۋاقىت بۇلۇپ قوڭغۇراق چېلىنىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى تاپشۇرۇق دەپتىرىگە يېزىپ كىلشنى تاپشۇرۇپتۇ. ئەتىسى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا يېزىپ كەلگەنلىرىنى ئوقۇتۇپتۇ.
    -دۇنيادا ئەڭ پىششىق نەرسە تۆمۈر، چۈنكى تۆمۈرنى خېلى كۈچلۈك ئادەملەرمۇ ئۈزەلمەيدۇ.
    -دۇنيادا ئەڭ پىششىق نەرسە دەرەخنىڭ يىلتىزى............
    -دۇنيادا ئەڭ پىششىق نەرسە جان، ئادەم ئۆلۇۋالىمەن دەپمۇ ئاسانلىقچە ئۆلۇۋالالمايدۇ.
    ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئېيتىپتۇ. ئوقۇتقۇچى ئۇلارنىڭ جاۋاپلىرىدىن تازا قانائەت ھاسىل قىلماي تۇرغاندا، بىر ئوقۇغۇچى ئاستا قول كۆتۇرۇپتۇ.
    -مىنىڭچە دۇنيادىكى ئەڭ پىششىق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرى-دەپ سۆزىنى داۋام قىپتۇ ھېلىقى ئوقۇغۇچى،-دۇنيادا ئەڭ ئاجىز نەرسە كۆڭۈل، دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق نەرسە يوقسۇزلۇق، ئەڭ ئېغىر نەرسە يېتىملىك...................
    بالا خۇددى بوغۇزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك سۆزىنىڭ داۋامىنى قىلالماي يىغلامسىراپ كىتىپتۇ.
    -داۋاملىق سۆزلەڭ، كۆز قارىشىڭىزنىڭ توغرىلىقىنى قانداق ئىسپاتلايسىز؟-دەپ سوراپتۇ ئوقۇتقۇچى.
    -دۇنيادا ھىچقانداق نەرسە قېرىنداشلىق مېھرىدەك پىششىق بولمايدۇ،-دەپ سۆزىنى داۋام قىلىپتۇ ھېلىقى بالا،-بىر ئائىلىدىكىلەر ياكى يېقىن ئۇرۇق-تۇققانلار ھەر قانچە قاتتىق ئۇرۇشۇپ قان چېچىشىپ كەتسىمۇ، يەنىلا بىر-بىرىگە چىدىمايدۇ، قېرىنداشلىق مېھرىنى ھېچقانداق نەرسە بۇزالمايدۇ. دادام بىلەن ئۇنىڭ بىر ئىنىسى ئىلگىرى كىچىك ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇرۇشۇپ، بىر-بىرىگە قاراشماي كەلگىلى خېلى يىللار بولغانىدى، ئۇلارنىڭ زىدىيتىنىڭ مەنبەسىنى، سەۋەنلىكنىڭ كىمدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن، بىراق يېقىندا دادام ئاغرىپ قالدى، بۆرەك ئالماشتۇرمىسا، ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدىكەن، ئاپام بۇنى ئاڭلاپ قان يىغلىدى، تەرەپ-تەرەپكە قاترىدى، بىراق ئۈنۈمى بولمىدى، شۇ چاغدا دادامنى ھېلىقى ئىنىسى ئىككىلەنمەيلا ئۆزىنىڭ بىر بۆرىكىنى داۋامغا تەقدىم قىلدى. ئۇ دادامنىڭ سالامەتلىگىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرگەندە ناھايىتى خوشال بۇلۇپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى ئارازىچىلىق تۈگىدى...............
       بالا سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماپتۇ. جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ ھېكايسىنى ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ پەقەت بىر ھېكايە بۇلۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىشىپتۇ، بىراق بالا ھۆڭرەپ يىغلاپ كىتىپتۇ، ئۇنىڭ تاراملاپ تۆكۈلگەن ياشلىرى بۇ ۋەقەنىڭ تۇقۇلما ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي يۈز بەرگەن ۋەقە ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى كۆز ياشلىرىنى توختىتۋالالماپتۇ، ئوقۇتقۇچىمۇ ئۆزىنى تۇتالماي قاپتۇ ھەمدە يۈگۈرۈپ بېرىپ ھېلىقى ئوقۇغۇچىنى باغرىغا بېسىپتۇ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر