مۈشۈكنىڭ ھايات پەلسەپسى(جىم ۋېللىس)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-13 02:03:26

مۈشۈكنىڭ ھايات پەلسەپسى جىم ۋېللىس توختى قۇربان تەرجىمىسى ئەر مۈشۈكنىڭ كېيىنكى قالغان كۈنلىرىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بىلىپ قاتتىق ئازاپلاندى. دوختۇر ئۇنىڭغا مۈشۈكنى داۋالىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ...



    مۈشۈكنىڭ ھايات پەلسەپسى
    جىم ۋېللىس
    توختى قۇربان تەرجىمىسى




       ئەر مۈشۈكنىڭ كېيىنكى قالغان كۈنلىرىنىڭ كۆپ ئەمەسلىكىنى بىلىپ قاتتىق ئازاپلاندى. دوختۇر ئۇنىڭغا مۈشۈكنى داۋالىغىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئۆيگە ئىلىپ كېتىپ، كېيىنكى كۈنلىرىنى ئىمكانقەدەر ئازادىرەك ئۆتكۈزۈشنى ئېيىتتى.



    ئەر مۈشۈكنى پۇتىغا قويۇپ ئۇھسىندى.مۈشۈك كۆزىنى يوغان ئېچىپ، خىرىلداپ ۋارقىراپ ئەرنىڭ كۆزىگە قارىدى. بىر تامچە ياش ئەرنىڭ يۈزىدىن دوملاپ مۈشۈكنىڭ پىشانىسىگە چۈشتى. مۈشۈك ئانچە خۇشال بولمىغان ھالدا ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى.


    «بۇرادەر، نېمىگە يىغلايسەن؟ سەن مېنىڭدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن ئىبارەت ئوي- پىكىرنى قۇبۇل قىلالمايۋاتىسەن؟ ھېچقانداق نەرسە مېنىڭ ئورنۇمنى ئالالمايدۇ دەپ قارايسەن شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    ئەر بېشىنى لېڭىشتىپ «شۇنداق» دېدى.

    «ئۇنداقتا مەن سەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن مېنى قەيەرگە كەتتى دەپ قارايسەن؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    ئەر ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا مۈرىسىنى قىقىپ قويدى.

    «بۇرادەر كۆزۈڭنى يۇم» دېدى مۈشۈك. ئەر گۇمان بىلەن قاراپ قويدى. ئەمما يەنىلا ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆزىنى يۇمدى.

    «مېنىڭ كۆزۈم ۋە مويۇم قانداق رەڭدە؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    «سىنىڭ كۆزۈك ئالتۇن رەڭدە، مويۇڭ قويۇق ھەم ئىسسىق قوڭۇر رەڭدە» دەپ جاۋاپ بەردى ئەر.

    «ئۇنداقتا سەن مېنى قانداق جايدا ئەڭ كۆپ كۆرەتتىڭ؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    «مەن سىنى دائىم......... ئاشخانىدىكى دەرىزە تەكچىسىدە قۇشقا قاراپ ....... مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئورۇندۇقتا ....... ئۈستەل ئۈستىدىكى مەن ئىشلىتىدىغان ماتېرىيال ئۈستىدە..... ئاخشىمى مەن بېشىمنى قويىدىغان ياستۇقنىڭ ئۈستىدە ئۇخلايىتتىڭ» دەپ جاۋاپ بەردى ئەر.

    مۈشۈك بېشىنى لېڭىشتتى.

    «ھازىر كۆزۈڭ يۇمۇقلۇق ھالەتتمۇ ، سەن يەنلا مېنىڭ سايەمنى شۇ جايلاردا كۆرەلەمسەن؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    «ئەلۋەتتە، نەچچە يىللاردىن بىرى مەن سىنى ئۇدا ئۇ جايلاردا كۆرگەن»دەپ جاۋاپ بەردى ئەر.

    «ئۇنداقتا، مەيلى قايسى ۋاقىتتا مېنى كۆرگۈڭ كەلسە، پەقەت كۆزۈڭنى يۇمساڭلا بولدى» دېدى مۈشۈك.

    «ئەمما سەن راستىنلا بۇ يەردە ئەمەسقۇ؟» دەپ سورىدى ئەر مەيۈس ھالدا.

    «ھە؟ راسىتما؟» دەپ سورىدى مۈشۈك. «ئاۋۇ يەردىكى ئارغامچىنى ئال- ئاۋۇ يەردىكى، مېنىڭ ئويۇنچۇقۇم».

    ئەر كۆزىنى ئېچىپ، قولىنى سوزۇپ ئارغامچىنى ئالدى. ئارغامچا تەخمىنەن 0.6 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىدى. مۈشۈك ئىلگىرى ئارغامچىنى ئويناپ ئۆز كۆڭلىنى ئۆزى خوش ئىتەتتى. بىر ئوينىسا ئۇدا بىر قانچە سائەت ئوينايىتتى.»

    «ئۇ نىمىدىن ياسالغان؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    «قاراشقا پاختىدىن ياسالغاندەك قىلىدۇ.» دەپ جاۋاپ بەردى ئەر.

    «مەلۇم بىر ئۆسۈملۈكتىن كەلگەنمۇ؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    «ھەئە» دەپ جاۋاپ بەردى ئەر.

    «بىر تۈپ پاختىدىن كەلگەنمۇ ياكى بىر قانچە تۈپ پاختىدىنمۇ؟».

    «نۇرغۇن پاختىدىن كەلگەن» دەپ جاۋاپ بەردى ئەر.

    «پاختا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاشۇ تۇپراقتا، يەنە باشقا ئۆسۈملۈك ياكى گۈل بارمۇ؟ پاختىنىڭ يېنىدا يەنە بىر تۈپ ئەتىرگۈل بار، شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    «ھەئە» مۇشۇنداق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن دەپ جاۋاپ بەردى ئەر.

    «ئۇنداقتا، بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش يامغۇر سۈيىنى سۈمىرىدۇ شۇنداقمۇ؟. شۇڭا بارلىق ئۆسۈملۈكلەر، ئەتىرگۈل ۋە پاختا، ماھىيەت جەھەتتىن ئىنتايىن ئوخشاش،پەقەت تاشقى جەھەتتىن پەرىقلىنىدۇ». دېدى مۈشۈك.

    ئەر بېشىنى لېڭشىتىپ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.ئەمما بۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋال بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى چۈشىنەلمىدى.

    خوش، ئۇ ئارغامچا ،«پەقەت بىر بۆلەك پاختىدىن ياسالغان ئارغامچىمۇ؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    «ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بىر ئورام يىپنىڭ ئايرىم بىر بۆلىكىلا خالاس» دەپ جاۋاپ بەردى ئەر.

    «ئۇنداقتا سەن باشقا ئارغامچىنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ يەنە بارلىق يىپ باغلىمىنىچۇ؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    «بىلمەيمەن.... مەن بۇنى بىلمەيدىكەنمەن» دەپ جاۋاپ بەردى ئەر.



    ئەمما سەن ئۇلارنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، بىراق يەنىلا ئۇلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىسەن. ھەتتا ئارغامچىنىڭ مەلۇم قىسىمىنىڭ سىنىڭ يېنىڭدا ئىكەنلىكىنى ، باشقا قىسىمىنىڭ بولسا باشقا جايدا ئىكەنلىكىنى ....... سەن يەنە بارلىق ئارغامچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىگە قوشۇلىسەن شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    «مەن ئەزەلدىن بۇ مەسىلىنى ئويلاپ باقمىغان. بىراق مەن شۇنداق پەرەز قىلدىمكى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا باغلىنىشلىق بار.» دېدى ئەر.

    «ئەگەر، بىر بۆلەك ئارغامچا يەرگە چۈشۈپ كەتسە، قانداق ئىش يۈز بىرەر؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    «ھىم...... ئۇ ئەڭ ئاخىرى كۆمۈلۈپ، پارچىلىنىپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىدۇ» دەپ جاۋاپ بەردى ئەر.

    «بىلدىم»، «ئۇنداقتا كۆپلىگەن پاختا ياكى بىر تۈپ ئەتىرگۈل ئۇنىڭدىن ئۈنۈپ چىقامدۇ؟» دېدى مۈشۈك.

    «شۇنداق»، «مۇمكىنچىلىكى بار» دېدى ئەر قۇشۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ.

    «ئۇنداقتا، دىرىزە تەكچىسىدىكى ئاۋۇ ئەتىرگۈل، بەلكىم قولۇڭدىكى بىر بۆلەك ئارغامچا، ھەمدە سەن بىلمەيدىغان بارلىق ئارغامچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەلۇم مۇناسىۋىتى بارمۇ؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    ئەر قاپىقى تۈرۈلگەن ھالدا چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

    «ھازىر ئىككى قولۇڭ بىلەن ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچىدىن قىسىپ تۇت» دېدى مۈشۈك بۇيرۇق چۈشۈرۈپ.

    ئەر مۈشۈكنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى.

    «سەن سول قولۇڭ بىلەن قىسىپ تۇتقان ئاۋۇ تەرەپ بولسا مېنىڭ تۇغۇلۇشۇم، ئوڭ قولۇڭ بىلەن قىسىپ تۇتقان تەرەپ بولسا مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ئاياغلىشىشى. ھازىر ئىككى ئۇچنى بىرلەشتۈر.» دېدى مۈشۈك.

    ئەر يەنىلا مۈشۈكنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى.

    «سەن ئۆز ئارا تۇتاشقان چەمبەر ھاسىل قىلدىڭ»، « بۇ ئارغامچىنىڭ ھەر قانداق بىر نوقتىسى بىلەن باشقا نوقتىلىرىنىڭ قانداق پەرقى بار؟ ئارغامچىغا سېلىشتۇرغاندا باشقا قىسىملىرى ياخشىمۇ ياكى ناچارمۇ؟» دەپ سورىدى مۈشۈك.

    ئەر يىپنى كۆزەتكەندىن كېيىن بېشىنى چايقىغىنىچە «ياق» دەپ جاۋاپ بەردى.

    «كۆزۈڭنى يەنە بىر قېتىم يۇم»، «ھازىر قولۇڭنى يالايمەن» دېدى مۈشۈك.

    ھەيرانلىقتىن ئەرنىڭ كۆزلىرى يوغان ئىچىلىپ كەتتى.

    «مېنىڭ دېگىنىمچە قىل، قولۇڭنى يالاپ باقاي. مەن پىششىق بىلىدىغان جايلارنى، بارلىق ئارغامچىنى، يەنە پاختا ۋە ئەتىرگۈلنى ئەسلەپ باقاي» دېدى مۈشۈك.


    قولنى يالىماقچى بولغانلىقىدىن ئەر بىر خىل ھاماقەتلىك ھېس قىلدى. ئەمما يەنىلا مۈشۈكنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇ مۈشۈك بىلىدىغان بارلىق مەخپىيەتلىكلەرنى بايقاپ قالدى. ئۇ تىرنىقىڭنى يالاپ سىنى تىنىچلاندۇرۋىتىدۇ، ھەمدە سىنى تېخىمۇ ئېنىق ئويلاندۇرىدۇ. ئۇ داۋاملىق يالىدى. ئۇنىڭ ئاغزى يۇقرىغا ئۆرلەشكە باشلىدى. نەچچە كۈندىن بىرى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم كۈلۈمسىرىشى ئىدى. ئۇ مۈشۈكنىڭ توختاپ قىلىشىنى كۈتتى.ئەمما ساقلىيالمدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆزىنى ئاچتى. مۈشۈكنىڭ كۆزى ئاللىقاچان يۇمۇقلۇق ئىدى. ئۇ مۈشۈكنىڭ ئىسسىق قوڭۇر مۇيىنى سىلىماقچى بولدى. ئەمما مۈشۈك ئاللىقاچان كېتىپ قالغان ئىدى.


    ئەر كۈچىنىڭ بارىچە كۆزىنى يۇمدى.يېشى خۇددى بۇلاق سۈيىدەك ئاقتى. ئۇ مۈشۈكنىڭ دىرىزە تەكچىسىدە تۇرغانلىقىنى، ئاندىن كېيىن كارىۋاتتا، ئۇنىڭ مۇھىم ماتېرىياللىرى ئۈستىدە ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يەنە مۈشۈكنىڭ ياستۇقىنڭ ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئالتۇن رەڭ كۆزىنى، يەنە بۇرنى ۋە قۇلىقى ئۈستىدىكى قېنىق قوڭۇر رەڭلىك مۇيىنى كۆردى. ئۇ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ ياشقا تولغان كۆزى بىلەن دىرىزە تەكچىسىدىكى ئەتىرگۈلنى، ئاندىن ئۆزىنىڭ قولىدىكى قىسىپ تۇتۇپ تۇرغان ئارغامچىنى كۆردى.


    ئۇزۇن ئۆتمەي مەلۇم بىر كۈنى، ئۇنىڭ تىزىدا يېڭىدىن بىر ئاسلان پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇ ئوماققىنە ئاق ئالىسى بولغان ئاسلان بولۇپ، ئىلگىرىكى سۆيۈملۈك مۈشىكىگە قىلچە ئوخشىمايىتتى. لېكىن يەنلا شۇنداق ئوخشاش ئىدى.

     

    «ئەسەبىي ئېنگىلىزتىلى» ئوقۇشلىقىنىڭ 2008-يىل 2-ئايلىق 73-سانىدىن ئىلىندى.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.