ئەڭ ئاخىرقى ماددا

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-01 11:09:55

ئەڭ ئاخىرقى ماددا ئۇنىڭ خەجلەپمۇ تۈگىتەلمىگۈدەك پۇلى بار بولۇپ ، ھەقىقەتەن باي ئاياللاردىن ئىدى. بالىسى ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى بولسا ھەممە نەرسىدىن زېرىككەندەك بولۇپ قالدى. بالا ئۇنىڭ بارلى...

    ئەڭ ئاخىرقى ماددا  

    ئۇنىڭ خەجلەپمۇ تۈگىتەلمىگۈدەك پۇلى بار بولۇپ ، ھەقىقەتەن باي ئاياللاردىن ئىدى. بالىسى ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى بولسا ھەممە نەرسىدىن زېرىككەندەك بولۇپ قالدى. بالا ئۇنىڭ بارلىق ۋاقتىنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ ، ئىجتىمائىي سورۇنلارغا بارالمىغىنىغا خېلى زامانلار بولۇپ قالغان ئىدى . ئۇ بالىسىنى ئېلىپ شەھەردىكى ئەڭ ياخشى بالىلار باغچىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ باغچىنىڭ شارائىتىدىن قۇسۇر ئىزدەپ تاپقىلى بولمايتتى . باغچا تەربىيەچىلىرىنىڭ ساپاسى يۇقىرى ، مۇكەممەل بالىلار ئوقۇشلۇق دەرسلىكلىرى بار ، يېمەك–ئىچمەكتىكى ئوزۇقلۇقمۇ نورمال تەڭشەلگەن ئىدى . بۇ يەر ئۇنىڭ بالىسىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايتتى .

       ئۇ باغچا باشقۇرغۇچىسىغا :

      ــــ سىلەرنىڭ شارائىتىڭلار ھەقىقەتەن ياخشىكەن ، مەن بالامنى بۇ يەرگە بېرىشنى قارار قىلدىم، - دېدى.

       باشقۇرغۇچى تولىمۇ خۇشال ھالدا ئۇنىڭ بالىسىنى ئېلىپ قالدى ۋە:

       ــــ بىز يېرىم يىلدا بىر قېتىم توختامغا قول قويۇشساق بولىدۇ ، توختامدىكى ھەر بىر ماددىغا ياخشىراق قاراپ چىققايسىز، - دېدى .

       باي ئايال توختامغا ئالدىراپ كۆز يۈگۈرتۈۋەتكەندىن كېيىن:

     ــــ پۇل مۇھىم ئەمەس ، ھازىرلا ئاغدۇرۇپ بەرسەممۇ بولىدۇ . ئەمما توختامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ماددىسىنى بىر ئاز چۈشىنەلمەي قالدىم ، - دېدى.

       ــــ شۇنداق ھۆرمەتلىك خانىم ، باغچىمىز بالىڭىزنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ، چوقۇم دائىم كىيىدىغان كىيىمىڭىزدىن بىرنى بۇ يەرگە قويۇپ كېتىشىڭىز كېرەك . چاپان ، مايكا ياكى كۆينەك، قايسىسى بولسا بولىۋېرىدۇ ، بۇنىڭغا چوقۇم ماقۇل دېيىشىڭىز كېرەك ، - دېدى باشقۇرغۇچى .

       ــــ بىراق ، مەن سىلەر بېكىتكەن بارلىق ھەقلەرنى تۆلەپ بولدۇم ، يەنە نېمىشقا كىيىمىمدىن بىرنى ئېلىپ قالىسىلەر؟ - دەپ سورىدى ئايال ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن ھالدا .

       ــــ چۈشلۈكى بالىلار ئۇخلاشقا ئۇنىمايدۇ ، بىراق ئۇلارغا ئانىسى كىيگەن كىيىمنى يېپىپ قويساق ، بالىلار تىنچلىنىپ ئۇخلاپ كېتىدۇ ، - دېدى باشقۇرغۇچى.

         باي ئايال گەپمۇ قىلالماي قالدى . ئۇ تېخىچە تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىسىنى باغرىغا باسقىنىچە ، شەھەردىكى شارائىتى ئەڭ ياخشى بۇ بالىلار باغچىسىدىن چىقىپ كەتتى . شۇ تاپتا ئۇ ئانىنىڭ ئورنىنى ھېچكىمنىڭ باسالمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى .

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.