قۇشقاچ بالىسى بىلەن قارلىغاچ بالىسى

يوللىغۇچى : Kurshat يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-24 00:14:00

قارلىغاچ بىلەن قۇشقاچ پېشايۋان ئاستىدا ئۇۋا سېلىپ بالا چىقىرىپتۇ، قارلىغاچ بالىسى بىلەن قۇشقاچ بالىسى بىللە ئويناپ چوڭ بوپتۇ. دوستلۇقىمۇ چوڭقۇرلىشىپتۇ. ياز ئۆتۈپ كۈز كەپتۇ،قارلىغاچلار جەنۇ...

        قارلىغاچ بىلەن قۇشقاچ پېشايۋان ئاستىدا ئۇۋا سېلىپ بالا چىقىرىپتۇ، قارلىغاچ بالىسى بىلەن قۇشقاچ بالىسى بىللە ئويناپ چوڭ بوپتۇ.
        دوستلۇقىمۇ چوڭقۇرلىشىپتۇ. ياز ئۆتۈپ كۈز كەپتۇ،قارلىغاچلار جەنۇپقا بېرىشقا تەييارلىنىپتۇ، قارلىغاچ بالىسى جەنۇپقا كەتسە دوستى قۇشقاچ بالىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىغا ئويلاپ جەنۇپقا بارغىلى ئۇنىماپتۇ .
       - بالام ،دەپتۇ ،ئانا قارلىغاچ،- بىز پەسىل قۇشىلرى سوغۇق ھاۋاغا ماسلىشالمايمىز. شۇڭا ياشاش شارائىتىمىزغا ماس كېلىدىغان يەرگە بېرىشىمىز كېرەك، سەن بۇ يەردە قالساڭ ئوزۇقلۇقتىن قىينىلىپ قالىسەن.    قىشتا پاشا، كۇمۇتا ، چىۋىنلار ئۆزلىدۇ، سەن نېمە يەيسەن؟ بۇ يەردە قاتتىق سوغۇق بولسا، سەن قەيەرگە كىرىۋالىسەن؟ ياخشىسى بىز بىلەن كەتكىن.
       ـ  دۇنيادا دوستلۇق ھەممىدىن مۇھىم. قۇشقاچ بالىسى بىلەن ئىككىمىز بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلالمايمىز،دەپ تۇرىۋاپتۇ قارلىغاچ بالىسى.
       ئانا قارلىغاچ بىر نەچچە كۈن ساقلىسىممۇ بالا قارلىغاچ جەنۇپقا كەتكىلى ئۇنىماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلاجىسىز قالغان ئانا قارلىغاچ قالغان بالىلىرىنى ئەگەشتۇرۇپ جەنۇپقا ئۇچۇپ كېتىپتۇ.
        قارلىغاچ بالىسى قۇشقاچ بالىسى بىلەن قېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي سوغۇق شامال چىقىپتۇدە،پاشا كۇمۇتا چىۋىنلەر يوقاپ قارلىغاچ بالىسى ئاچ قېلىشقا باشلاپتۇ. سوغۇقمۇ باشلىنىپتۇ، ئۆي ئىگىسى سوغۇقتىىن قورقۇپ ئىشىك ،دېرىزە ،تۈڭلۈكلەرنى مەھكەم تاقاپتۇ. قارلىغاچ بالىسى ئىسسىق ئۆيگىمۇ كىرەلمەپتۇ.
       ئاچلىق، سوغۇق قارلىغاچ بالىسىنى قاتتىق قىيناپتۇ. قۇشقاچ بالىسى شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ قارلىغاچ بالىسىغا ئۇ يەردىن ئوزۇقلۇقنى تېپىپ بېرەلمەپتۇ. تاپقان بۇغداي، قوناقلارنى قارلىغاچ بالىسى يېمەپتۇ.
        بىر كۈنى قاتتىق قار يېغىپ قۇشقاچ بالىسىمۇ ئۇۋىسىدىن چىقالماپتۇ.
       قارلىغاچ بالىسى: ئانامنىڭ دېگىنى توغرىكەن،ـ دېگىنىچە ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆلۈپ قاپتۇ.
       قۇشقاچ بالىسى دوستتىنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرۇپ يىغلاپتۇ.شۇچاغدا ئانا قۇشقاچ:
      ــ دوستۇڭنىڭ ئۆلۈمىدىن ساۋاق ئال . دوستۇڭنىڭ ئۆلۈمى(ئۆزەڭنى چىڭ تۇت خوشناڭنى ئوغرى تۇتما، زامانغا باقمىغاننىڭ ئۆمرى قىسقا)دېگەندەك ئىش بولدى ــ دەپتۇ.
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق