شىنجاڭ ئورگان- كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت قىلغىنىغا بىر يى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-27 14:35:23

شىنجاڭ ئورگان- كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىل توشقان بولسا مائاشلىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى مېيەن خەۋەر قىلىدۇ) شىنجاڭ ئورگان &nda...

    شىنجاڭ ئورگان- كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىل توشقان بولسا مائاشلىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ

     

                     تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى (مۇخبىر لى مېيەن خەۋەر قىلىدۇ)

     

    شىنجاڭ ئورگان – كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسا مائاشلىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. دەم ئېلىش مەزگىلىدە خىزمەت قىلىشقا تىگىشلىك بولسا، بىر كۈنلۈك مائاشنىڭ %30 بويىچە ھەق بېرىلىدۇ. بۇ مۇخبىرنىڭ 26 – سېنتەبر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئېرىشكەن خەۋىرى.

      يېقىندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مالىيە نازارىتىنىڭ ئاپتونوم رايون ئورگان – كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى چارىسى» نى تارقىتىپ، گوۋۇيۈەننىڭ «ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش نىزامى» ۋە سابىق دۆلەت كادىرلار مىنىستىرلىقى «ئورگان – كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى يولغا قويۇش چارىسى» غا ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق ئورگان – كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرغان. «يولغا قويۇش - چارىسى» 2010 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

    «يولغا قويۇش چارىسى » دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلگەن:

    ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولسا مائاشلىق، يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئورۇنلار، خىزمەتچى خادىملارنىڭ يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەتچى خادىملارنى يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئورۇنلار ئادەتتە كۈندىلىك خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرماسلىقى لازىم. خىزمەتچى خادىملار يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە نورمال خىزمەت مەزگىلىدىكى بىلەن ئوخشاش مائاشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. «يولغا قويۇش چارىسى» گە ئاساسەن، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ خىزمەت قىلغىنىغا بىر يىل توشۇپ، 10 يىلغا توشمىغان بولسا، يىللىق دەم ئېلىش 5 كۈن بولىدۇ؛ 10 يىلغا توشۇپ 20 يىلغا توشمىغان بولسا، يىللىق دەم ئېلىشى 10 كۈن بولىدۇ. 20 يىلغا توشقان بولسا 15 كۈن بولىدۇ. خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەت سىتاژى بىر يىلغا توشقان، 10 يىلغا توشقان، 20 يىلغا توشقاندىن كېيىنكى ئېيىدىن باشلاپ مۇناسىپ ھالدىكى يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. «يولغا قويۇش چارىسى» دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى:

    ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن تەشكىلنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا، شەخىسلەرنىڭ پىكىرىنى ئېلىش كېرەك. ئورگان – كەسپىي ئورۇنلار دەم ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ دەم ئالمىغان خىزمەتچى خادىملارنىڭ يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانى بويىچە يىللىق دەم ئېلىش مائاشىنى بېرىش كېرەك.

    يىللىق دەم ئېلىش مائاش ھەقنى بېرىش ئۆلچىمى:

    ھەر دەم ئېلىشقا تېگىشلىك كۈندە بىر كۈن دەم ئالمىغان بولسا، شۇ ئادەمنىڭ يىللىق دەم ئېلىش كۈنىدىكى مائاشىنىڭ %30 ى بويىچە ھەق بېرىلىدۇ. بۇ خىزمەتچى خادىملارنىڭ نورمال خىزمەت مەزگىلىدىكى مائاش كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىزمەتچى خادىملارنىڭ يىللىق دەم ئېلىشىنى ئالىدىغان كۈنلەردىكى مائاش كىرىمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى: شۇ ئادەمنىڭ يىللىق مائاش كىرىمىدىن مائاش ھېسابلانغان كۈن سانى (261 كۈن) چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئورگان خادىملىرىنىڭ يىللىق مائاش كىرىمى: شۇ كىشىگە پۈتۈن بىر يىلدا تارقىتىشقا تېگىشلىك ئاساسىي مائاش، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن قوشۇمچە ياردەم پۇللىرى، يىل ئاخىرىدىكى بىر قېتىملىق مۇكاپات پۇلى ۋە باشقىلار.

    كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ يىللىق مائاش كىرىمى: شۇ ئادەمگە پۈتۈن يىلدا تارقىتىشقا تېگىشلىك ئاساسىي مائاشى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن قوشۇمچە ياردەم پۇللىرى، ئۈنۈم مائاشى ۋە باشقىلار. بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت، ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن قوشۇمچە ياردەم پۇللىرى، تۇرالغۇ، ماشىنا ئىشلىتىش قاتارلىق تۈزۈم ئىسلاھاتىغا ئاساسەن خىزمەتچى خادىملارغا بىۋاسىتە تارقىتىلغان پۇل ۋە تولۇقلىمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

       

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.