ۋەدە

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-27 16:58:33

قار ئارىلاش شىۋىرغانلىق تۈن كېچە، پىكاپى قارلىق يولدا كاتاڭغا پېتىپ قالغان لى سى دالىدا تۇرۇپ قالدى، ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي جىددىيلىشىپ تۇرغان چاغدا، ئات مىنگەن بىر ئادەم بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى.

     
    ۋەدە
     
    خىيلۇڭجياڭ
    قار ئارىلاش شىۋىرغانلىق تۈن كېچە، پىكاپى قارلىق يولدا كاتاڭغا پېتىپ قالغان لى سى دالىدا تۇرۇپ قالدى، ئۇ نېمە قىلارىنى بىلمەي جىددىيلىشىپ تۇرغان چاغدا، ئات مىنگەن بىر ئادەم بۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. ئۇ ئادەم بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، گەپ سۆز قىلمايلا ئۇنىڭ پىكاپىنى سۆرەپ يېزا بازىرىغا ئاپىرىپ قويدى.
    ئىشتىن كېيىن ئۇنىڭغا تەشەككۈر بىلدۈرۈش ئۈچۈن، لى سى يانچۇقىدىن خېلى كۆپ پۇل چىقىرىپ تەڭلىۋىدى، ئۇ ئادەم مۇنداق دېدى:
    -ياردىمىمگە جاۋاب قايتۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما مەن سىزدىن ماڭا ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن، باشقىلار قىيىنچىلىققا دۇچار بولغاندا، سىزمۇ چوقۇم پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن ياردەم بېرىشىڭىز كېرەك...
    شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە لى سى ئىنتايىن نۇرغۇن ئادەملەرگە ئىنتايىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى، شۇنداق چاغلاردا ئۇ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئادەملەرگە ئاشۇ «ۋەدە» نى تەكرارلاشنى ھەرگىز يادىدىن چىقارمىدى...
    ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، دالىدا ساياھەت قىلىۋاتقان لى سى بىر كۈنى تۇيۇقسىز كەلگەن قىيانغا دۈچ كېلىپ، بىر ئادەمسىز ئارالغا قاپسىلىپ قالدى، بىر جاسارەتلىك يىگىت شىددەتلىك قىياننىڭ يۇتۇپ كېتىش خەتىرىگە پەرۋا قىلماي، ئارالغا ئۈزۈپ بېرىپ ئۇنى قۇتقۇزۋالدى. ئۇ، ئۇ يىگىتكە تەشەككۈر بىلدۈرۈشكە تەمشىلىۋاتقاندا، يىگىت ئىلگىرى نەچچە مىڭ قېتىملاپ تەكرارلىغان ئاشۇ «ۋەدە» نى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
    -بۇنچىلىك ياردەمگە تەشەككۈر ئېيتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما سىز ماڭا ۋەدە بېرىشىڭىز كېرەك...
    بۇ چاغدا لى سىنىڭ قەلبىنى تولىمۇ چەكسىز ھەم تولىمۇ يېقىملىق بىر ئىللىق ئېقىم قاپلىدى. ئۇنىڭ ھاياجانلانغان قەلبىدە مۇنۇ سۆزلەر دولقۇن ياسىدى: «ئەسلىدە مەن سالغان مۇھەببەت ئۇرۇقى ھاسىل قىلغان ئىللىقلىق زەنجىرى سانسىز ئادەملەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇزىراپ، ئاخىرىدا بۇ يىگىتنىڭ قەلبى ئارقىلىق يەنە ماڭا قايتىپ كەلدى. دېمەك، مەن بۇ ئۆمرۈمدە قىلغان ياخشىلىقلارنى ئەمەلىيەتتە ئۆزۈم ئۈچۈن قىلغان ئىكەنمەن...».

    ئەخمەتجان روزى تەرجىمىسى
    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.