باش ئاغرىقى(سەئىد ئەھمەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-12 09:53:28

باش ئاغرىقى(ھېكايە)سەئىد ئەھمەد [ئۆزبېكىستان] ئىسكەندەروۋ باشقارمىدىن ئاڭلايدىغاننى ئاڭلىدى. ئېلىپ كەلگەن ھۆججەتتە يەنىلا خاتالىق بار ئىدى. "230 مىڭ" ئورنىغا "230"يېزىلىپتۇ، ھۈججەتكە قول قويغاندا ئ...



    باش ئاغرىقى(ھېكايە)
    سەئىد ئەھمەد [ئۆزبېكىستان]

     

     

     

    ئىسكەندەروۋ باشقارمىدىن ئاڭلايدىغاننى ئاڭلىدى. ئېلىپ كەلگەن ھۆججەتتە يەنىلا خاتالىق بار ئىدى. "230 مىڭ" ئورنىغا "230"يېزىلىپتۇ، ھۈججەتكە قول قويغاندا ئوبدان قارىمىغان ئىكەن. مانا، باشقارما پىلان بۆلۈمىدە ئۇنى راسا يەرگە قارىتىشتى.
       ھازىر ئىسكەندەروۋ ماشىنىسىدا ئۆزىنى ئۆزى مىڭ تىللاپ، ماشىنىست قىزنىڭ گۆرىنى قارغاپ كېلىۋاتاتتى :"ئۇنداق قىلىۋېتىمەن، مۇنداق قىلىۋېتىمەن، بۇنداق ماشىنىستنىڭ بارىدىن يوقى ياخشى، ئۇنى ئىشتىن بوشىتىۋېتىمەن...

     

     


       ئۇ خاپا ھالدا ئىدارىگە كەلدى. ماشىنكىنى تىرىقلىتىپ ئولتۇرغان ماشىنىست قىزنىڭ يۈزىگىمۇ قارىماي "ئىشخانامغا كىرىڭ"دېگىنىچە ئۆتۈپ كەتتى.ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ، ئاچچىقىنى باسماق بولۇپ تۇرغاندا، لەۋلىرى گلاستەك، بەللىرى سۈپۈرگىنىڭ بوغۇلغان يېرىدەك ئىنچىكە، قۇلاقلىرىغا ئاپتابتىن چىمدىپ ئېلىۋالغاندەك يالتىراق زىرە تاقىغان، قومۇش پۆپۈكىدەك مەيىن چاچلىق بىر قىز كىرىپ كەلدى. ئۇ ماشىنىست ئىدى. ئىسكەندەروۋ ئۇنىڭغا ھومىيىپ قارىدى. قىز كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ، بىر-ئىككى رەت كىرپىكىنى قاقتى. توۋا، ئىسكەندەروۋنىڭ شۇ كەمگىچە زەن سالمىغىنىنى، كىرپىكمۇ شۇنداق ئۇزۇن بولامدىغاندۇ؟قىز ھەر كىرپىك قاققىنىدا مەڭزلىرىگە سايە چۈشەتتى.

     

     


       ئىسكەندەروۋ بىرنەچچە دەقىقە قىزغا مەھلىيا بولۇپ تۇردى-دە، ئۆزىنى بېسىۋالدى. باياقى جەھلى يەنە جىسمىغا قايتتى. ئەمدى قىزنىڭ يۈزىگە ئەمەس، بەلكى پولغا قاراپ سۆزلەشكە چاغلاندى. نېمە بالا بولدى ئەمدى ؟ ئۇنىڭ كۆزلەرى ئېغىپ بېرىپ ماشىنىست قىزنىڭ يىڭنىدەك پاشنىسىغا، ئاندىن يىلان پوستىغا ئوخشاش كوپتىسىغا چۈشتى. ئىسكەندەروۋنىڭ باياقى جان-جەھلى بىلەن كەلگەن ئۆلگۈر ئاچچىقى ئاللاقاياقلارغا ئۇچۇپ كېتىپ، يۈزىگە بىلىنەر-بىلىنمەس تەبەسسۇم يۈگۈرگىلى تۇردى، ئىسكەندەروۋ بىر شۈركۈنۈپ يەنە ھوشىنى يىغىۋالدى. ئەمدى دېرىزە تەرەپكە يۈزلىنىپ سۆزلەشكە چاغلاندى.

     


       دېرىزە ئەينىكى ئەكسىدىن يەنە قىزنىڭ چېھرى نامايان بولدى. ئىختىيارسىزلا دىلىدىن " بەللى، يەلكىلىرى دېرىزە ئەكسىدىن شۇنداق شۇنداق كۆرۈنسە ئۇدۇل قارىغاندا قانداق بولار ؟ " دېگەن خىيال كەچتى.

     

           ئوچۇق دېرىزىدىن كىرگەن مەيىن شامال قىزنىڭ چاچلىرىنى بوينىغا، تامىغىنىڭ تېگىگە، بىلىنەر-بىلىنمەس ئېچىلىپ تۇرغان كۆكرىكىگە تەگكۈزۈپ ئوينىماقتا ئىدى.
           ئىسكەندەروۋ بىرنەچچە مىنۇتقىچە تەبىئەتنىڭ بۇ مۆجىزىسىگە لال بولۇپ قاراپ قالدى. گەپ قىلاي دېسىمۇ بەئەينى تىلدىن قالغاندەك گەپ قىلالمايتتى، ھومىياي دېسە يۈزىدىكى تەبەسسۇمىنى يىغىشتۇرۇپ بولالمايتتى.
           ئەركەكلەر خېلى ئىرادىلىك كېلىدۇ. ئىسكەندەروۋ ئەركەكلەرگە خاس جاسارەت بىلەن كۈچىنى يىغىپ ئورنىدىن تۇردى. زەردە قىلىپ بۇلۇڭغا باردى-دە، ئىككى قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ ئۆرۈلدى.

     


           ئۇ شۇ تۇرۇشىچە قانچىلىك تۇرغىنىنى بىلمىدى. قىز يۆتەلدى. ۋاھ، ئۇنىڭ ئاۋازى، بۇ ئاۋاز ئۇنى يەنە شۈركەندۈردى. نەزىرىدە قىز يېقىن كېلىپ كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئۇنىڭغا ئىختىيارىنى تاپشۇرىدىغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
           ئىسكەندەروۋ شۇ ئەلپازدا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق گاھ شۈركۈنۈپ، گاھ ھاڭۋېقىپ، گاھ غەزەبلىنىپ، گاھ تەبەسسۇم بىلەن مۈشۈك-ساچقان بولدى.

     


          ئاخىر ماشىنىست قىز باشلىقىنى تىز پۈكتۈرگىنىگە ئىشەنچ ھاسىل قىلدى.
          -ئىسكەندەروۋ ئاكا، نېمىگە چاقىرغان ئىدىڭىز ؟ - دېدى.
          ئىسكەندەروۋ نېمە دېيىشىنى بىلمەي ئازراق دۇدۇقلىدى :
              - كېچىدىن بېرى بېشىم ئاغرىۋاتىدۇ، دېگەن ئىدىڭىز ، قانداق، ئەمدى ساقىيىپ قالدىمۇ ؟
              - ھېلىھەم سەل ئاغرىۋاتىدۇ ، ئىسكەندەروۋ ئاكا !
              بىردىنلا ئىسكەندەروۋنىڭ مېھرىبانلىقى تۇتۇپ كەتتى.
              - سىز غەلىتىلا ئىكەنسىزغۇ ، سالامەتلىككە ئېھتىيات قىلىش كېرەك، بولمىسا ئاغرىپ قالىسىز، بېرىڭ، ئۆيگە بېرىپ دەم ئېلىڭ، باش ئاغرىقىڭىز بېسىلمىسا بىر-ئىككى كۈن ئىشقا كەلمىسىڭىزمۇ مەيلى، ئادەمگە سالامەتلىك كېرەك ، سالامەتلىك !
          قىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ چىقىپ كەتتى.


          ئەتىسى ئىسكەندەروۋ ئاگاھلاندۇرۇش يېدى، ماشىنىست قىز ھۈججەتنى ئۇرغاندا " باشقارما " دېگەننىڭ ئورنىغا " ماشقارما " دەپ ئۇرغان ئىدى.


          ئىسكەندەروۋ يەنە غەزەبكە كەلدى .
          بۇنداق غەزەب كۆپلەپ كۆرۈلۈۋەردى ...

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.