قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامان ‹پۇشايمان قىلىدۇ›

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-05 12:34:15

قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامان ‹پۇشايمان قىلىدۇ›ھەرقانداق بىر ئەرنىڭ بىرەر نام نىشان، مۇرادمەقسىدى بولغىنىغا ئوخشاش، قىزلارنىڭمۇ ئەرلەرنى تاللىشىدا مەلۇم ئوي پىكىر...



          

    قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھامان ‹پۇشايمان قىلىدۇ›

    ھەرقانداق بىر ئەرنىڭ بىرەر نام نىشان، مۇراد مەقسىدى بولغىنىغا ئوخشاش، قىزلارنىڭمۇ ئەرلەرنى تاللىشىدا مەلۇم ئوي پىكىرلىرى، ئۆلچەم بىرلىكلىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. مەسلەن: ئىستىقبالى بولۇش، پىشقان بولۇش، كۆيۈمچان بولۇش... دېگەندەك. زادى قانداق ئەرگە ياتلىق بولغاندا كېيىن پۇشايمان قىلىپ ئەينى ۋاقىتتا كۆزۈم قارىغۇ بولۇپ قاپتىكەن، دەپ تىللايدىغان ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغاندۇ؟!  قېنى ئەمىسە، بىز بىر-بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى!

    پۇلى كۆپ ئەلەرگە ياتلىق بولغاندا: يېيىشىڭىز ئېسىل تاماق، ئولتۇرىشىڭىز ئالىي ماشىنا، كاتتا ئۆي ئىمارەت، كىيىشىڭىز پۇزۇر داڭلىق كىيىملەر، تاقىشىڭىز قىممەت زىب- زىننەتلەر... بۇ خىل تۇرمۇش ئەلۋەتتە يامان تۇرمۇش ئەمەستە؟!! كىم راھەت كۆرۈشنى خالىمايدۇ، كىم جاپانى خالايدۇ، دەيسىز؟!  ئەمما، ئەرلەرنىڭ پۇل تېپىشى ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدۇ. پۇلى كۆپ ئەرلەر بىر بولسا كەچكىچە سودا قايناملىرىدىن بوشىيالمايدىغان سودىگەر، يا بولمىسا كەچكىچە زىياپەت ئولتۇرۇش، يىغىندىن بوشىمايدىغان كاتتا ئەمەلدار ئەرباب. سودىگەرنىڭ كاللىسىدا پايدا نەپتىن ئۆزگە نەرسە ئاز، كۈندە دېگۈدەك سالغان مەبلىغى بىلەن تاپقان پايدىسىنىڭ ھېساۋاتى، ئاستا-ئاستا ئۆيدىكى ئىللىقلىقنى سۇسلاشتۇرىدۇ. ئەمەلدار، پۇلدارلار بولسا كۈندە زىياپەت، يىغىن دېگەندەك ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ئۆيدىكى ۋاقتى ئازدىن ئاز بولىدۇ. پۇلدار ئەرلەر تولىراقى ئاياللىرىنى ئۆيگە يالغۇز تاشلاپ قويىدۇ، ئۆزلىرى سىرتتا ئالدىراش يۈرۈيدۇ. بۇنداق ئەرلەرگە ياتلىق بولسىڭىز، سىزنىڭ شۇ تېلىۋېزورغا، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىغا ياتلىق بولغان بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق. بۇ ۋاقىتتا سىز چىداشنى، روھىي جەھەتتىكى بوشلۇققا چىداشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك، شۇ روھىي جەھەتتىكى بوشلۇقنىڭ سىزگە ئېلىپ كەلگەن  ھاۋادەكلا بەخىتىنى، قەلبىڭىزدىكى ئاچچىقنى يۇتقاندەك يۇتۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ.

    ناھايتى قاملاشقان ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇ ئېنىقكى ئۆزىنىڭ پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق. گەرچە ئۇ سومباتلىق يىگىت پەقەت سىزنىلا ياخشى كۆرسىمۇ، ئەمما ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان بەلكىم پەقەت سىزلا بولماسلىقىڭىز مۇمكىن، ھەم باشقا قىزلارنىڭ ھېچنىمىگە قارىماستىن، پىدايىلارچە قىلغان ھۇجۇملىرىغا ئۈلگۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، قاملاشقان ئەرلەرنىڭ گۈزەل نازىنىنلارنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمۇ ئەلۋەتتە شۇنچىلىك قاملىشىپ كېلىدۇ، تېز كېلىدۇ. توساپمۇ توساپ بولالمايسىز-دە، ئاقىۋەت تۇرمۇشىڭىزدىن ئاستا ئاستا مەسىلە چىقىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز ئۆزىڭىز ئېيتىپ. ئۆزىڭىز ئوينايدىغان ئارتىسقىلا ئايلىنىپ قالىسىز، خالاس.

    سىزگە ھەمرا بولالايدىغان ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: ھەركۈنى سىزگە ھەمرا بولالايدۇ، ئۇنىڭ سىرتتىكى ئىشلارغا چىقارغان ۋاقتى ناھايتتى ئاز، تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى ياخشى؛ سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز، سىلەرنىڭ توي خاتىرە كۈنۈڭلار، ھەتتا ئاپىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرىنىمۇ شۇنچە ئېنىق ئېسىدە تۇتىدۇ. ئۇ ھەركۈنى ۋاقتىدا ئۆيگە قايتىدۇ،  يەنە بىر ئۈستەل  ياخشى تاماقلارنى ئېتىپ، قورۇما قورۇيدۇ. سىزگە ھەمرا بولۇپ، بازار ئايلىنىدۇ، بالا بېقىپ، تەربىيىلەشنى بىلىدۇ. سىزنىڭ ھەربىر كۈنىڭىز ئۇنىڭ ياردىمىسىز ئۆتمەيدۇ، مانا بۇغۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئەر بولار؟! ئەمما، دائىم ئۆيدىلا بولىدىغان بۇ خىل ئەرلەرنىڭ قابىلىيىتى ئادەمنى گۇمانلاندۇرىدۇ، شۇڭا ئانچە كۆپ ئىقتىسادى يوق، بۇ چاغدا سىزنىڭ سىرتلاردا ئەرلەر بىلەن تەڭ جاپا چېكىپ، پۇل تېپىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ، شۇندىلا سىلەرنىڭ ماددى تۇرمۇشۇڭلار ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە بولغان بولىدۇ. باشقا ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە خانىشتەك ئولتۇرۇپ، يولدىشىنىڭ تېپىپ بەرگەنلىرى بىلەن  ناز كەرەشمە ئىچىدە ياشاۋاتقىنىنى، قوللىرىنىڭ پاختىدەك يۇمشاق، يۈزلىرىنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭىزدە، ئۆزىڭىزنىڭ سىرتلاردا ئالدىراش يۈرۈپ يىرىكلەشكەن يۈزلىرىڭىز، قوپاللاشقان، قاتتىق قوللىرىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ، يۈرۈگىڭىزنى چاشقان يېگەندەك بولىسىز-دە، كۆڭلىڭىزدە، باشقىلار نېمە ئۈچۈن ئالماس ئەرلىرىگە تايىنىپلا راھەت ياشايدۇ، مەن نېمىدەپ تۆمۈر-تەسەكتەك ئەر بىلەن جاپا تارتىمەن دەپ ئويلاپ ئازابلىنىسىز.

    شېرىن سۆزلۈك ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇنداق ئەرلەر بىلەن بىللە ئۆتكەندە سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز ھەر ۋاخ چاغ يۈرۈيسىز، بۇ خىل ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئارتۇقچىلىقنى بايقاشقا ئالاھىدە ماھىر كېلىدۇ. سىزنىڭ ھەربىر ئۆزگەرگەن چاچ پاسونىڭىز، ئالماشتۇرغان يىڭى كىيىملىرىڭىز، ھەتتا سۈرگەن لەۋسۇرۇخىڭىزنىڭمۇ باشقا ماركىغا ئالماشقانلىقى ئۇنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ-دە، سىزنى ماختاپ قۇلاقلىرىڭىزغىچە قىزارتىۋېتىدۇ. ئەمما، سىزنىڭ چوقۇم بىرنەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ؛ بۇ خىل تىپتىكى ئەرلەر بۇنداق شېرىن-شېكەر سۆزلەرنى ھەر قانداق ئاياللارغا دېيەلەيدۇ، خۇددى سىزگە دېگەندەكلا! سىز ھەتتا ئۆزىڭىزنىڭ بۇخىل گەپنى قانچىنچى بولۇپ ئاڭلىغىنىڭىزنىمۇ بىلەلمەي قالىسىز. بۇنداق ئەرلەر سەل خەتەرلىك، سەللا دىققەت قىلمىسىڭىز، باشقىلار بىلەن بىر يوتقاندا تەرلەشنىمۇ ئېغىر كۆرمەيدىغان بۇنداق ئەر سىزنى ئۆمۈرلۈك نادامەتتە قويىدۇ.

    ئادەتتىكىدەك ئاددىي-ساددا ئەلەرگە ياتلىق بولغاندا: سىز ئەلۋەتتە خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭ سىزگە سادىقلىقىدا گەپ يوق، يېنىدىن ئۆتكەن ھەرقانداق قارا كۆز ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ.  ئەمما، بۇ خىل ئەرلەرنىڭ ئىنكاسىنىڭ ئاستىلىقى سىزنى چۆچىتىپ قويىدۇ، سىزنىڭ ئالغىلى خېلى ۋاقىت بولغان ئايىقىڭىزنى تاسادىپىي كۆرۈپ قالىدۇ-دە، يېڭى ئالدىڭىزما؟ دەپ قويىدۇ. سىز ئۇنىڭدىن تىرناق لاكلىرىڭىزنىڭ قايسى رەڭگى بۇ ئاياققا ماس كېلىدىغانلىقىنى سورىسىڭىز، مەڭدەپ تۇرۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ھېسىياتقا كەمچىل ئەرلەر سىزنىڭ گۈزەل چىرايىڭىز، لاتاپەتلىك تۇرقىڭىز، ئۇماق خۇلقى مىجەزىڭىزنىڭ قەدرىنى قىلىشنى پەقەتلا بىلمەيدۇ.

    تالانتلىق ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: بۇنى قانداق دېسەك بولار؟ تالانتلىق ئەرلەرنى ئالدى بىلەن ئىكى تۈرگە بۆلەيلى؛ بىرى ئۇتۇق قازانغان تالانت ئىگىلىرى. بۇنداق ئەرلەر بىلەن توي قىلغاندا، بېشىدا ئالامەت رومانتىك، گۈزەل بولىدۇ. ئەمما، ئۇنداق تالانتى بار، ئۇتۇق قازانغان ئەرلەر كونىنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ھەرۋاقىت، گۈزەللىكنى قوغلىشىدۇ. يەنە بىرخىل تاللانتلىق ئەرلەر بولىدۇ، ئەمما بىر ئۆمۈر تەڭرىدىن زارلىنىپ، ھېچ ئىشنى بېشىغا ئېلىپ چىقالمايدىغان. بۇنداق ئەرلەر تېخىمۇ بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتسىڭىز، شۇ بىللە تەڭرىدىن زارلىنىپ، باشقىلارنى تىللاپ، ھاياتتىن ئۈمۈدسىزلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇنداق ئەرلەرنىڭ پىسخىكىسىدىنمۇ چاتاق چىقىپ، قورقۇنچلۇق بولۇپ قالىدۇ.

    كەسپىي ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: ئاڭلىماققا يامان ئەمەس! مەسلەن؛ ئادوۋكات، دوختۇر دېگەندەك، تويدىن كېيىن نېمىلا ۋەقەگە يولۇقسا، يۆلەنگۈدەك، ياردەم قىلالىغۇدەك ئادەم بار. بۇ خىل ئەرلەر ساپالىق كېلىدۇ، ئادەتتە، ئۆزىنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا يات ئىشلارنى قىلمىغىنىغا ئوخشاش، ئائىلىسىگە يات ئىشلارنىمۇ ئالدىراپ قىلمايدۇ. ئەمما، شۇ كەسىپنىمۇ سىزگە ئوخشاش ئايالى قىلىپ ئەمرىگە ئالغاندەك، چاقىرتىلغان زامان نەدە بولمىسۇن، كېتىپ قالىدۇ، بېرىپ كېلىشىنىڭ قارارى يوق بۇنداق تۇرمۇش، سىزنى زېرىكىش ھېس قىلدۇرۇش بىلەن غېرىبلىق ئائىلەڭلارغا ياخشى بولمىغان نەتىجە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
       مۇئەللىم ئەرلەرگە ياتلىق بولغاندا: مۇئەللىم ئەرلەرنىڭ يۇقىرىغا ئۆسۈش پۇرسىتى يوقنىڭ ئورنىدا، سىزگە ئويلىمىغان مۆجىزىلەرنىمۇ ھەم بېرەلمەيدۇ، خىزمەتتە تۆۋەندىن يۇقىرىغا ئالدىرىماي يامىشىدۇ. ياخشى يېرى پەقەت يىلدا ئۈچ ئاي ئۆي ئېرى بولۇش پۇرسىتى بار، بالىلارغا بىكارلىق ئائىلە ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ.
       سىز بەلكىم مۇنداق دېيىشىڭىز مۇمكىن، ھەم پۇلدار، ھەم بىكار ۋاقتى كۆپ، ھېسىياتقا باي ھەم ماڭا سادىق بىرسىنى تېپىپ توي قىلساملا بولمىدىمۇ؟ مۇشۇنداق ئەرگە ياتلىق بولسام يەنە پۇشايمان قىلامتىم؟ ئۇغۇ شۇ، بۇنداق ئەرگە ياتلىق بولسىڭىز ھەرگىز پۇشايمان قىلماسلىقىڭىز مۇمكىن! ئەمما، دۇنيادا نەدىمۇ بۇنداق تەلتۆكۈس ئەربولسۇن دەيسىز؟! بولغان تەقدىردىمۇ، سىز بىلەن بىز ماس كېلىپ بولالمايمىز، چۈنكى، ئۆزىمىز ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەستە!!! شۇنىڭ ئۈچۈن قىزلار كىمگىلا ياتلىق بولىشىدىن قەتئىينەزەر پۇشايمان قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ، بىز پەقەت ئەنئەنىيمىزگە مۇخالىپ بولمىغان ھالدا، شۇ نىكاھىمىزنى ساقلاپ قالىمىز، بۇنىڭدىن ھېچكىممۇ قۇتۇلالمايدۇ ئاخىر. چۈنكى، بىز ھەممىمىز كەمچىلىكىمىز ئارتۇقچىلىقىمىزدىن كۆپ ئادەملەردۇرمىز. بۇنىڭغا ئامال يوق. مانا بۇ تۇرمۇش.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.