باي ئالغان خوتۇن

يوللىغۇچى : okyan يوللىغان ۋاقىت : 2014-09-24 13:32:16

ئاندىن مېلىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىزدە-دە، ۋاقتىڭىزنىڭ ئىسراپ بولۇشىدىن ساقلىنالايسىز.

    باي ئالغان خوتۇن

    قايسىبىر باي خوتۇن ئالماق بولۇپ، نىشاندىكى ئۈچ قىزنىڭ ھەربىرىگە 1000 دوللاردىن پۇل بېرىپ بۇ پۇل بىلەن ھۇجرىنى تولدۇرۇشقا بۇيرۇپتۇ. 1-قىز نۇرغۇن پاختا سېتىۋاپتىكەن ھۇجرىنىڭ ئاران يېرىمى تولۇپتۇ؛ 2-قىز 1000 دوللارنىڭ ھەممىسىگە شار سېتىۋاپتىكەن، ھۇجرىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمى تولۇپتۇ؛ 3-قىز بولسا بىر تام شام سېتىۋېلىپ كەچقۇرۇن ئۇنىڭغا ئوت يېقىپتىكەن، ئۇنىڭ نۇرى پۈتكۈل ھۇجرىنى قاپلاپتۇ. باي ئاخىرىدا 3-قىزغا قايىل بولۇپ، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھەمراھلىققا تاللاپتۇ.
    بۇ ھېكايە بىزگە مۇنداق دەيدۇ: ئادەم مەيلى قانداق ئىش بىلەن مەشغۇل بولسۇن، چوقۇم ئەقلىنى جورۇپ، ۋەزىيەتنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ ياشىغىنى ياخشى. ناۋادا سىز بىر مال ساتقۇچى بولسىڭىز ئۇنداقتا مېلىڭىزغا خېرىدار بولماقچى بولغان ئادەمنىڭ پىسخىكىسىنى، ئۇنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىڭ، ئاندىن مېلىڭىزنىڭ ئۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ياكى كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىسىزدە-دە، ۋاقتىڭىزنىڭ ئىسراپ بولۇشىدىن ساقلىنالايسىز.
    مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر باي