ناۋادا بىرى پۇل تېپىۋالسا

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-13 18:20:16

بىر يىلى خوتۇنۇم بىلەن ساياھەت ئۆمىكىگە قاتنىشىپ ياۋروپاغا باردىم. پارىژغا باغان كۈنى ئاخشىمى ساياھەت يېتەكچىسى بىزنى تىياتىرغا ئېلىپ باردى، بۇ تىياتىرخانا تاماشىبىنلارغا تاماق بېرىدىكەن، ھەتتا تاماقتىن كېيىن مەيمۇ سوۋغا قىلىدىكەن. قورسىقىمىزغا بىر رومكىد

     
    ناۋادا بىرى پۇل تېپىۋالسا
     
    ليۇ يۇڭ
     
    بىر يىلى خوتۇنۇم بىلەن ساياھەت ئۆمىكىگە قاتنىشىپ ياۋروپاغا باردىم. پارىژغا باغان كۈنى ئاخشىمى ساياھەت يېتەكچىسى بىزنى تىياتىرغا ئېلىپ باردى، بۇ تىياتىرخانا تاماشىبىنلارغا تاماق بېرىدىكەن، ھەتتا تاماقتىن كېيىن مەيمۇ سوۋغا قىلىدىكەن. قورسىقىمىزغا بىر رومكىدىن مەي كىرگەندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ پاراڭ خالتىسى ئېچىلىپ كەتتى.
    شۇ چاغدا پەردە ئېچىلىپ، رىياسەتچى سىياق بىرى پەيدا بولدى، ئۇنىڭ قولىدا بىر ۋاراق دوللار بار ئىدى، ئۇ پۇلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ؛
    -بۇ كىم چۈشۈرۈپ قويغان پۇلدۇ؟!-دېدى ۋە قولىنى پىشانىسىگە قويۇپ، پەستىكىلەرگە تەپسىلىي قاراپ چىققاندىن كېيىن-ئوھوي! بۇ سورۇندا ياپونىيەلىكلەر بار ئىكەن، گېرمانىيەلىكلەرمۇ، ئىسپانىيەلىكلەرمۇ بار ئىكەن، يەنە ئامېرىكىلىقلامۇ تۇرامدۇ نېمە؟! ئەنە قاراڭ، قېرىندىشىمىز فرانسىيەلىكلەرمۇ ئولتۇرۇپتۇ. بىلەمسىلەر، ناۋادا بىرى يولدا بۇ بىر دوللارنى تېپىۋالسا، قانداق ئىشلار بولۇپ كېتەر؟ ناۋادا بىر ئادەم تېپىۋالسا، چوقۇم 10 دىن سەككىزى ئۇنى چۆنتىكىگە سالىدۇ، ئەمما، ئىككى ياپونىيەلىك، ئىككى گىرمانىيەلىك، ئىككى ئىسپانىيەلىك، ئىككى ئامېرىكىلىق ياكى ئىككى فرانسىيەلىك بىرلىكتە تېپىۋالسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئىپادىسى قانداق بولار؟-ئۇ كۆپچىلىكنىڭ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئويۇن قويغاچ سۆزىنى داۋام قىلدى.
    ناۋادا ئىككى ياپونىيەلىك تېپىۋالسا، ئۇنداقتا ئۇلار پۇلنى سىقىمدىغان ھالدا يول ياقىسىدا مىختەك تۇرۇپ، پۇل ئىگىسىنىڭ كېلىپ پۇلنى ئېلىپ كېتىشىنى كۈتىدۇ؛ ئەگەر ئىككى گېرمانىيەلىك تېپىۋالسا، چوقۇم بىرى نەق مەيداندا پۇلنى ساقلاپ تۇرسا، يەنە بىرى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلغىلى بارىدۇ؛ ناۋادا ئىككى ئىسپانىيەلىك تېپىۋالسا، بىرى چوقۇم بىرىنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋېتىپ، پۇلنى يالغۇز يۇتۇۋالىدۇ؛ ئەگەر بۇ پۇل ئىككى ئامېرىكىلىققا ئۇچراپ قالسا، ئۇلار ئالدى بىلەن ئەتراپىغا بىر قارىۋېتىدۇ، ئادەم يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن «بۇ پۇل كىمنىڭ؟» دەپ توۋلاپ قويىدۇ، ئاندىن بىرى يېنىدىن 50 دوللارنى چىقىرىپ يەنە بىرىگە بېرىدۇ، 100 دوللارنى بولسا ئۆزى يانچۇقىغا سالىدۇ. ئەمدى گەپ فرانسىيەلىك قېرىنداشلارغا كەلدى، بۇ پۇل ئۇلارغا ئۇچراپ قالسا قانداق بولار؟-رىياسەتچى قاقاقلاپ كۈلدى، ئاندىن پۇلنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ شارتتىدە يىرتتى-دە، خۇلاسە سۆزى قىلدى:
    بەك ياخشى بولدى، مانا ساڭا بىر پارچىسى، بۇ بىر پارچىسى ماڭا قالدى،-دەيدۇ.
    پەستە ئولتۇرغانلار قاقاقلاپ كۈلۈپ زالنى بېشىغا كىيدى، بولۇپمۇ مېھمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنى تەشكىل قىلغان فرانسىيەلىكلەر قېقىلىپ كۈلۈشتى. بۇ چاغدا ئاللىقاچان ھەممە ئۆزىنىڭ پارىڭىنىقىلىۋاتقان سورۇن تىنچىپ، دىققىتى سەھنىگە يىغىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن باشقا نومۇرلارنى ئورۇنلىدى، شۇ چاغدا مەن بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم:
    -گەپ قىلماقچىمۇ سىز؟ ئۇنداقتا ئاۋۋال سورۇننىڭ دىققىتىنى يىغىڭ!
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پۇل تىياتىر ساياھەت