2015-يىلى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدىكى 5 چوڭ يۈزلىنىش

يوللىغۇچى : aynur يوللىغان ۋاقىت : 2014-12-22 18:47:01

3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2014-يىلى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلغان بىر يىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ ساھەدە بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ مەبلەغ، تېخىمۇ كۆپ شىركەت ۋە تېخىمۇ كۆپلىگەن ياخشى ئىجادىي تەپەككۇرلار بار. 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرى

    تېڭشۈن تورىنىڭ 22-دېكابىر خەۋىرى: 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2014-يىلى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلغان بىر يىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ ساھەدە بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ مەبلەغ، تېخىمۇ كۆپ شىركەت ۋە تېخىمۇ كۆپلىگەن ياخشى ئىجادىي تەپەككۇرلار بار. 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدە بىز 50 تىن ئاز بولمىغان يېڭى كارخانىنىڭ مەبلەغ توپلاۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق، بۇ ئاممىۋى مەبلەغ توپلاش سۇپىسى Kickstarter دىكى 40 تىن كۆپ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇنى مۆلچەرلەشكە بولىدۇكى بۇ پائالىيەتلەر  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشنىڭ 2015-يىلى ھالقىما تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدۇ. بىز بۇنىڭدىكى 5 چوڭ يۈزلىنىشنى مۆلچەرلىدۇق:
    1.         تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئەرزان
    گەرچە ئۇ بېسىپ چىقارغىلى، سىكانىرلىغىلى، ياراتقىلى ھەمدە  3D مەزمۇنىنى بەھىرلىگىلى بولىدىغان يېڭى تېخنىكا بولسىمۇ، كارخانىچىلار ھەر قايسى نۇقتىدىن  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشقا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. ھازىرغىچە  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ئاساسلىقى ئسىتېمال دەرىجىسىدىكى ماشىنا ياساشقا مەركەزلەشتى. بىراق ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن سېلىشتۇرغاندا،  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى كەم، شەكىلگە كىرگۈزۈش قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماتېرىيال تاللاش نىسبەتەن قىيىن. بىراق  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش تەننەرخى نۆۋەتتە تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەۋاتقان بولۇپ، رىقابەتچىلەر تېخنىكىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ئاسان ئىشلىتىدىغان قىلىۋاتىدۇ. 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەجەللىك ئەپلەر كەمچىل بولغانلىقتىن، دەسلەپتە قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش سەپىرى ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ. بىراق ئسىتېمالچىلار بۇنىڭدىن پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.
    كەلگۈسى مۆلچەر: ئىقتىدار تىپىدىكى ماتېرىياللار بازارغا سېلىنىۋاتقان بولۇپ، تېخمۇ ئىلغار  3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش بىلەن بىرىككەندىن كېيىن، 2015-يىلى بىز تېخىمۇ كۈچلۈك ئۈستەل ماشىنىسىنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن. كۆپلىگەن دەسلەپتە قۇرۇلغان كارخانىلارمۇ قىممەت زەنجىرىگە يامىشىۋاتقان بولۇپ، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، تەننەرخى تېخىمۇ تۆۋەن بولغان سانائەت ماشىنىسى ياساۋاتىدۇ. سودا خېرىدارلىرىنىڭ مېتال بېسىپ چىقىرىش ماشىنىسىغا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، 2015-يىلى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئەرزان باھالىق 3D بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
    2.         3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدىكى قوشۇۋېلىش ئاشماقتا
    تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، نۆۋەتتىكى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش شىركىتى 3D SystemsStratasys ئاددى تاكتىكا ئىشلىتىۋاتىدۇ: يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلارنى قوشۇۋېلىش ياكى ئۇنى ساھە سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش. بىز Stratasys نىڭ Objet بىلەن بىرلىشىپ MakerBot Industries نى سېتىۋالغانلىقىنى، 3D Systems نىڭ يېڭى قۇرۇلغان كارخانا Formlabs نى ئەرز قىلغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆردۇق. بۇ تاكتىكىلار ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ، بىرلىشىپ سېتىۋېلىشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. ئۆتكەن 3 يىلدا، 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدە 50 كە يېقىن شىركەتنى باشقىلار سېتىۋالدى. ئۆتكەن پەسىلدە 3D SystemsStratasys نىڭ پاي بازىرىدىكى ئىپادىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس بولۇپ، بۇ ئىككى شىركەتنى سېتىۋېلىش سالمىقىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. پاتېنت مۇددىتى توشقانلىقتىن، HP پرىنتېر باشلامچىسى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىگە كىرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭغا يەنە سانسىزلىغان يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ ئومۇمىي تىرىشچانلىقىنى قوشقاندا، 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش ساھەسىدە قوغدالغان شىركەتلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش كۈچى شىددەت بىلەن چۈشۈشكە باشلىدى.
    كەلگۈسى مۆلچەر: نۆۋەتتىكى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش شىركەتلىرى بۇرۇنقىدەك زور ھەيۋىسىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستا بولغانلىقتىن ئۇلار يېڭىلىق يارىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى ھەمدە ئىستېمالچىلارنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەرزان ھەل قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشنىڭ بازارلىشىشىنىڭ تېزلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ياخشىلىغىلى بولىدىغان ھالقىلىق تەرەپ بېسىپ چىقىرىش سۈرئىتى ۋە ماتېرىيال باھاسىدا.
    3.         3D ئەندىزىسىنىڭ باش كۆتۈرۈشى
    كۆپلىگەن شىركەتلەر چەكلىك دائىرىدە بېسىپ چىقىرىش دۇكىنىدىكى 3D ئەندىزىسىنى قوللىنىشقا باشلىدى. يەنى سىزنىڭ يېرىم بەدەن ياكى پۈتۈن بەدەن سۈرئىتىڭىزنى ئارقا-ئارقىدىن تارتىپ، كېيىن ھەيكەل ياساشقا يول قويۇلىدۇ. مەسىلەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشتىن پايدىلىنىپ باش سۈرئىتىنىڭ ھەيكىلىنى بېسىپ چىقارغان.
    كەلگۈسى مۆلچەر: ئاددى 3D سكانىرلاش ئۈسكۈنىسى ۋە يۇمشاك دېتالىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ باھاسىمۇ ئەرزانلاشماقتا. ئاخىرىدا بەلكىم ياندا ئېلىپ يۈرىدىغان 3D ئۈسكۈنىسى پايدا بولۇشى مۇمكىن. 2015-يىلى تېخىمۇ كۆپ 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشتا مۇھىم تەرەققىياتنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈشتىن ئۈمىد بار. شۇڭا سىز توي مۇراسىمىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ 3D مودېلىنى كۆرگەندە، ھەيران قېلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەلۋەتتە ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەيكىلىنى بېسىپ چىقىرىشنى خالىمىسىڭىز، ئەڭ ياخشى نۇقتىدىن تارتىلغان رەقەملىك 3D رەسىمنى نامايان قىلغىلىمۇ بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى مەزكۇر ئوخشاشلا سىكانىرلاش ۋە تۇتۇش قورالىنىڭ ھەممىسى چوڭ كۆلەمدە بەلگىلەشنىڭ ئاساسى بولۇپ، شىركەت ھەر بىر خېرىدارغا ئۆزگىچە مەھسۇلات بەلگىلەيدۇ.
    4.         بېسىپ چىقىرىش قورالى
    ھەر قانداق ئىشنىڭ تەرەققىي قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. ماشىنا ئادەم قورالى ئارقىلىق ھەقىقى قورال ياساش ئېنىقكى قورال-ياراغ ياساشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئەمەس، بىراق دۇنيانى زىلزىلگە كەلتۈرەلەيدۇ. Netflix نىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى Print the Legend دىكى باش قەھرىمان قورال ھوقۇقىنىڭ پائالىيەتچىسى Cody Wilson نىڭ كۆپلىگەن تەقلىد قىلغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى قوللايدۇ.
    كەلگۈسى مۆلچەر: تېخىمۇ كۆپلىگەن قورال-ياراغ، گراناتلار بېسىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشنىڭ ھۆكۈمەتسىزلەرنىڭ ئاخىرقى قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.
    5.         داۋالاشتىكى مۆجىزە
    3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىشتىكى ئەڭ ئىستىقباللىق قوللىنىش داۋالاش ساھەسى بولۇپ، يەنى قانچە يۇقىرى باھا بولسىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ، شەخسكە دائىر بېكىتىش ئىنتايىن مۇھىم. ھازىرقى مېدىتسىنا ساھەسىدىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ 3D بېسىپ چىقىرىش تېخنىكىسى خېرىدارى Align Technologies نى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەر بىلىدۇ. بۇ كارخانا Invisalign سىستېمىسىنىڭ ياسىغۇچىسى.
    كەلگۈسى مۆلچەر: بىزباش سۆڭىكى، يۈز قىسىمىنى كۆچۈرۈش، تۆۋەن تەننەرختىكى كاناينى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئوپېراتسىيەلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى كۆردۇق. بىراق مېنىڭچە 2015-يىلى تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق بارلىققا كېلىدۇ. گەرچە تولۇق ئىقتىدارلىق ئورگانىزىملارنى بېسىپ چىقىرىش تېخى يىراقتا بولسىمۇ، بىراق ئايرىم بىمارلار ئۈچۈن خاسلاشتۇرۇپ بېكىتىش لايىھەسى ياخشى ئىدىيە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر كۈچلۈك 3D تېخنىكىسى ئارقىلىق بېسىپ چىقىرىش قورالىدىن پايدىلىنىپ كەسىپكارلار تېخىمۇ راھەت ھېس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىگە ئېرىشىدۇ. 

    تەرجىمىدە: ئاينۇر
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر 2015-يىلى