نورۇز بايرىمى

يوللىغۇچى : Nazaket يوللىغان ۋاقىت : 2007-03-14 13:56:00

نورۇز بايرىمى باھارنىڭ ئىنسانلارغا ئەكەلگەن خۇشاللىق مۇناسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك ۋە دەبدەبىلىك ئۆتكۈزۈلدىغان قەدىمى ۋە ئەنئەنىۋى مىللى بايراملاردىن بىرى « نورۇز » بايرىمى بولۇپ ، ئۇ ئۇيغۇ...

         نورۇز بايرىمى باھارنىڭ ئىنسانلارغا ئەكەلگەن خۇشاللىق مۇناسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك ۋە دەبدەبىلىك ئۆتكۈزۈلدىغان قەدىمى ۋە ئەنئەنىۋى مىللى بايراملاردىن بىرى « نورۇز » بايرىمى بولۇپ ، ئۇ ئۇيغۇر، قازاق ، قىرغىز ، ئۆزبىك ، تاتار ، تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق بايرام ھېسابىلىنىدۇ. « نورۇز » ئەسلىدە پارسىچە سۆز بولۇپ ، نەۋ=يېڭى ۋە رۇز =كۈن سۆزىدىن كېلىپ چىقىپ يېڭى كۈن دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (كۈن )كالىندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى ( ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 21- كۈنى ) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرنجى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

         « نورۇز بايرىمى » ئەسلى ماھىيتى بىلەن يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ ، بۇ ئەنئەنىۋى بايرام ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە . « نورۇز » بايرىمىنىڭ بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى مۇنداق : « نورۇز » كىرگەن كۈنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ، چوڭ - كىچىك ، ئەر - ئاياللار يۇرت - مەھەلىلەر بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مىللى بايرام كىيىملىرىنى كىيىشىپ ، مەنزىرلىك جايلارغا جەم بولۇشىدۇ ۋە شۇ سورۇندا « نورۇز » غا ئاتاپ تەييارلىغان ھەر خىل ئويۇنلارنى ئوينايدۇ. خەلىق قوشاقچىلىرى « نورۇز » نى مەدھىيلەيدىغان شئېرى قوشاقلارنى ئوقۇشىدۇ. ۋايىز ( مەدداھ ) لار داستان ۋە ھېكايە - قىسسەلەرنى ئويلىشىدۇ. سازەندىلەر مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىپ ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. بىر تەرەپتە چەۋاندازلار ئوغلاق تارتىدۇ. ئات بەيگىسى ئۆتكۈزىدۇ، دارۋازلار كىشلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. قىزلار مەجنۇنتاللارغا ئىلەنگۈچ سېلىپ لەرزان پەرۋاز قىلىدۇ، بىر تەرەپتە ئولتۇرۇش قىزىپ « 12 مۇقام » داستانلىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

          قىسقىسى ، ھەركىم ئۆز ئەھۋالىغا يارىشا ماھارەت كۆرسىتىپ ، بايرام خۇشاللىقى نامايەن قىلىدۇ. « نورۇز » مۇراسىملىرىغا مەكتەپ بالىلىرىمۇ كوللىكتىپ ھالدا قاتنىشىدۇ. ئۇلار مۇئەللىملىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە سەپ - سەپ بولۇپ ، گۈللۈك تاختىلارغا يېزىلغان « نورۇزنامە » لىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئۈنلۈك دىكلاماتسىيە قىلىشىدۇ. « نورۇز » مۇراسىملىرىدا جامائەتتىن ئىختيارى يىغىش قىلىپ ، مەخسۇس نورۇز ئېشى تەييارلىنىدۇ. نورۇز ئېشى ئەنئەنە بويىچە يەتتە ياكى توققۇز خىل ماتىريالدىن تەييارلىنىدىغان كۆجە بولۇپ ، بۇغداي ، ئارپا ، گۈرۈچ ، تېرىق ، گۆش ، سۈت ، سۇ قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرىدۇ. بەزىدە گۆش ئورنىغا كاللا - پاچاق ۋە زاسۈيلەرنى قوشىدۇ.

         « نورۇز » مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسنى « نورۇز ئېشى » غا ئېغىز تەگكۈزۈش شەرت قىلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ، ھەممە كىشى « نوۇرز » بايرىمىدا قانغۇچە كۆڭۈل ئېچىپ ، ياخشى تىلەك - ئارۇزلار بىلەن ئۆيلىرىگە قايتشىدۇ ۋە بايرامنى تەبىرىكلەپ ئۆز ئارا پەتىلىشىدۇ. تارىخي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن « نورۇز » بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى مۇمكىن . لېكىن قەدىمكى ئەنئەنىلەردىن قارىغاندا ، بۇ بايرامنىڭ ۋاقتى ئىككى ھەپتە ، يەنى 15 كۈن قىلىپ بەلگىلەنگەن . ھازىر كۆپرەك رايونلاردا « نورۇز » بايرىمى 3 كۈن قىلىپ خاتىرلىنىدۇ. « نورۇز » بايرىمىدا ئوينىلىدىغان ھەرخىل پائالىيەتلەر ھەمدە ئۇنىڭغا بېغىشلانغان « نورۇزنامە » لەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا يىلنىڭ يېڭىچە خۇشاللىق ئەكلىشىنى تىلەش، يىشىللىققا پۈركەنگەن تەبئەتنى كۈيلەش، كىشلەرنى ئىلىم - مەرىپەتكە ئۈندەش ، ئىتىپاقلىق ۋە ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىش، ساخاۋەتلىك ۋە دىيانەتلىك بولۇش قاتارلىق ئىلغار ئىجتىمائي مەزمۇنلارنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. مەسىلەن : ئېتىرار قىلدۇق نورۇزدىن ياخشى كۈننى باشلىدۇق ، كۆڭلىمىزنىڭ خۇشلۇقىدىن بىر ئويۇننى باشلىدۇق . شا تاۋاردا تون كىيىپ ، جۇۋا - تۇماقنى تاشلىدۇق ، سايىلەردە ئولتۇرۇپ ، نەغمە - ناۋانى باشلىدۇق . ئات مىنىپ ، ئوغلاق ئالىپ ، مەشرەپ قىلۇر كۈندۇر بۈگۈن ، كەلدى نورۇز يىل باشى ، كەتتى كۆڭۈلنىڭ چىركىنى .

         نورۇز دىبان كىلۇرلەر ، خاتۇنلارنىڭ تۈركىنى ، گۈللەر قىسۇر قىز - ئوغۇل ، ئەگرى قويار بۆركىنى ، مەجىلىس قىلىپ ئويناشۇر ، ئاچۇر كۆڭۈل مۈلكىنى ، قايغۇ - مېھنەتلەر كېتىپ ئويناشۇر كۈندۇر بۈگۈن . ئۇيغۇرلار ئارسىدا « نورۇز » بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخى ماتىرياللارغا ئىگە ئەمەسمىز، لېكىن « نورۇز بايرىمى » ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە - رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، « نورۇز » بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆكتەڭرىگە چوقۇنغان دەۋىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك .

         كۆكتەڭرىگە ئېتىقاد قىلغان ئاشۇ قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆكتە جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنىڭ ئورنلىشىشىغا قاراپ ، ئۇلارنى ئوخشاشمىغان سۈپەتلىرى بىلەن تەرىپلەشكەن . ئۇلارنىڭ تونۇشىچە ، ئاققۇزا يۇلتۇزى ئىنسانلارغا بەخىت ئاتا قىلغۇچى ئىلاھ، قۇش ، بېلىق يۇلتۇزىنىڭ يوقىلىپ ، ئاققۇزا ئىلاھىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىققان كۈنى بولغاچقا ، بۇ كۈن ئىنسانلارغا بەخىت ۋە تەلەي ئەكىلىدۇ، دېگەن ئەقىدە بويىچە ، ئاققۇزا ئېيىنىڭ باشلانغان كۈنى « نورۇز بايرىمى » قىلىپ بەلگىلىگەن . كۆپلىگەن تارىخي مەنبەلەردىمۇ « نورۇز » بايرىمىنىڭ ناھايتى قەدىمكى دەۋىرلەردىن باشلاپ خەلىق ئارسىدا تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدىغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن خاتىرلەر قالدۇرۇلغان .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق