خەلقارا تورنامى ۋە يېڭى سودا

يوللىغۇچى : YultuzAy يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-01 11:59:00

ICANN بېكىتكەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تور نامى ئاياقلاشمىسى ب د ت خەلقارا ئۆلچەم تەشكىلاتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغان بولغاچقا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەلىپى ۋە خەلقارا ۋ...

         ICANN بېكىتكەن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تور نامى ئاياقلاشمىسى ب د ت خەلقارا ئۆلچەم تەشكىلاتى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغان بولغاچقا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەلىپى ۋە خەلقارا ۋەزىيەتنىڭ تەسىرىگە يولۇقىدۇ.مەسىلەن ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ su، يۇگۇسلاۋىيەyu ، شەرقى گېرمانىيەنىڭ dd. قاتارلىقلار بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى بىلەن تەڭ ئەمەلدىن قالدى. زايىرنىڭ دۆلەت نامى كونگو غا ئۆزگەرتىلگەنلىكتىن تور نامى ئاياقلاشمىسىzr. يېڭى دۆلەت نامىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ cd.غا ئۆگەرتىلدى.  سېربىيە ۋە مونتېنېگرو ئىتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى تور نامى ئاياقلاشمىسىcs. ئەمەلدىن قېلىپ سېربىيە rs، مونتېنېگرو me نى ئىشلەتتى. چېخوسلوۋاكىيە پارچىلانغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى تور نامى ئاياقلاشمىسى cs. ئەمەلدىن قېلىپ چېخcz. ۋە سلوۋاكىيەsk. گە پارچىلاندى.
          شەرقى تېمۇر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى tp. نى ئىشلەتمەيtl. نى ئىشلەتكەنلىكتىن ، بۈيۈك بىرىتانىيە gbنى ئىشلەتمەي بىرلەشمە پادىشاھلىق uk نى تور نامى ئاياقلاشمىسى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكتىن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان نۇرغۇن تور نامى ئاياقلاشمىسىICANNنىڭ  بۇ قېتىملىق برازىلىيەدە ئېچىلغان يىغىنىدا ئۆچۈرۈلۈش بېكىتىلگەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا نەچچە يۈزمىڭ ئىشلەتكۈچى بۇ ناملارنى ئىشلىتىۋاتقاچقا يەنە ئىككى يىللىق ئۆتكۈنچى ۋاقىت ئۇزارتىپ بېرىلدى. ئۆتكەن يىلى GOOGLE ۋە SONYERICSON، NOKIA قاتارلىق ئالاقە ساھەسىدىكى ماگناتلارنىڭ تەلىپى بىلەن قول تېلىفوندا تورغا چىققۇچىلارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئېھتىياجى ئۈچۈن mobi.  تور نامى ئاياقلاشمىسى تەسىس قىلىندى.  برازىلىيەدە ئېچىلغان يىغىنىدا يەنە خەلقارا تەشكىلارتلار ئۈچۈن  int. تور نامى ئاياقلاشمىسىنى تەسىس قىلىش بېكىتىلدى.

     

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-15 14:16:29]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق