ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلىماسلىقنىڭ يەنە بىر زىيىنى

يوللىغۇچى : mardana يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-01 15:49:45

ھازىر سوزۇلما يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا ناچار تۇرمۇش ئادىتى بولىۋاتىدۇ.

     
    ئۇخلاشتىن بۇرۇن چىش چوتكىلىماسلىقنىڭ يەنە بىر زىيىنى

    ھازىر سوزۇلما يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى يەنىلا ناچار تۇرمۇش ئادىتى بولىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ياشلار ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يەيدىغان، بىراق چىشىنى ۋاقتىدا چوتكىلىمايدىغان بولۇۋالدى، بۇنداق ئادەت ئۇزاق داۋاملاشسا، يېمەكلىك يۇقۇندىلىرى چىش ئارىلىقى ۋە ئېغىز بوشلۇقىدا تۇرۇپ قالىدۇ ۋە باكتېرىيەگە ئايلىنىپ، گالغا يۆتكىلىپ يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.
    بۇ خىل ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى ۋە نەملىكىنى مۇۋاپىق ساقلاش بىلەن بىللە، ھاۋاسىنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، ئۆي ھاۋاسى قۇرغاق، سوغۇق ياكى ئىسسىق بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش. يەنە چىشىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە ئۈچ مىنۇتتىن چوتكىلاپ ئىلمان سۇ بىلەن چايقاشمۇ ئادەمنى سوزۇلما يۇتقۇنچاق ياللۇغىدىن خالاس قىلىدۇ.
    مەنبە: «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دىن ئېلىندى
     
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
    \
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇخلاش چىش چوتكىلاش