قارامان شەھرى تۈرك تىلى تەتقىقات مەركىزىگە ئايلىنىش يولىدا ئىلگىرىلىمە

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-14 17:26:26

قارامان شەھىرى تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن مەركەزگە ئايلىنىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتەتۈرك تىلى بۇنىڭدىن 734 يىل ئىلگىرى قارامان شەهىرىدە تۈنجى قېتىم دۆلەت تىلى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئەمد...

     

    قارامان شەھىرى تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن مەركەزگە ئايلىنىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە

    تۈرك تىلى بۇنىڭدىن 734 يىل ئىلگىرى قارامان شەهىرىدە تۈنجى قېتىم دۆلەت تىلى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە قارامان تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن مەركەزگە ئايلىنىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە.

     

    تۈركچە بۇنىڭدىن 734 يىل ئىلگىرى قارامان شەهىرىدە تۈنجى قېتىم دۆلەت تىلى بولۇپ قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە قارامان تۈرك تىلى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن مەركەزگە ئايلىنىش يولىدا ئىلگىرىلىمەكتە.

    قارامان شەهىرى خەلقئارا تۈركلوگىيە مەركىزى، تۈرك تىلى كۈتۈپخانىسى ۋە ئۇرخۇن ئابىدىلىرىنىڭ ئەسلىدىن قىلىشمايدىغان كەچۈرمە نۇسخىسى بولغان ھەيكەللىرى بىلەن  تەتقىقاتچىلارغا نىسبەتەن گويا بىر مەدەنىيەت رايونىغا ئايلاندى.

    تۈرك تىلى تۇنجى قېتىم 1277 ـ يىلى قارامان ئوغلۇ مەھمەت بەي تەرىپىدىن رەسمىي دۆلەت تىلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ئىدى.  قارامان شەهىرى شۇ كۈندىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئىزچىل تۈردە تىل بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق تۈركچىنى ياشنىتىپ كەلدى ۋە ياشنىتىپ كەلمەكتە.

    قاراماندا "دىۋانى لۇغاتۇت تۈرك" ۋە "قۇتادغۇ بېلىك"تىن باشلانغانچە ئۇرخۇن ئابىدىلىرىگىچە بولغان تۈرك تىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر تۈرلۈك ئەسەرلەر ۋە قارامان شەهىرىگە ئالاقىدار ئەسەرلەر مۇمكىن قەدەر ئەسلى ئورگىنالى بىلەن، مۇمكىن بولمىغاندا ئېلىكتېرونلۇق كەچۈرۈلمە نۇسخىلىرى بىلەن توپلانماقتا. ھازىرغىچە 250 مىڭدىن ئارتۇق ۋاراقچىلار توپلىنىپ بولدى.

    ئەمدىكى ئىككىنچى قەدەم بۇ ماتېرياللارنى دۇنيا مىقياسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر.

    ئەنگلىيەدىكى بىرىتىش كۈتۈپخانىسىنىڭ يەنە بىر ئۆرنىكىگە ئايلاندۈرۈلماقچى بولغان قاراماندىكى كۈتۈپخانا بىلەن دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىن ئېلېكتىرونلۇق يول بىلەن ئالاقىلاشقىلى بولىدۇ.

    قارامان شەهىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈرك تىلى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى بىلەنمۇ «تۈرك دۇنياسىنىڭ دائىمىي مەدەنىيەت پايتەختى» دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قارامان