قوشكېزەك يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-16 11:38:25

قوشكېزەك يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەرۋاقىت تەۋەلىكى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچەسوغا يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلا...



     

    قوشكېزەك يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

     

    ۋاقىت تەۋەلىكى: 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە

    سوغا يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: ئۇلار زېرەكلىكى بىلەن يات جىنىسلىقلارنىڭ ئالاھىدە قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ھەمىشە يات جىنىسلىقلارنىڭ ياردىمىگە ئۇچرايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارمۇ دوستلىرىغا ياردەم بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما ب ۇنداق «مەرد»لىكى ھەمىشە ئەپلەشمەي قالىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلار ياردەم بېرىۋاتقان دوستىمۇ ئوسال ئەھۋالدا قالىدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ب تىپلىق ياكى ئې تىپلىق بولغانلار: ئۇلار پۇلغا ناھايىتى زىل بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇغما پۇل تېپىش ماھىرى سانىلىدۇ. ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ يىغقان ئامانەت پۇلىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار پۇلنى تېپىپ تۈگىتىپ بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ پايدا-مەنپەئەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ ياخشىسى دوستلىرى بىلەن پۇل-مۇئامىلە قىلىشماسلىقى كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا، پۇلنى دەپ ئاسانلا مەردلىكىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. بۇنىڭغا ئەمەل قىلغاندىن سىرت، يەنە باشقىلارنى نەزىرىدە تۇتۇشنىمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقى لازىم.

     ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى س تىپلىق ياكى ئېف تىپلىق بولغانلار: ئۇلارنىڭ ئىستىداتى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇلار ئىشلارنى ئۆزگىچە ھەم دادىل بىر تەرەپ قىلىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە كۆپتىن-كۆپ چوڭ ئۆزگىرىشلىرىنى پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. جىمجىتقىنە تۇرمۇشنى ياقتۇرمايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا ئېلىشىپ كۆرۈشكە تۇرىدۇ. قىمارنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداقلا مەستانىلىك خاھىشى كۆرۈلىدۇ. ياش ۋاقىتلىرىدا ئۆزىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم، بولمىسا پاتقاققا پېتىپ قالىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.