ئەقىللىق خوتۇن ۋە ئەقىلسىز خوتۇن

يوللىغۇچى : نوۋرۈزگۈلى يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-16 18:20:00

ئەقىللىق خوتۇن ۋە ئەقىلسىز خوتۇن ئەقىللىق خوتۇن ياستۇق بېشىدا ئېرىنىڭ خاتالىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن تەقدىردىمۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەمىشە ئېرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختايدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن ياست...

    ئەقىللىق خوتۇن ۋە ئەقىلسىز خوتۇن


       ئەقىللىق خوتۇن ياستۇق بېشىدا ئېرىنىڭ خاتالىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن تەقدىردىمۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەمىشە ئېرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ماختايدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن ياستۇق بېشىدا ئېرىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولسىمۇ، ھەمىشە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئېرىنىڭ كەمچىلىكىنى ئاشكارلايدۇ.
       ئەقىللىق خوتۇن ھەمىشە ئېرىنىڭ ئارتوقچىلىقىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى خۇشال بولىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى ئېرىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن ھەمىشە ئېرىنىڭ كەمچىلىكىنى باشقا ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى ئۈمىدسىزلىنىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى زېرىكىدۇ، سېلىشتۇرغانسېرى ئېرىنى كۆزگە ئىلمايدۇ.
       ئەقىللىق خوتۇن ئېرىنىڭ كەسپىنى ئۆزۈمنىڭ كەسپى، دەپ قاراپ، كۆپ ياردەم بېرىدۇ. ئۇ تاغ ۋە دەريالار بىر - بىرىگە يۆلەنچۈك بولىدۇ، تاغ قانچە ئېگىز بولسا، سۇمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەقىلسىز خوتۇن ئېرىنىڭ كەسپىگە قىزىقمايدۇ ۋە قوللىمايدۇ. ئۇ تاغ قانچىلىك ئېگىز بولسا، سۈنىڭمۇ شۇنچىلىك كۆپ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

    << ھاياتلىق >> ژورنىلىدىن ئارىيە

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق