نىكاھىغا ئالغىلى بولمايدىغان ئاياللار

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-27 12:23:13

نىكاھىڭىزغا مەڭگۇ ئېلىشقا بولمايدىغان (مەھرەم)ئاياللار:1. قانداشلىق مۇناسىۋەت سەۋەپلىك ئېلىشقا بولمايدىغان ئاياللار:(1) ئاپىڭىز، ئاپىڭىزنىڭ ئاپىسى، ئاتىڭىزنىڭ ئاپىسى(مۇمىڭىز)؛(2) قىزىڭىز، نەۋرە-ئە...



     

    نىكاھىڭىزغا مەڭگۇ ئېلىشقا بولمايدىغان (مەھرەم)ئاياللار:

     

    1.  قانداشلىق مۇناسىۋەت سەۋەپلىك ئېلىشقا بولمايدىغان ئاياللار:

    (1) ئاپىڭىز، ئاپىڭىزنىڭ ئاپىسى، ئاتىڭىزنىڭ ئاپىسى(مۇمىڭىز)؛

     

    (2) قىزىڭىز، نەۋرە-ئەۋرە قىزلىرىڭىز(ئوغلىڭىزنىڭ قىزى ۋە قىزىڭىزنىڭ قىزى)؛

    (3) ئاچىڭىز، سىڭلىڭىز(مەيلى بىر قۇساق ياكى ئاتا بىر ئانا باشقا ئاچا-سىڭىللىرڭىز، ياكى ئاپا بىر ئاتا باشقا ئاچا-سڭىللىرىڭىز بولسۇن ھەمىسى ئاچا-چىڭىللىرىڭىز ھىساپلىنىدۇ ) ؛

     

    (4) ئاتىڭىزنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى ؛

     

    (5) ئاپىڭىزنىڭ ئاچا-سىڭىلىرى؛

     

    (6) ئاكا-ئۇكىڭىزنىڭ قىزلىرى(جىيەن قىزلىرىڭىز)ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادىدىكى قىزلار؛

     

    (7) ئاچا-سىڭىللىرىڭىزنىڭ قىزلىرى، نەۋرە قىزلىرى.

     

    2. ئىمىلدەشلىك مۇناسىۋەت سەۋەپلىك مەڭگۈ ئېلىشقا بولمايدىغان ئاياللار:

    (1) سىزنى ئىمىتكەن ئانىڭىز(بىر قېتىم ئەمگەن بولسىڭىزمۇ سۈت ئانىڭىز ھىساپ) ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى؛

     

    (2) خۇتۇنىڭىزنى ئەمگەن قىز؛

     

    (3) سىزنى ئىمىتكەن ئايال ئىمىتىپ قويغان قىز (يەنى سىز بىلەن ئىملدەش ھەمشىرىڭىز)

    (4) سىزنى ئىمىتىپ قويغان ئايال(سۈت ئانڭىز)نىڭ ئېرىنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى؛

    (5) سىزنى ئىمىتكەن ئايالنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى؛

    (6) سىز بىلەن ئىمىلدەش بولغان ئەر (ئىلىملدەش ئاكا-ئۇكىڭىز)نىك قىزلىرى

    (7) سىز بىلەن ئىمىلدەش بولغان ئايال (ئىمىلدەش ئاچا-سىڭلىڭىز)نىڭ قىزلىرى؛

    3. نىكاھ مۇناسىۋەت سەۋەپلىك ئېلىشقا بولمايدىغان ئاياللار:

    (1)ئاتىڭىز ئالغان ئايال، يەنى  ئۆگەي ئاپىڭىز، ۋە ئۇنىڭ ئاپىسى ؛

     

    (2) ئوغلىڭىز ئالغان ئايال ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى نەۋرىلىرى ئىچىدىكى قىزلار، نەۋرىڭىز ئالغان ئاياللار. ئايالىڭىز ئىمىتكەن ئەرنىڭ قىزلىرى بولسىمۇ ئالسىڭىز بولمايدۇ؛

     

    (3) قىيىن ئاپىڭىز، قىيىن ئاپىڭىزنىڭ ۋە قىيىن ئاتىڭىزنىڭ ئاپىلىرى؛

    (4) ئۆگەي قىزىڭىز (ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن بىللە بولغاندىن باشلاپ ئۇ سىزنىڭ قىزىڭىز ھىساپلىنىپ ئۇنى ئېلىشىڭىزغا مەڭگۈ بولمايدۇ) ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى؛

    4. ئايالىڭىزنى زىنا قىلدى دەپ قارىلاپ ئىسپات بولمىسا، ئايالىڭىز ئۆزىنىڭ پاكلىقىغا تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىمدا "كىم يالغان ئېيتقان بولسا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن" دىسە، مۇشۇ خىل ئەھۋالدا ئۆلىمالارنىڭ ئىجماسىدا بۇ ئايالنى قايتا نىكاھىڭزغا ئالالمايسىز؛

     

    5. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى (شۇ چاغدا ئاللاھ شۇنداق بېكىتكەن. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامنىڭ ئاياللىرى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھىساپلىنىدۇ)

     

    يۇقۇرقى 5 تۈردىكى ئاياللارنى نىكاھىڭىزغا مەڭگۈ ئالسىڭىز بولمايدۇ.

    ئىككىنچى تۈرلۈك ئەھۋال:  ۋاقىتلىق چەكلىمە قۇيۇلغان ئاياللار:

    1. ئايالىڭىزنىڭ ئاچىسىنى ياكى سىڭلىسىنى ئايالىڭىزنىڭ ئۈستىگە ئالسىڭىز بولمايدۇ؛ يەنى، بىر ۋاقىتتا ئاچا-سىڭىلنى نىكاھىڭىزغا ئېلىشىڭىزغا بولمايدۇ؛

     

    يەنە ئايالىڭىزنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاچا-سىڭىلىرى ياكى ئاتىسىنىڭ ئاچا-سىڭللىرىنى ئايالىڭىزنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىڭىزغا بولمايدۇ. شۇنداقلا ئايالىڭىزنىڭ جىيەن قىزلىرىنى ئايالىڭىزنىڭ ئۈستىگە ئالسىڭىز بولمايدۇ. ئايالىڭىزنى تالاق قىلغان ياكى ئايالىڭىز ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ئاندىن يۇقۇرقىلاردىن بىرىنى ئېلىشقا بولىدۇ؛ بىر ۋاقىتتا تۆت ئايالىڭىز بولسا ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ھېچ بىر ئايالنى ئالسىڭىز بولمايدۇ؛

     

    مەنبە:ئىز تورى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھارام نىكاھ