سېۋېت-فىنلاندىيە قانلىق ئۇرۇشى -

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-22 01:47:17

سېۋېت-فىنلاندىيە قانلىق ئۇرۇشى 1939-يىلى 30 نويابىر كۈنى سېۋېت ئىتتىپاقىنىڭ425 مىڭ كىشلىك قىزىل ئارمىيىسى مارشال تېمشىنكونىڭ قوماندانلىقىدا، تانكا ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھېمايىسىدە فىنلاند...

    سېۋېت-فىنلاندىيە قانلىق ئۇرۇشى

            1939-يىلى 30 نويابىر كۈنى سېۋېت ئىتتىپاقىنىڭ425 مىڭ كىشلىك قىزىل ئارمىيىسى مارشال تېمشىنكونىڭ قوماندانلىقىدا، تانكا ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھېمايىسىدە فىنلاندىيە زىمىنغا بېسىپ كىردى.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇرۇش قىسقىغىنغا ئۈچ ئاي داۋاملاشقان بولسىمۇ ئەمما ئۇرۇشقا قاتناشقان ئادەم سانىنىڭ كوپلىكى، ئۆلۈم يېتىم ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئۇرۇشنىڭ دەھشەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى بىلەن دۇنياغا تۇنۇلۇپ فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى.iئەسلىدە فىنلاندىيە شىۋېتسىيە ئېمپېرىيىسىگە قارشلىق زىمىن بولۇپ، پولتاۋا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئاجىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەن شىۋېتسىيە ئېمپېرىيىسى -1809 يىلى فىنلاندىيىنى رۇس ئېمپىرىيىسىگە تارتقۇزۇپ قويغان ئىدى. تاكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە رۇسىينىڭ قاراملىقىدا ياشىغان فىنلاندىيە -1918يىلى مۇستەقىللىغىنى جاكارلىغان ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قولدىن كەتكەن ئەسلىدىكى چار روسىيىەگە قاراشلىق زىمىنلارنى قايتۇرۋېلىش غەرىزىدە يۈرگەن سېۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئىستالنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چاقماق تىزلىكىدە فىنلاندىيەگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ فىنلاندىيىنى بېسىۋېلىش غەرىزىدە بولغان ئىدى. ئەمما ئۇرۇش سېۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئېغىر بەدەل تۆلىشى بىلەن -1940 يىلى مارتتا ئاخىرلاشتى.

    گەرچە بۇ ئۇرۇش ئىككىچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ باشلانمىسىدىكى پۈتۈن ياۋرۇپانى ھەتتا دۇنيانى تىتىرەتكەن دەھشەتلىك ئۇرۇشلارنىڭ بىرى بولسىمۇ ئەمما جۇڭگودا نەشىر قىلىنغان دۇنيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى كىتاپلارغا ۋە دەرىسلىك كىتاپلارغا بۇ ئۇرۇش ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر كىرگۈزىلمىگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى تېخىمۇ ناتۇنۇش. مەيلى ئۇيغۇر ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دۇنيا تارىخى كىتاپلىرىدا بولسۇن، مەيلى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا تارىخى كىتاپلىرىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان دۇنيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلاردا بولسۇن بۇ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بولمايدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ بۇ ھازىرغىچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئويلۇنىشىغا تىگىشلىك نازۇك مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

    فىنلاندىيە قىشلىق ئۇرۇشى -1939يىلى-30 نويابىر باشلنىپ -1940 يىلى مارت ئېيىدا ئاخىرلاشقان بولۇپ، جەمئى 105 كۈن داۋام قىلغان. سېۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشنىڭ دەسلىۋىدە 425مىڭ ئەسكەرنى ئۇرۇشقا بىراقلا سەپەرۋەر قىلغان بولسا بىر ئايدىن كىيىن بۇ ساننى بىر ھەسسە ئاشۇرغان. ئەينى چاغدىكى سېۋېت ئارمىيىسىنىڭ ۋە فىنلاندىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرى تۆۋەندىكىچە بولغان.

    سېۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن 998مىڭ ئەسكەر، 6500تانكا، 3880 ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا پەقەت ئۈچ ئاي ئىچىدە ئاز دېگەندە 250مىڭ ئەسكىرى ئۆلگەن. فىنلاندىيە تەرەپتىن پەقەت 180 مىڭ ئەسكەر ،32 تانكا،114 ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ئۇرۇشقا قاتناشقان بولسا، 26 مىڭ ئەسكىرى ئۇرۇشتا ئۆلگەن.

    ياۋرۇپا تارىخچىلىرى يۇقۇردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن بۇ ئۇرۇش ھازىرقى زامان دۇنيا تارىخىدا ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلار ئۈستىدىن، ئاجىزلار كۈچلىكلەر ئۈستىدىن غالبە قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى دەپ باھا بەرمەكتە.

     

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-9-24 11:34:23]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.