شىر يۇلتۇزلۇقلار

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 13:43:22

بارماق ئىزىڭىزنى تىپقا ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ!بارماق ئىزىنى تۈرگە ئايرىش:ئا: ئېدىرسىمان تىپ: بۇ خىل تىپتىكىلەرنىڭ بارماق ئىزى خۇددى ئېدىرلىقلارغا ئوخشاش بولىدۇ.ب: قاينامسىمان تىپ: بۇ خىل تىپتىكى...

    بارماق ئىزىڭىزنى تىپقا ئايرىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ!

    بارماق ئىزىنى تۈرگە ئايرىش:

    ئا: ئېدىرسىمان تىپ: بۇ خىل تىپتىكىلەرنىڭ بارماق ئىزى خۇددى ئېدىرلىقلارغا ئوخشاش بولىدۇ.

     

    ب: قاينامسىمان تىپ: بۇ خىل تىپتىكىلەرنىڭ بارماق ئىزى خۇددى قاينامغا ئوخشاش بولىدۇ.

     

    س: ئوڭ يۆنەلمىلىك تىپ: بۇ خىل تىپتىكىلەرنىڭ بارماق ئىزىنىڭ چوققىسى ئوڭ تەرەپ ئۈستىگە بۆرتۈپ چىققان بولىدۇ.

     

    د: سول يۆنەلمىلىك تىپ: بۇ خىل تىپتىكىلەرنىڭ بارماق ئىزىنىڭ چوققىسى ئوڭ تەرەپ تۆۋەنگە چۈشكەن بولىدۇ.

     

    ئې: قوش قاينامسىمان تىپ:  بۇ خىل تىپتىكىلەرنىڭ بارماق ئىزى قوش يۆنىلىشلىك قاينامدەك بولىدۇ.

     

    ئېف: ئېقىنسىمان تىپ: بۇ خىل تىپتىكىلەرنىڭ بارماق ئىزى خۇددى ئېقىپ تۇرغان دەريانىڭ ئېقىنىغا ئوخشاش بولىدۇ.

     

     

    ج: ئۆزگىرىشچان تىپ: بۇ خىل تىپتىكىلەرنىڭ بارماق ئىزى مۇقىم بولماي ھەرخىل بولىدۇ.

      

    شىر يۇلتۇزلۇقلار تۈركۈمى:

    ۋاقىت تەۋەلىكى: 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە

    شىر يۇلتۇزلۇقلار تۈركۈمىنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: ئۇلار ھەمىشە ئۆزىنى باشقىلاردىن ئەقىللىق چاغلايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، بىر ئىشقا سەللە كۆڭۈل قويسا، باشقىلاردىن تېز ئۆگىنىۋالالايدۇ. بىراق ئەقىللىق  بولۇش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى ئەمەس، ئۆزىگە زىيادە ئىشىنىپ كەتسە ھېچ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ. پەقەت باشقىلارنىڭ تەقرىبىسىنى كەمتەرلىك  بىلەن ئۆگەنسىلا، تەبىئىي ھالدا نەتىجە قازانغىلى بولىدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ب تىپلىق ياكى ئې تىپلىق بولغانلار: ئۇلار يۈكسەك غايىگە، كۈچلۈك ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە، بىراق رېئاللىق بىلەن غايىنىڭ باشقا-باشقا نەرسە ئىكەنلىكىنى بايقىغىنىدا ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ، ئىستىداتىنى تامامەن ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، تۈز كۆڭۈللۈك قىلىپ ئېغىزىغا كەلگەن گەپنى جاق-جۇقلا قىلىپ ئېيتىۋېتىدۇ-دە، كىشىلەرنى رەنجىتىپ قويىدۇ. چۈنكى راست گەپ كۆپىنچە ھاللاردا قارشى ئېلىنمايدۇ.

     ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى س تىپلىق ياكى ئېف تىپلىق بولغانلار: ئۇلار ئالدىراڭغۇ ۋە مىجەزى ئىتتىك بولغاچقا، خىيالىغا كەلگەن ئىشنى ئاقىۋىتىنى ئويلىمايلا قىلىۋېتىپ ئاۋارىچىلىق تېرىيدۇ. ئىجتىمائىي ئالاقە دائىرىسى كەڭ، ئەمما ئاسانلا ناچار كىشىلەرگە ئارىلىشىپ قالىدۇ. ھەر ئىشنى ئوبدان ئويلاپ، ئاندىن قىلىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.

    ئو باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ج تىپلىق بولغانلار: سۇبىيېكتىپچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاسانلىقچە قۇبۇل قىلمايدۇ. ئۇلارنى قايىل قىلماق ناھايتتى قىيىن. يەنە بىر جەھەتتىن، ھەققانىيەتچىل بولغاچقا، دوستلىرىنىڭ قەدىرلىشىگىمۇ مۇيەسسەر بولىدۇ. چۈنكى ئادىللىق ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن يامانلاردىن قورقمايدۇ. پۇلدىنمۇ ئەزىز نام-شەرەپكە ئېرىشىدۇ. سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كەلمەيدۇ. ھېسسىيات جەھەتتە كېچىكىپرەك پىششىپ يېتىلىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.