ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 07

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-16 11:46:07

ئەزىز قېرىنداشلار! تۈرك تارىخىدا تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىن ھەر كاتتا شائىرلار ۋە ھەر ئۇلۇغ ئالىم، پەيلاسۇپلار يېتىشىپ چىققانغا ئوخشاش، ھۆكۈمدارلار ئارىسىدىنمۇ شائىر، ئالىملار يېتشىپ چىققان ئىدى.

    ec952f68-518d-495e-ac17-b7f5bb3fcb7d-444x333.jpg

     

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر - 07

    ئۇلۇغبەگ ۋە ئەلى كۇشەن ھەققىدە

    ئەزىز قېرىنداشلار! تۈرك تارىخىدا تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىن ھەر كاتتا شائىرلار ۋە ھەر ئۇلۇغ ئالىم، پەيلاسۇپلار يېتىشىپ چىققانغا ئوخشاش، ھۆكۈمدارلار ئارىسىدىنمۇ شائىر، ئالىملار يېتشىپ چىققان ئىدى. بۇ ھۆكۈمدارلار ئۆز دۆلەتلىرىگە رەھبەرلىك قىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ سىياسىتىگە كۈچلەك تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن چۇڭ ئۇرۇشلارنى قىلغان بولۇپ، شۇنداق ئەھۋالدىمۇ ئىلىم ـ پەن ۋە ئەدەبىياتقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنى توختاتمىغان ئىدى. ھۆكۈمدار شائىرلار ئارىسىدىكى، فاتىھ سۇلتان مەھمەت، قانۇنى، ياۋۇز قاتارلىق جاھان پادىشاھى بولغان بۇزرىكۋارلىرىمىز شاھ ئەسەرلىرى ۋە دىۋانلىرىنى ئەدەبىيات تارىخىمىزغا سوۋغا قىلغان ئىدى.

    تارىخىزمىزغا چۇڭقۇر نەزەر تاشلايدىغان بولساق، سەلجۇقىيلاردىمۇ ۋە ماۋىرائۇننەھىردە ئۆتكەن ھۆكۈمدارلار ئارىسىدىمۇ ئالىم، شائىر ھۆكۈمرانلارنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىنى كۆرىمىز. بۇلارنىڭ ئىچىدە غەرب ئەللىرىمۇ ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان، ئۇلۇغ ئالىم ۋە كاتتا شائىر ئۇلۇغبەگنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ئۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئىنتايىن قىممەتلىك شەخىسلىرىدىن بىرى ئىدى. تېمۇر خانىدانلىقىنىڭ 4 ـ ھۆكۈمدارى بولغان ئۇلۇغبەگ، تېمۇر لەڭنىڭ نەۋرىسى بولۇپ، شاھراھ مىرزانىڭ ئوغلى ئىدى. ئانىسى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىگە تەۋە بولۇپ، ئىسمى جەۋھەرشات ئاغا ئىدى. قەدىمقى تۈرك ئويماقلىرىدا ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىگە مەنسۇپ ئاياللار «ئاغا» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلۇغبەگنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمىمۇ دىلشاد ئاغا ئىدى.

    ئۇلۇغبەگ 1394 ـ يىلى 22 ـ مارتتا ئىراننىڭ قول ئاستىدىكى ئەزەربەيجانغا تەۋە سۇلتانىيە شەھىرىدە دۇنيا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى مەھمەت تاراگاي ئىدى. ئەمما كېيىنكى چاغدا ئۇلۇ بەگ دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولدى. ئۇلۇغبەگنىڭ دەسلەپكى تەلىم ـ تەربىيەسى تېمۇرنىڭ ئاياللىرىدىن ساراي مۇلۇك بىلەن شاھ مەلىككە تاپشۇرۇلغان ئىدى. بۇ ئىككى ئايالنىڭ تەربىيەسىدە ئىنتايىن ياخشى يېتشىپ چىققان ئۇلۇغبەگ، 17 ياشقا كىرگەندە، ماۋىرائۇننەھىر ئەمىرلىكىگە ئەمىر قىلىپ ئەۋەتىلدى. ئۇ سەمەرقەنتنى مەركەز قىلغان بۇ ئەمىرلىككە ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

    ئەينى چاغلاردا سەمەرقەنت بىر ئىلىم مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇلۇگبەگ سەمەرقەنتتە رەسەتخانا، كاتتا مەدرىسە ۋە جامىلارنى سالدۇردى. بۇ چاغلاردا ئوخشاش بولمىغان جايلاردىن سەمەرقەنتكە توپلانغان ئالىملار بەس ـ مۇنازىرىلەرنى ئۆتكۈزۈپ، قىممەتلىك ئەسەرلىرىنى ئەركىن يېزىش شارائىتىغا ئىگە بولغان ئىدى. ئۇلۇغبەگ سەمەرقەنتتە يېزا ئىگلىكىنىڭ ۋە ئىقتىسادنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىغىمۇ ئۈنۈملۈك تۆھپىلەرنى قوشتى. دادىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن 1447 ـ يىلى ئۇلۇغبەگنىڭ تەختكە ئولتۇرۇشى بىلەن تەڭلا تېمۇرنىڭ باشقا نەۋرىلىرى ھۇقۇق تاماسىدا ئىسيان كۆتۈردى، شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى تۈرك ئەللىرى بىرى ـ بىرى بىلەن ئىچكى تۇقۇنۇشقا كېرىشىپ كەتتى. ئۇلۇغبەگ بۇ ئىسيانلارنى باستۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ يۈرگەن پەيتتە ئۇنىڭ ئوغلىمۇ ئىسيانغا قاتناشتى. ئوغلى ئىنتايىن چوڭ قوشۇن بىلەن ئۇلۇغ بەگنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، سەمەرقەتكە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئاخىرى ئۇلۇغبەگ ئوغلىنىڭ پاناھلىقىغا ئۆتۈپ، سەمەرقەتكە يېقىن بىر يېزىدا تەنھا، ساداسىز ھايات كەچۈرۈشكە باشلىدى. بىراق ئوغلى يەنىلا دادىسىدىن خاتىرجەم بولالماي، ئەشۇ يېزىدا دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركلەرنىڭ بۇ كاتتا قىممەتلىك ئالىمى ئۆز ئۆغلىنىڭ ھوقۇق تاماسىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى. شۇ چاغنىڭ شائىرلىرى ئۇلۇغ بەگنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە «ھەم دىنغا، ھەم دۇنياغا دوست بولغان ئۇلۇغبەگ ئىلىم ۋە ئەخلاقنىڭ دېڭىزى ئىدى. ئۇ ئابباستىن شاھادەت شەربىتى ئىچتى» دەپ بېيىت يېزىشقان ئىدى.

    ************************************************

    ھوقۇق تالىشىش ئۇرۇشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ بىر ـ بىرلەپ يوق بولىشىغا سەۋەب بولغان بولۇپ، ئۇلۇغبەگمۇ شۇنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى، ئۇ خۇددى تۈرك تارىخىدىكىگە ئوخشاشلا دۇنيا ئىلىم ـ پەن تارىخىدىمۇ يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە بولغان زات ئىدى. دادىسى ئۇنى ياش ۋاقىتىدىن تارتىپلا ئىنتايىن قىممەتلىك ئۇستازلارنىڭ تەربىيىسىدە يېتىشتۇرگەن ۋە ئۇنىڭغا خاتىرجەم ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئۇلۇغبەگ ئەدەبىياتقىمۇ ئىنتايىن قىزىقاتتى ۋە خېلى نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ئاساسلىق كۆڭۈل بۆلگەن ساھەسى ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيە بولغان ئىدى. ئۇ دائىم سىر ـ ئەسرارلارغا تولغان پايانسىز كۆكتىن كۆزىنى ئۈزمەيتتى. يۇلتۇزلارنى تەتقىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ھەقىقي ئىلىم ئەھلىگە يارىشىدىغان شەكىلدە تەمكىن ھالدا ئاستىرونومىيە ئىلمى بىلەن شۇغۇللاندى. ئىلىمنىڭ ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نۇرلۇق يولىدا مېڭىشنى ئاداققىچە داۋملاشتۇردى.

    ئۇلۇغبەگ سەمەرقەنت ئەمىرى بولغان مەزگىلدە ئىنتايىن ئازادە ئىلمىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللۇنۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. ئۇ 35 يىلغا قەدەر زىرىكمەستىن يۇلتۇزلارنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنى يېتىشتۇرۇپ چىققان چوڭ ئۇستازى بولسا، ئوسمانلى تۈركلىرىدىن بىرى ۋە ناھايىتى كاتتا ماتېماتىكا ئالىمى، شۇنداقلا ئاتاقلىق ئاستىرونوم، بورسالىق قادى زادە ئەپەندى ئىدى. قادى زادە ئەپەندى بۇرسادىن خوراسانغا، ئاندىن ئۇلۇغ بەگنىڭ دۆلىتى سەمەرقەنتكە بېرىپ، ئۇلۇغ بەگكە ماتېماتىكا ۋە ئاستېرنومىيە ئىلمى ئۆگەتكەن ئىدى. ئۇلۇغبەگ كېيىنچە ئاتاقلىق ئاستىرونومىيە ئالىملىرىدىن كاشانلى غىياسىددىننىمۇ ئۇستاز تۇتتى. ئەينى چاغدا سەمەرقەنتە تۇرۇشلۇق ئەلى قۇشچۇ ئىسىملىك بىر زاتمۇ بۇرسالىق قادى زادە ئەپەندىدىن دەرس ئېلىپ كاتتا ئالىم بولۇپ يېتىشكەنىدى. ئەلى قۇشچۇ ئاخىرقى چاغلاردا ئۇلۇغبەگنىڭ ئىلمىي خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ياردەمچى بولدى.

    ئۇلۇغ بەگنىڭ سەمەرقەنتكە ياساتقان سارىيىغا شۇ دەۋرنىڭ بارلىق كاتتا ئالىملىرى توپلانغان ئىدى. بولۇپمۇ ئۇلۇغبەگنىڭ قىرىندىشى بايسۇنگۇر، ئۇلۇغبەگ ياراتقان ئەشۇ ئىلمىي مۇھىتتا يېتىشكەنلىكى ئۈچۈن ئەدەبىياتتا كاتتا ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇلۇغبەگنىڭ دەۋرىدە كامال بەداخشى، لۇتفىي ۋە سەككاكىيلارغا ئوخشاش كاتتا ئەدىبلەرمۇ يېتىشىپ چىققان ئىدى. سەككاكىي ئۇلۇغبەگكە ئاتاپ يازغان بىر شېئىرىدا، «دۇنيا ماڭا ئوخشاش شائىر ۋە ساڭا ئوخشاش ئالىم ھۆكۈمدارنى يېتىشتۈرگەندىن كېيىن، يەنە قانچىلىغان يىللارغىچە دەۋر سۈرىدۇ» دېگەن ئىدى. بۇ دەۋردە يەنە نۇرغۇنلىغان ئىسلام قانۇنشۇناسلىرىنىڭ يېتىشىپ چېقىشىغىمۇ شارائىت يارىتىپ بېرىلگەن ئىدى.

    ************************************************

    ئۇلۇغبەگ 1420 ـ يىلى سەمەرقەنت شەھىرىدە كاتتا بىر مەدرىسە ياساتتى. بۇ مەدرىسىنىڭ كەڭ كويلىسىنىڭ ئەتراپى ئىككى قەۋەتلىك ھوجرىلار بىلەن ئورالغان، تۆت بۇلۇڭىدا بولسا، تۆت ئېگىز ھەم چوڭ گۈمبەز يەرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، مەدرىسە ئىنتايىن گۈزەل مۇنارلىرى بىلەن بىرلىكتە بىناركارلىق ساھەسىدىكى شاھ ئەسەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇلۇغبەگ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ياساتقان بۇ مەدەنىيەت مىراسىنىڭ باشقۇرۇشىنى چوڭ ئۇستازى قادى زادە ئەپەندىگە تاپشۇرغان ئىدى. ئۇلۇغبەگ بۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇخارادىمۇ مەدرىسىلەرنى ياساتتى.

    ئۇلۇغبەگ سەمەرقەنتتە ياساتقان رەستخانىسىدىكى ئىلمىي خىزمەتلىرى بىلەن پۈتۈن شەرق ۋە غەرب دۇنياسىدا مەشھۇر بولدى. رەسەتخانىغا يەرلەشتۈرۈلگەن ئۈسكىنىلەر ئەينى چاغدا دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە تېپىلمايتتى. رەسەتخانىدا ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى ئۇلۇغبەگ ئۆزى ئىجاد قىلغان ئىدى. رەسەتخانىدا ئۆزى ئۈچۈن ياساتقان ھوجرىنىڭ گۈمبەزلىك تورىسى يۇلتۇز رەسىملىرى ۋە باشقا مەنزىرە سۈرەتلىرى بىلەن بېزەلگەن ئىدى. ئۇستازى قادى زادە ئەپەندى ۋاپات قىلغاندىن كېيىن رەسەتخانىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئەلى قۇشچۇ ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇلۇغ بەگنىڭ «زەيجىئى جەدىدى سۇلتانىيە» ناملىق ئاستىرونومىيە كىتابى دەل ئەشۇ مەزگىللەردە يېزىلغان ئىدى. ئۇلۇغ بەگنىڭ بۇ ئەسىرىنى كېيىنكى چاغلاردا ئوكېسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى كون گىرىۋس ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق بۇ كاتتا تۈرك ئالىمىمىزنى پۈتۈن ئىلىم ـ پەن دۇنياسىغا تونۇتقان ئىدى.

    ئۇلۇغبەگ يەنە، «شەجەرەتۇل ئەتراك» ناملىق تارىخىي ئەسەرنىمۇ يېزىپ چىققان بولۇپ، بۇ ئەسەردە تۆت تۈرك دۆلىتىنىڭ تارىخى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىنغان ئىدى. ئەمما ئەپسۇسكى بۇ ئەسەر ھازىر قولىمىزدا يوق. پەقەت بۇ ئەسەر مەنبە كۆرسىتىلگەن ۋە بەزى بۆلۈملىرى پايدىلىنىش ئۈچۈن نەقىل قىلىنغان باشقا كىتابلار ئارقىلىقلا ئۇ ھەقتە بىر تۈركۈم مەلۇماتلارغا ئىگە بولالايمىز.

    ئۇلۇغبەگ 15 ـ ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئاستىرنومىيە ئالىمى بولۇپ، ئۇنىڭ قۇرغان رەسەتخانىسىدا نۇرغۇنلىغان ئالىملار تەتقىقات بىلەن شۇغۇلانغان ۋە شەھەرنى ئىلىم ـ پەن مەركىزىگە ئايلاندۈرغان ئىدى. بۇ دەۋرلەردە ئوسمانلى تۈركلىرىمۇ تونا ساھىللىرىغا قەدەر يېتىپ كەلگەن ۋە فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىپ بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇلدا قۇرۇلغان فاتىھ ئۇنىۋېرسىتېتىدىمۇ نۇرغۇنلىغان تۈرك ئالىملىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىككىنچى تۈرك مەدەنىيەت مەركىزىنى قۇرۇپ چىقتى. شۇنداق قىلىپ 15 ـ ئەسىر، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىلىم ـ پەندە ئەڭ روناق تاپقان دەۋرى بولدى.

    ****************************************

    ئەزىز قېرىنداشلار! يۇقىرىدا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ھەر ئىككى مەدەنىيەت مەركىزىدە خىزمەت قىلغان ۋە قىممەتلىك خىزمەتلىرى تۈپەيلى ئۇلۇغبەگ بىلەن فاتىھ مەھمەت ئۆز يېنىدىن ھېچ ئايرىشنى خالىمىغان ئاتاقلىق ماتېماتىكا ئالىمى ۋە ئاستىرونوم ئەلى قۇشچۇ تۈرك دۇنياسى ئالىملىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىدى. ئۇ نۇرغۇنلىغان بىباھا ئەسەرلەرنى قالدۇرغاندىن باشقا يەنە، كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرگەن ئىدى. ئۇ تۇنجى قېتىم ئىستانبۇلنىڭ كەڭلىكى ۋە ئۇزۇنلىقىنى ئۆلچەپ چىققان ھەمدە قوياش سائىتى ھەققىدە مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى.

    ئەلى قۇشچۇ «1410 ـ يىلى سەمەرقەنتتە دۇنياغا كەلگەن» دەپ تەخمىن قىلىنىدۇ. ئەلى قۇشچۇنىڭ دادىسى بۈركۈت يېتىشتۈرگۈچىلەر بېشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلىنىڭ لەقىمى «قۇشچۇ» (يەنى قۇشچى) بولۈپ قالغان ئىدى. ئۇ دەسلەپكى ئىلىم تەھسىلىنى سەمەرقەنتتە تاماملىغان ۋە ياشلىققا قەدەم قويغاندىن كېيىن ماتېماتىكىغا ھەم ئاستىرونومىيەگە قىزىقىپ قېلىپ، ئاتاقلىق ئالىم قادى زادەنىڭ شاگىرتى بولغان ئىدى. كېيىنچە كىرمانغا بېرىپ، «شەرھىي جەدىد» ناملىق ئەسىرى بىلەن نام چىقارغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ئەينى چاغدىكى لۈغەت ئالىملىرى ئارىسىدا ئۇزۇن زامانلارغىچە بەس ـ مۇنازىرە تېمىسى بولۈپ قالدى.

    ئىسلام پەلسەپىسى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان ئەلى قۇشچۇ سەمەرقەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىلگىرى ئۆزىگە ئاستىرونومىيە دەرسى بەرگەن ئۇستازى ئۇلۇغبەگنى زىيارەت قىلدى. ئۇلۇغبەگ ئۇنىڭدىن «ماڭا كىرماندىن قانداق ھەدىيە ئېلىپ كەلدىڭ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «كېچىك بىر كىتاپنى ئېلىپ كەلدىم» دېگىنىچە بىر كىتابنى تەقدىم قىلدى. ئەلى قۇشچۇ بۇ كىتابىدا ئاينىڭ شەكلىنى تەتقىق قىلىپ بەزى نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەلى قۇشچۇ «ئەشكالى قەمەر» ناملىق بۇ مۇھىم ئەسەرنىڭ ئارقىدىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە يەنە باشقا ئەسەرلەرنىمۇ مەيدانغا كەلتۈردى. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى ئارىفمېتىكا كىتابى ئىدى. ئىككىنچىسى بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئائىت بولۇپ، 1458 ـ يىلى سەمەرقەنتتە يېزىلغان ئىدى. ئۈچىنچىسى ئاستىرونومىيەگە ئائىت بولۇپ، تۆتىنچىسى ئۈچ بۇلۇڭ ئىلمىغا ۋە ئالگېبراغا ئائىت ئىدى. فاتىھ سۇلتان مەھمەتكە سۇنۇلغان بۇ ئەسەر بىر كىرىش سۆز ۋە 5 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى ئەسىرىنى بولسا، فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ بىر يۈرۈشتە ئۇتۇققا ئېرىشكەن كۈنىدە تاماملىغان بولغاچقا ئۇنىمۇ فاتىھ سۇلتان مەھمەتكە ھەدىيە قىلغان بولۇپ، فاتىھ ئۇنى كۈتۈپخانىغا قويدۇرغان ئىدى.

    ***********************************

    ئەلى قۇشچۇ ئەسلىدە ئاققويۇنلار ھۆكۈمدارى ئۇزۇن ھەسەننىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان بولۇپ، ئۇزۇن ھەسەن ئۇنى ئىستانبۇلغا ئەلىچىلىككە تەيىنلەپ ئەۋەتكەندە، فاتىھ سۇلتان ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋە ئۇنىڭغا «مەن سىزنىڭ ئىستانبۇلغا يەرلىشىپ قىلىشىڭىزنى خالايمەن» دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەلى قۇشچۇ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئىستانبۇلغا كۆچۈپ كېلىپ، ئىلمىي خىزمەتلىرىنى باشلىدى. پادىشاھ ئۇنى يۇقىرى مائىش بىلەن ئاياسۇفيا مەدرىسىسىگە ئوقۇتقۇچى قىلىپ تەيىنلىدى. ئەلى قۇشچۇ ئاياسۇفيا مەدرىسىسىدە ئۇزۇن يىللارغىچە ماتېماتىكا دەرسى ئۆتۈش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ ئىلمىي خىزمەت ھاياتىنىڭ ئەڭ مول ـ ھۇسۇللۇق دەۋرى ئىستانبۇلدا ئۆتكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئىستانبۇلدا ئوقۇتقچىلىققا تەيىنلىشىنى، ماتېماتىكا ۋە ئاستىرونومىيە ئىلمىنىڭ تۈركىيەدە تەرەققىي قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ئەلى قۇشچۇ 1474 ـ يىلى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەبرىسى ئەيۇب سۇلتان جامىسىدە ساقلانماقتا.

    ئەزىز قېرىنداشلار! تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ ئىككى مەشھۇر زاتلىرىنى ئىنسانىيەت ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرى يۈزسىدىن بۇ يەردە چۇڭقۇر ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز ۋە سىلەرگىمۇ سەمىمىي سۆيگۈمىزنى ۋە ھۆرمىتىمىزنى يوللايمىز.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.