ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر (22)

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-06-27 10:30:48

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر (22)يۈنۈس ئەمرە ھەققىدە (1) ئەزىز قېرىنداشلار! مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ نۇرلۇق دۇنياسىدا يۈكسىلىپ، چۇڭقۇر يىلتىز ئالغان تەسەۋۋۇپنىڭ بارلىق ئاساسلىرىنى يۈنۈس ئەمر...



     

    ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر  (22)

     

    يۈنۈس ئەمرە ھەققىدە (1)

     

     

       ئەزىز قېرىنداشلار! مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ نۇرلۇق دۇنياسىدا يۈكسىلىپ، چۇڭقۇر يىلتىز ئالغان تەسەۋۋۇپنىڭ بارلىق ئاساسلىرىنى يۈنۈس ئەمرە، تۈرك تىلىنىڭ  ئاددى ـ ساددە يارقىنلىقىدا ئېرىتىپ، ئۇنى سىرىتتىن ئالغاندەك ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن فۇنتان كەبى ئېتىلىپ چىققاندەك ئىجادىيەت تۈسىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇلۇغ ئالىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تەسەۋۋۇپنىڭ ئومۇمىي ئاساسلىرىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن يۇغۇرۇپ، «شاختا بۇلبۇل سايرايدۇ، سۇدا بىلىق ئوينايدۇ» دېگەن مىسرالىرى ئارقىلىق پۈتۈن تەسەۋۋۇپ قائىدىلىرىنى بىر يارىتىلىش ھادىسىسىگە ئايلاندۈرۈشنىڭ سىرىنى تېپىپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن «يۈنۈس ئەمرە تەسەۋۋۇپ ئاساسلىرىنى ئۆزى ئىجاد قىلدىمۇ ياكى سىرتتىن قوبۇل قىلدىمۇ؟» دېگەننىڭ ھېچ قانداق ئەھمىيىتى ياكى پەرقى يوق ئىدى. چۈنكى مۇھىم بولغىنى تەسەۋۋۇپنىڭ ئاساسلىرى ئەمەس، بەلكى جۈشۈندۈرۈش يولى ئىدى. شۇڭا يۈنۈس ئەمرە ئۆز شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن تەسەۋۋۇپ سىستېمىسىگە ئۆزگىچە يۈكسەكلىك بەخش ئېتىشنى بىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنى خۇددى مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىغا ئوخشاش پاك، غۇۇرۇرلۇق، ئىلاھىي ئىلھام سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرالىغان ئىدى. ئۇ چىن ھېسسىياتلىق شېئىرلىرى ئارقىلىق تۈرك خەلقىنىڭ پىكىرىي دۇنياسىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ، تۈرك ئەدىبىياتى تارىخىنىڭ، بولۇپمۇ ئانادولۇدا راۋاجلانغان تۈرك تىلىنىڭ قۇغدۇغۇچىسى ۋە ئىجادكارىغا ئايلانغان ئىدى.

        يۈنۈس ئەمرەنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئېنىق، كونكېرت مەلۇمات يوق. ئوتتۇرىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ھەممىسى بىر قىسىم ئاغزاكى رىۋايەت ۋە ئىزاھاتلاردىن ئىبارەتتۇر. «بەكتاشىنىڭ ۋىلايەتنامىسى (يەنى كاپالەتنامىسى)» دېگەنگە ئوخشاش ھەرتۈرلۈك مەنبەلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يۈنۈس ئەمرەنىڭ ئۆز دىۋانىدا ھۆرمەت بىلەن ئىسمىنى تىلغا ئالىدىغان شەيخى تابدۇق ئەمرە بولۇپ، بۇ زات ساكارىيا  ئويمانلىقىدا ياشايتتى. كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، يۈنۈس ئەمرە پورسۇق ئۆستىڭى ساكارياغا قۇيۇلىدىغان يەردىكى سارىكوي يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن 70 ياكى 100 يىل كېيىن رەتلىنىپ چىققان دىۋانىدىكى شېئىرلىرىگە قارايدىغان بولساق، 13 ـ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى بىلەن  14 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ھەر قايسى خەلقلەر تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈلگەنلىكى، تەككىخانىلاردا ۋە يېزا ساماۋەرخانىلىرىدا ھەمدە كېيىنچى مەگىللەردە بولسا، مەۋلىتلەردە ئاڭاھغا سېلىنىپ ئوقۇشنىڭ ئومۇملاشقانلىقى، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ گوياكى بىر داستان ۋە چۆچەككە ئايلىنىشىغا يول ئاچقان ئىدى.

       غەرپتىن ـ شەرققىچە، شىمالدىن جەنۇپقىچە كەڭ تارالغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ يۈنۈس ئەمرە ئۈچۈن جەمئىي 9 يەردە قەبرە قاتۇرغانلىقىغا قارايدىغان بولساق، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇنى نەقەدەر چىن يۈرەكتىن سۆيگەنلىكىنى ئاسانلا بىلىۋالالايمىز. يۈنۈس ئەمرەنىڭ بۇلاردىن پەقەت بىر قەبرىنىڭ ئىچىدىلا مەڭگۈلۈك ئارام ئېلىۋاتقانلىقى ھەممىگە مەلۇم، شۇڭا قالغان 8 قەبرىنى ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز. 16 ـ ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق شائىرلاردىن بۇرسالىق لامى جەلەبىينىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا كۆرە، يۈنۈس ئەمرىنىڭ ھەقىقىي دەپنە قىلىنغان يىرىنىڭ ئەنقەرە بىلەن ئەسكىشەھەر ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان سارىكوي پويىز ئىستانسىسىدا ساقلىنىۋاتقان قەبرە بولۇش ئېھتىمالىي ئىنتايىن كۈچلۈك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يۈنۈس ئەمرەنىڭ «ئۈگۈت (يەنى نەسىھەت) رىسالىسى»نى ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ  1307 ـ يىلى ھايات ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ تازا ياشىنىپ قالغان ۋاقتى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن رەتلەپ چىقىلغان داۋانىدىكى شېئىرلاردا ئىشلىتىلگەن بىر قىسىم سۆز ۋە ئاتالغۇلار شۇنداقلا  سۆزلەنگەن ۋەقەلەردىنمۇ يۈنۈس ئەمرەنىڭ مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنى تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ سۆھبەت سورۇنلىرىغا قاتناشقانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى بىلىپ يەتكىلى بولىدۇ.

    ********************************************************

       يۈنۈس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىدە ئىشلىتىلگەن سۆزلەر ۋە توختىلىنغان تېمىلار، ئۇنىڭ چۇڭقۇر دىنىي بىلىمگە ۋە تەسەۋۋۇپ ئىلمىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئىسلام ئەدىبىياتىنى، جۈملىدىن قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلغان ئىسلام بىلىملىرىنى ئىنتايىن پىششىق بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ چۇڭقۇر ئىلىم بىلەن تېخىمۇ كېڭەيگەن  ئۆتكۈر پىكىر ۋە چۈشەنچە ئىقتىدارى، ھەمدە تەسەۋۋۇپ بىلەن ۋايىغا يەتكەن ئەخلاق ـ پەزىلىتى شۇنداقلا ئىنسانىي ۋە ئىلغار دۇنيا قارىشى ئاخىرىدا، سەنئەت بىلەن يۇغۇرۇلغان ھالدا خەلقنىڭ خىزمىتىگە ۋە مەنپەئەتىگە سۇنۇلغان بولۇپ، بۇ دەل يۈنۈس ئەمرەنىڭ سەنئىتىنىڭ ۋە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھالغا كەلتۈرگەن سىھرى كۈچنىڭ سىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەڭداشسىز ئەھمىيىتى ھېكايە، مەسەللەرگە ئارىلىشىپ، داستانلاشقان ھاياتىدا ئەمەس، بەلكى شېئىرلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھېس ـ تۇيغۇ، كۆز قاراشلىرىدا ساقلانغاندۇر. ئۇنىڭ ھېس ـ تۇيغۇلىرى ۋە پىكىرلىرى يالغۇز كىشىلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئۆز قوينىغا ئالغان بولغاچقا قىسغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئۇنى كىشىلىك دائىرىسىدىن يۈكسەلتىپ، پۈتۈن ئانادولۇدا ھەممىلا كىشى تەرىپىدىن سۆيىلىدىغان بىر ئۇلۇغ ئىنسانغا ئايلاندۈرغان ئىدى.

       «بەكتاشى ۋىلايەتنامىسى (يەنى كاپالەتنامىسى)»دە بايان قىلىنىشىچە، يۈنۈس ئەمرە ھاجى بەكتاشىنىڭ خەلپەتلىرىدىن بىرى بولغان تابدۇق ئەمرەنىڭ دەرۋىشى (يەنى تالىپى) ئىدى. تابدۇق ئەمرە، باراق بابانىڭ، باراق بابا بولسا، سارى سۇتۇقنىڭ دەرۋىشى (يەنى تالىپى) ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن تەرىقەت سىلسىلىسىنى ئارقىغا ياندۇرۇپ قارايدىغان بولساق، موڭغۇللارنىڭ ھۇجۇمىدا ئانادولۇغا كەلگەن ۋە قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە خەلقنىڭ قەلب تورىدىن ئورۇن ئالغان ئالپ ئەۋلىيالىرىغىچە تۇتىشاتتى. يۈنۈس ئەمرە مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ سەما سورۇنلىرىغا قاتنىشىپ، ئاجايىپ ئىلاھىي ھاياجانغا چۆمۈلگەنلىكىنى ئۆز شېئىرلىرىدا نۇرغۇن قېتىم تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ يەنە مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ پاك نەزەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ قەلبىگە ئەينەك بولغانلىقىنى شۇڭا ئۆز قەلبىنى سۈزۈك، روشەن بىر شەكىلدە كۆرۈپ يېتەلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. مەۋلانانىڭ نەي سادالىرى ئاستىدا پىرقىراپ ساماغا چۈشۇشلىرىنى، «ئۇ ھەممىنى ئاڭلايدىغان ۋە سۆزلەيدىغان، كۆرىدىغان ۋە كۆرسىتىدىغان زاتتۇر. ئەمما ئايلىنىۋاتقىنى مەۋلانادۇر. ھەم ئۆز نۆۋىتىدە پۇۋلەنگەن نەينىڭ ئۆزى، ھەم نەينى پۇۋلەۋاتقان نەيچىنىڭ ئۆزى» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. چۈنكى يۈنۈس ئەمرە مەلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ ماقامىنى ئېرىشكىلى بولمايدىغان نۇقتىدا دەپ قارايتى. ئەمما تۈركىي خەلقلەر بولسا، يۈنۈس ئەمرەنىمۇ مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى بىلەن ئوخشاش ماقامغا ئىگە دەپ ئالاھىدە ھۆرمەت قىلاتتى. مەۋلانا جەلالىددىن رۇمى بولسا، «بىر تۈركمەن ئۇستازنىڭ ئىزىنى كۆز ئالدىمدا كۆردۈم ۋە "بىردەملىك ئۆتۈپ كېتەر" دېمىدىم» دېيىش ئارقىلىق يۈنۈس ئەمرىنىڭ يۈكسەكلىكىگە مەدھىيە ئوقۇغان ئىدى.

        خەلق ئېغىز رىۋايەتلىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر قېتىم يۈنۈس ئەمرە مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىغا «سەن مەسنىۋىنى ناھايىتى ئۇزارتىۋېتىپسەن، مەن بولسام، "گوش ئىدىم سۆڭەككە ئورالدىم، يۈنۈس بولۇپ كۆرۈندۈم" دېگەن مۇشۇ ئىككى مىسرانىلا ئوقۇيتىم ـ دە، ھەممىسى پۈتكەن بولاتتى» دېگەن ئىكەن.

    *********************************************************

        «يۈنۈس ئەمرە ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلمەيتتى» دېگەندەك رىۋايەتلەرمۇ بار. ئەسلىدە يۈنۈس ئەمرەنىڭ بەزى شېئىرلىرىدا، بىلىمنى ھەقىقەتنى تېپىشنىڭ بىر ۋاستىسىدىنلا ئىبارەت دەپ قارىغانلىقىدىن بىلىمگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىكنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ھەمدە دەرۋىشلىكى ۋە كېچىك پىئىللىقى بىلەن ئۆزىنى ئەرزىمەيدىغان، ھېچ نەرسىنى بىلمەيدىغان كىشى سۈپىتىدە ئاڭلاتقانلىقى، بىلىمىگە ئىشىنىپ مەغرۇرلىنىدىغانلارنى قامچىلاش ئۈچۈن ئىدى. ۋەھالەنكى ئۇ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن كاتتا بىلىم ئىگسى بولۇپ، يۇنان پەلسەپىسىنى ۋە شەرق چۆچەكلىرىنى پىششىق بىلەتتى. يازمىلىرىدا قۇرئان ۋە ھەدىستىن شۇنداقلا كاتتا زاتلارنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرەتتى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىن ھەتتا مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ "مەسنىۋى"سىنى ۋە "دىۋانى كەبىر"دىكى غەزەللىرىنى ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ يەنە ئۇلۇغ شەرق شائىرى سەئىد شىرازىنىڭ بىر غەزىلىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان ئىدى. ئۆزىنىڭ بەزى شېئىرلىرىدىمۇ مەدرىسىدە تەلىم ئالغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

        يۈنۈش ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىدا ساپ تۈركچە ئىشلەتىلگەن دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى سەلجۇقىيلار دەۋرىدە دۆلەت تىلىنىڭ پارىسچە بولۇپ بەلگىلىنىشى سەۋەبىدىن پارىسچىدە ئىشلىتىلگەن رەسمىي ئاتالغۇلار بىلەن دىنىي ئاتالغۇلار خەلق تىلىغا سېڭىپ، تۈركچىلەشكەن ئىدى. يۈنۈس ئەمرە بۇلارنى بولۇشىغا ئىشلەتكەن، ئوقۇغان، يازغان ۋە تەسەۋۋۇپ يولىغا كىرگەن كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن شېئىرلىرىدا پارىسچە، ئەرەپچە سۆزلۈك بىلەن تېرمىنلەر قاپىيە ئۈچۈن بولسىمۇ ئامالسىز ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بىراق شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا تۈرك تىلىنىڭ ۋە شېئىرىيىتىنىڭ قوغدۇغۇچىسى ھسابلىنىدۇ. تەسەۋۋۇپ ۋە قەدىمقىي پەلسەپەلەرنى تېما قىلغان ئاز ساندىكى شېئىرلىرىدىن باشقا شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى  ئىنتايىن ئاددى، ھەممىلا كىشى چۈشىنەلەيدىغان ئېنىق ۋە راۋان تۈركچە خەلق تىلى بىلەن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىرقى زامان تۈرك تىلىدا ئۇنۇتۇلۇپ كەتكەن ئىنتايىن ئوچۇق، ئەمما مەنىسى ناھايىتى چوڭقۇر سۆزلەر ۋە ماقال ـ تەمسىللەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. شېئىرلىرىنىڭ ئۇستى قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرگەن چۈشەنچە ۋە ئاتالغۇلار ئومۇمەن خەلق تىلىدىن، بولۇپمۇ ئاممىباپ تۈرك تىلىدىن تاللاپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ چۇڭقۇرلۇقى دەل بۇ خىل يۇمشاق بايان ئۇسلۇبىدا ساقلانغان. يۈنۈس ئەمرە نۇرغۇنلىغان شېئىرلىرىغا خەلق ئىدىئوملىرىنى ۋە خەلقنىڭ چۈشنچىلىرىنى ئىنتايىن غەلىبىلىك شەكىلدە سىڭدۈرگەن. شېئىر تىلىنىڭ ساھەسىنى ھەر قايسى خەلقلەرگە قەدەر كېڭەيتكەن. ئانادولۇنىڭ ئەڭ ئۇزاق بۇلۇڭلىردىمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى، ئاڭاھلارغا سېلىنىشى، ھەتتا ھەر خىل مەقسەتلەردىكى يىغىلىشلاردىمۇ ئوقۇلىدىغان بولغانلىقى دەل ئەشۇ ۋەجىدىن ئىدى. يۈنۈس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرى تۈرك تىلى تارىخىي نۇقتىسىدىنمۇ ئنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ؛ چۈنكى بۈگۈنكى زاماندا ئۇنۇتۇلۇپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان تۈركچە سۆزلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش قىلىپلىرىنى دەل يۈنۈس ئەمرەنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق بىلىپ يەتمەكتىمىز.

    *****************  ********** ********* * ****** * *  **********

        يۈنۈس ئەمرە شېئىرلىرىنى ئارۇز ۋەزنىدە يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلى قەدىمقى تۈرك شېئىرىيىتى بىلەن مۇسۇلمان تۈرك شېئىرىيىتى ئەنئەنىسىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن «ئۆلچەملەرنى يۈنۈس ئەمرە ياراتقان» دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئۇنىڭ «دىۋان» ناملىق ئەسىرىدىكى بەزى شېئىرلار گەرچە ئارۇز ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ، يەنىلا خەلق تەرىپىدىن بەھىر ئۆلچىمى بويىچە ئوقۇلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يۈنۈس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىدا ئاددىي بايان، چوڭقۇر ھېس ـ تۇيغۇ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شېئىرلىرىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېما بولسا، ئاللاھقا ۋە ئىنسانغا بولغان سۆيگۈدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا نامايان بولۇپ تۇرىدىغان شەرىئەتكە ۋە سۇننى ئەقىدىسىگە بولغان مەھكەم باغلىنىش شېئىرنىڭ قۇرۇلمىسىغا ۋە يۆنىلىشىگە تەسىر يەتكۈزگۈدەك دەرىجىدە ئەمەس. بۇ خىلدىكى بەزى ۋەز ـ نەسىھەت تۈسىنى ئالغان شېئىرلىرىمۇ باشقا شېئىرلىرىغا ئوخشاش جوشقۇن ھېسسىياتلىق، ئىنسساننى دەرھال ھياجانغا چۆمدۈرىدىغان ئۆتكۈز ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس. ئۇنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئەڭ كاتتا ئۇتۇقى، مۇرەككەپ تېمىلارنى، بولۇپمۇ دىنى قاراشلارنى ئوچۇق، يۇمشاق بىر بايان ئۇسلۇبى بىلەن ئوتتۇرىغا قويالىغانلىقىدا شۇنداقلا شېئىرنى پەقەتلا بىر قىلىپقا ئايلىنىپ قىلىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئىنچىكە ھېس ـ تۇيغۇ ۋە يارقىن بايان ئۇسلۇبى بىلەن زىننەتلىيەلىگەنلىدە يوشۇرۇنغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا بىر مەنە پۈتۈنلۈكى ۋە تۇيغۇ ئىزچىللىقىنى كۆرۈۋلغىلى بولىدۇ.  ئۇنىڭ ھەقىقىي ماھارىتى بولسا، ياسالمىلىققا ۋە سەنئەتۋازلىققا بېرىلمەستىن، ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان پىتى ئوتتۇرىغا قويالىغانلىقىدا، دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئامىل، ئاھاڭدارلىق، ئاۋاز يۇمرانلىقى، ئىچكى ماسلىشىشچانلىق، رىتىم ۋە تەرتىپ ئىچىدىكى مەنە باغلىنىشلىقىدىن ئىبارەتتۇر. ئىسلامنىڭ تەسىرى ئاستىدا تەرەققىي قىلغان تۈرك شېئىرىيىتىدىكىگە ئوخشاش مەنە باغلىنىشلىقىنىڭ ئۈلۈكسىز بولماسلىقى ۋە ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش ھادىسىسلىرى يۈنۈس ئەمرەنىڭ شېئىرلىرىدا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا، ئاساسلىق تېما ئىنسان  بولۇپ، ئىنسان زاماننىڭ ئېقىشى ئىچىدە سىتېرېئولۇق شەكىلدە تەھلىل قىلىنىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆتمۈشى، كەلگۈسى، ياشاۋاتقان مەزگىلدىكى ئەمەلىي ئەھۋالى، دەرت ـ ئەلەملىرى  ۋە شات ـ خوراملىقى، شۇنداقلا ئاللاھقا بولغان پوزىتسىيەسى بىر پۈتۈن شەكىلدە شېئىردا ئورۇن ئالىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىنسان ئـۆز ئۈمىدىدىكى كەلگۈسىدىن، بولۇپمۇ ئاخىرەتتىن بەختىيارلىق كۈتىدىغان ۋە شۇ ۋەجىدىن ئاللاھقا سېغىنىدىغان مەخلۇق ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا يۈنۈس ئەمرە ئىنساننى سۆيگۈگە ۋە ئۈمىدگە باغلايدۇ. بەزىدە ئىنسان سۆيگۈسى ئۈمىد شەكلىدە بايان قىلىنسا، يەنە بەزىدە، ئېتىقاد سۆيگۈگە ئايلاندۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرى يۇمشاق بايان ئۇسلۇبى بىلەن ئىشقا ئاشقان ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يورۇتۇپ بەرگەن شۇنداقلا ئىزاھلاپ بەرگەن بىر سەنئەت ئەسىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.