تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى-20

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-28 12:46:40

ئەۋلىيا چەلەبى تۈرك ئەدەبىياتىدا ساياھەتنامىسى بىلەن شۆھرەت قازانغان بىر يازغۇچى ۋە سەيياھ بولۇپ، ئۇ پەقەت تۈرك ئەدەبىياتى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىنىڭ مەدە...



     

        ئەۋلىيا چەلەبى تۈرك ئەدەبىياتىدا ساياھەتنامىسى بىلەن شۆھرەت قازانغان بىر يازغۇچى ۋە سەيياھ بولۇپ، ئۇ پەقەت تۈرك ئەدەبىياتى ۋە تۈرك مەدەنىيىتىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىياتىمۇ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇلۇغ كىشىدۇر.

    .......................................................................................

        ئەۋلىيا چەلەبى 1611- يىلى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلگەن، ئاتىسى مەھمەت زىللى ئەپەندى ساراينىڭ زەگەر بېشى ئىدى. ئەۋلىيا چەلەبى ياخشى تەلىم –تەربىيە ئىگىلىگەن بولۇپ، بىلىنەر –بىلىنمەس كىكەچ بولسىمۇ، ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى ۋە ھازىر جاۋابلىقى بىلەن پادىشاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆز دەۋرىنىڭ كۆپلىگەن دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان.

        ساياھەت قىلىش ئۈچۈن بارغان ھەر قانداق يەردە ھۆرمەت ۋە ئالاھىدە قىزىقىش بىلەن قارشى ئېلىنغان، شۇنداقلا بارلىق قولايلىقلار يارىتىپ بېرىلگەن. ھاياتىنىڭ ئەللىك يىلى ساياھەت بىلەن ئۆتكەن. ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ ساياھەت قىلغان يەرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك خاتىرىلىرى، بەزىدە ناھايىتى ئىنچىگە نۇقتىلارغىچە ئىچكىرلىگەن مەلۇماتى ۋە بۇ مەلۇماتلارنى ئادەمنى زىرىكتۈرۈپ قويماستىن، قىزىقارلىق شەكىلدە ئىپادىلىيەلىشى ئۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

       ئەۋلىيا چەلەبىدە ياشلىق مەزگىلىدىلا ساياھەت قىلىش، دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر، يارىتىلغان مەدەنىيەتلەر، بىناكارلىق ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش ئارزۇسى ئويغانغان. ئاتىسىنىڭ قانۇنى دەۋرىدىن بويان كۈن كۆرگەن بىر كىشى بولۇشى، ئاتىسىنىڭ سۆھبەتخومار دوستلىرىنىڭ قىسسىلىرى، ئۇنىڭدىكى ئىنسانلارنى كۆرۈش، تونۇشۇش ھەۋىسىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگەن.

         بىر مۇددەت بۇ پىكرىنى قانداق قىلسا روياپقا چىقىرالايدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ يۈرگەن ئەۋلىيا چەلەبى، ئاشۇرا كېچىسى چۈشىدە يەمىش پورتىدىكى ئاھى جامەسىدە كۆپلىگەن جامائەتنىڭ ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەنمىش ۋە قېشىغا بېرىپ «شەفائەت يا رەسۇلەللاھ» دەيمەن دەپ، ھاياجانلىنىپ كېتىپ «ساياھەت يا رەسۇلەللاھ» دەپ سالغانمىش. پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالاممۇ تەبەسسۇم قىلغان ھالدا، شۇ كىچىسى ھەم شاپائىتىنىڭ خوشخەۋىرىنى ھەم ساياھەتنى ئىھسان قىلغانمىش. ئۇ يەردىكىلەرنىڭ ئارىسىدىكى سەئد بىن ئەبۇ ۋەققاس بارغان جاي ۋە كۆرگەن نەرسىلىرىنى يېزىشنى تەۋسىيە قىلغانمىش.

         ئۇيقۇدىن تۇرغاندىن كېيىن قىلغان بىرىنچى ئىش چۈشىنى ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر چۈش تەبىرچىلىرىدىن قاسىم پاشا مەۋلاخانەسى شەيخ ئابدۇللاھ دەدەگە ئېيتىپ بېرىدۇ. دەدە بۇ گۈزەل چۈشكە ياخشى تەبىرلەرنى بەرگەندىن كېيىن، «باشتا بىزنىڭ ئىستانبۇلچىقىمىزنى تەھرىر ئەيلە» دەپ تەۋسىيە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بارلىق كىرىش –چىقىشلارنى تەككە (رابات) لەردىن مەيخانىلارغىچە، چوڭلارنىڭ سۆھبەتلىرىدىن مەدداھلارنىڭ مەيخانىلىرىغىچە بولغان ئىستانبۇلغا تەۋە بارلىق جايلارنى ئايلىنىپ چىقىدۇ؛ دىن ۋە مەدەنىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك جامە، مەسچىت، مەدرەسە قاتارلىق... بارلىق قۇرۇلۇش ۋە ئورگانلارنى ، چاسا –بازارلارنى، ساز ۋە سۆز دۇنياسىنى، دېڭىز ئارمىيە پائالىيەتلىرىنى، مەدداھلارنى، سازەندىلەرنى، ھاراق ۋە مەست قىلغۇچى ماددىلارنى، كۆڭۈل ئېچىشقا ھەۋەسمەن كىشىلەرنى ۋە «ھوپپا چەلەبىلەر» نى بارلىق تەپسىلاتلىرى بىلەن بايان قىلىدۇ. ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن (1640- يىلى) ئىستانبۇلنىڭ سىرتىدا ساياھەت قىلىشنى باشلايدۇ. چوڭ –چوڭ پورتلاردا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ھەر خىل دۆلەت ئەربابلىرى بىرگە سەپەرلەرگە چىقىپ، مەكتۇب ئېلىپ كېلىپ ياكى ئۆز ئالدىغا يولغا چىقىپ، ئىمپېراتورلۇقنىڭ يېقىن –يىراق كۆپلىگەن شەھەر ۋە ئۆلكىسىنى يەنى بۇرسا، ئىزمىت، ئىزمىر، ترابزون، ئەرزۇرۇم، سىۋاس، ۋان، دىيارباقىر، بىتلىس ۋە باشقىلار؛ شۇنداقلا سۈرىيە، پەلەستىن، ئىراق، ھىجاز، مىسىر، سۇدان، رۇمئەلى، بالقان ئەللىرى، يەنە چەت دۆلەتلەردىن ئىران، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، كاۋكازىيە، قىرىم، ۋىنگىرىيە، ئاۋستىرىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، لەھىستان، شىۋېتسىيە، رۇسىيە، گىرېتسىيە، ئالبانىيە، گىرت ۋە باشقا ئەللەرنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. قاچان ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە جەزملەشكەن مەلۇمات يوق. كىتابىنىڭ ئاخىرقى جىلدىدا، 1682- يىلى يۈز بەرگەن بەزى ۋەقەلەرنىڭ بايان قىلىنغىنىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ شۇ يىلدىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ۋاپات بولغان يېرىمۇ تازا ئىنىق ئەمەس.

    .......................................................................................

         ئەۋلىيا چەلەبى ئەللىك يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ساياھەتلىرى ئەسناسىدا كۆرگەن بارلىق نەرسىلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەسىرى جۇغراپىيە، تارىخ، فولكلور، تىل، ئېتنوگرافىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەر ئۈچۈن مۇھىم بىر مەنبە بولۇپ كەلمەكتە. كىتابتا 17- ئەسىر خەلق ھاياتىنىڭ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئۆزى بىۋاسىتە كۆرگەن ئىشلارنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، بەزى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ پايدىلانغان؛ بىر قىسىم قانۇننامىلەر، تىزىملىكلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەھمەد يەسەۋى، سارى سالتۇق، ئەمىر سۇلتان مەنقىبەلىرى دېگەندەك بىر قاتار مەناقىبنامە ۋە ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋەلايەتنامىسىگە ئوخشاش ۋەلايەتنامىلەرنى كۆرگەن، مەشھۇر كىشىلەرنىڭ تەرجىمەھاللىرىنى ئوقۇپ چىققان.

         ئەۋلىيا چەلەبى ئەسىرىنى گويا سۆزلەۋاتقاندەكلا ئاددىي بىر خىل تىلدا يازغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە پات –پات چەت تىللارغا ئائىت سۆز ۋە گىرامماتىكا قائىدىلىرى ئۇچراپ تۇرسىمۇ، سۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ سۆزلەر ئەسەرنى چۈشىنىشتە قىيىنچىلىق تۇغدۇرمايدۇ. ئۇنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە، بولۇپمۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، ۋەقەلەرنى ھېكايە قىلغاندا ئادەمدە قىزىقىش قوزغىغۇدەك دەرىجىدە ناھايىتى يۇقىرى ماھارەت ئىشلىتىلگەن. مۇبالىغە بايانلارغا دېگەندەك كۆپ ئورۇن بېرىلمىگەن.

        ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ «ساياھەتنامە» ناملىق ئەسىرى چوڭ –چوڭ 10 جىلدتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، 1896 بىلەن 1928- يىللىرى ئارىسىدا ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان. كېيىنكى يىللاردا، ئەسەرنىڭ قىسقارتىلغان بەزى نۇسخىلىرىمۇ نەشىر قىلىندى. بۇ ساياھەتنامە پەقەت بىز ئۈچۈنلا ئەمەس، ھازىرقى كۈندە سانى قىرىققا يېقىنلىشىپ قالغان دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخىي ئۈچۈن مەنبە بولۇش رولىنى ئوينىماقتا.

       10 جىلد قىلىپ تەييارلانغان «ساياھەتنامە» دە شىۋېتسىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. بۇنىڭدىن باشقا ئەزەربەيجان، قىرىم، ئىران، سۈرىيە، مىسىر، سۇدان، ھەبەشىستاندىكى ۋەقەلەر، ئىنسانلار، ئىجتىمائىي ھايات، تارىخىي ئەسەرلەر، تاماقلار، ناخشا –مۇزىكا، كىيىم –كېچەك، ئەپسانىلەرگىمۇ ئورۇن ئاجرىتىلغان.

    .......................................................................................

       تۆۋەندە دىققىتىڭلارغا ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ «ساياھەتنامە» سىدىن ئارىيە سۇنىمىز:

       ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى...

       يەر يۈزىدە تۇنجى بولۇپ ئولتۇرغان ئىنسان ئادەم سافىدۇر. ئۇنىڭ  ئەۋلادلىرى ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى تارقىلىپ، يەر يۈزىنى ئىنسان ئەۋلادى بىلەن قاپلىدى. لېكىن مىللەتلەرنىڭ سىنىپلىرى ئۈستىدە مۇئەررىخلەر (تارىخچىلار) ئارىسىدا ناھايىتى زور ئوخشىماسلىقلار مەيدانغا كەلگەن. رۇم (ئانادولۇ، تۈركىيە) ئاھالىسى ئەسلىدە ئىسھاق ئوغلى ئەيسنىڭ ئەۋلادلىرىدىندۇر. توغرا بىر رىۋايەت بىلەن ياپەسكە تۇتىشىدۇ. ياپەس ئەيسنىڭ ئاتىسى بولۇپ، بارلىق رۇم قەبىلىلىرى ئۇنىڭدىن كېلىپ، رۇم ئۆلكىسىگە ئورۇنلاشقان. رۇم دىيارىغا تۈرك پادىشاھلاردىن بىرىنچى بولۇپ قەدەم باسقانلار سەلجۇقىيلاردۇر. 476- يىلى (1083- يىلى 21- ماي –1084- يىلى 9- ماي) دانىشمەندلى بەگلىرى بىلەن بىرلىك ئورناتقان مالاتيا، قەيسەرى، ئالانيا، ئانتاكيا، قارامان ۋە كونيانى ئانادولۇنىڭ يۇنان قەيسەرلىرىنىڭ قولىدىن ئېلىپ، مۇستەقىل پادىشاھ بولدىلار.

        ئوسمان ئوغۇللىرىنىڭ نەسىللىرى ماۋەرائۇننەھىردىندۇر. 699 (1299) –يىلى سەلجۇقىيلار يىمىرىلدى. ئىلگىرى تۇران ئۆلكىسىنىڭ ماھان شەھىرىنىڭ بەگلىرىدىن سۇلايمان پاشا ۋە ئەرتۇغرۇل بەگ رۇم ئۆلكىسىگە؛ سەلجۇقىيلاردىن سۇلتان ئالائۇددىننىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بەگلىرىدىن بولدى. ئەتراپتا كۆپلىگەن يەرلەرنى پەتھى قىلغان سۇلتان ئالائۇددىن ۋاپات بولغاندا، ئۆلكە ئاقساقاللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەدبىرىگە ئاساسەن ئەرتۇغرۇل مۇستەقىل بەگ بولدى. خۇتبە ساھىبى بولۇپ، سىككە (پۇل) ساھىبى بولماي تۇرۇپلا سۆگۈتچۈك دېگەن يەردە ئالەمدىن ئۆتتى.

        ئوغلى ئوسمان، «ئولا ئوسمان» سۆزى تارىخىدا مۇستەقىل ھالدا سىككە ۋە خۇتبە ساھىبى پادىشاھ بولۇپ، باشتا دۇرسۇن فەقىھ دېگەن تونۇلغان ئىمام، ئوسمان غازىنىڭ نامىغا خۇتبە ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن كېيىن كىچىك ئوسمان گەرمىيان دىيارىنى ئىستىلا قىلدى.

        ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ئورھان غازى مۇستەقىل بەگ بولدى. بۇنىڭ زامانىدا يەتمىش يەتتە ئۇلۇغ ئەۋلىيا ئۇ يەردە، پەيغەمبەرنىڭ بايرىقى ئاستىدا ھازىر بولۇپ، ھىممەتلىرى بىلەن كۆپلىگەن جايلارنى پەتھى قىلدى.

         يەنە بۇنىڭ پادىشاھلىقى زامانىدا ئۇلۇغ ئاتىلىرىمىزدىن تۈرك خوجا ئەھمەد يەسەۋى ھەزرەتلىرى، خوراساندا خەلىپىسى بولغان ھاجى بەكتاشى ۋەلىنى 300 دەرۋىشى بىلەن سەججادە ساھىبى قىلىپ، كىچىك داپ، قۇدۇم ۋە بايراق بەردى، نەزەر قىلدى. بۇلار كېلىپ ئورھان غازى بىلەن ئۇچراشتى. بۇرساغا بېرىپ پەتھى قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىشقا ئورۇندى. 758- يىلى (1357) ئورھان غازى ئوغلى سۇلايمان بەگ 70 ئۇلۇغ ئەۋلىيانىڭ ۋە ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ ئىزنى، پىكرى ۋە تەدبىرى بىلەن قارا مۇرسەل، قارا كوجا، قارا يالۋا، قارا بىگا، قارا سىغلا ئىسىملىك قىرىق قارا باھادىر بىلەن بىرلىشىپ، تۇلۇمدىن كېمىلەرنى ياسىدى. قىرىق كىشى كېمىلەر بىلەن دېڭىزنى كېسىپ ئۆتۈپ رۇم دۆلىتىگە قەدەم باستى. بەسمەلە (بىسمىللاھ) بىلەن گۇلباغى مۇھەممەدنى توۋلاپ، ئاتلىرىنى چىقاردى. تۆت تەرەپنى بولاپ، جۈمە كۈنى ئىپسالا قەلئەسىنى پەتھى قىلدى. جۈمە نامىزىنى ئۇ يەردە ئوقۇغانلىقلىرى ئۈچۈن «ئىبتىدا سالا» نى بۇزۇپ، ئىپسالا دەپ ئاتىدى.

         ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلگار بىلەن گەلىبولۇ قەلئەسى پەتھى قىلىندى. ئۇ يەردىن تەكفۇر تېغى ۋە سىلىۋرى دەرۋازىسىغىچە بولغان جايلارغا كېچىلىرى باستۇرۇپ كېرىپ، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆلجا ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەسىرگە ئالدى. بۇنچىلىك غەنىمەت بىلەن بۇرساغا كىرگەندىن كېيىن، بارلىق ئىسلام ئەسكىرىنىڭ تامغىقىدا بۇ ئىشنىڭ لەززىتى قېلىپ، قانچە قېتىملاپ كېمىلەر بىلەن رۇم تەرىپىگە ئۆتتى. قانچە يۈز يېزا، مەھەللە ۋە قەلئەنى پەتھى قىلىپ، ھەر قېتىمىدا ئىستانبۇلنىڭ ئەتراپىدىكى كاپىرلارنى ئەسىر ئالاتتى ۋە قولغا چۈشۈرگەن گۈزەل قىزلارنى نىكاھلاپ كۆڭۈللىرىنى ئاچاتتى.

        761- يىلى (1359- يىلى 23- نويابىر –1360- يىلى 10- نويابىر) دا غازى خوداۋەندىگار پادىشاھ بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇم دۆلىتىگە بۈيۈك بىر قوشۇننى يۈرۈش قىلدۇردى. ئالدى بىلەن، ئالائۇددىن سۇلتان ۋە ھاجى بەكتاشى ۋەلى ھىممەت قىلغان ئىستانبۇلنى پەتھى قىلىش ئۈچۈن، باشتا تۆت تەرىپىنى قولغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلغان غازى بىرىنچى مۇرات ئۆزى بىۋاسىتە  مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى بىلەن بېرىپ، ئەدىرنە قەلئەسىنى ئەدىرنە تەكفۇرى (خىرىستىيان ۋالىيسى) نىڭ قولىدىن ئالدى. ئانادولۇدىكى مۇسۇلمانلار ئەدىرنە ئەتراپىغا توشۇپ كەتتى. تەكفۇرلار ئىستانبۇلدىن چىقالمايدىغان بولۇپ قالدى.

         تەڭرىنىڭ تەقدىرى بىلەن غازى خۇداۋەندىگار يەتتە قېتىم يۈز مىڭ كاپىر بىلەن رۇمئەلىدىكى ۋۇچەترەن قەلئەسىنىڭ ئېتىكىدە –كوسوۋا دەپ ئاتىلىدىغان ۋادىدا ئۇرۇشۇپ، دۈشمەننى يەڭدى. لېكىن ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ ئۇرۇش مەيدانىنى ئايلىنىۋاتقان ئەسنادا، ئۆلۈكلەر ئارىسىغا يۇشۇرۇنىۋالغان ۋىلاشكوبىلە ئىسىملىك بىر كاپىر تەرىپىدىن خەنجەر بىلەن شېھىت قىلىندى. ئۇ مەلئۇننىمۇ ئۇ يەردە پارچە –پارچە قىلىۋەتتىلەر، ئىسلام غازىلىرى كۆپلىگەن غەنىمەت بىلەن ئەدىرنەگە كەلدى. يىلدىرىم بەيازىت خان تەختكە چىقتى. ئاتىسىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن كافىرىستانغا چاقماق مىسالى قىلىچ ئۇردى.

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.