قول ئىشى ئەسەبىيلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-05-13 18:35:10

توقۇمىچىلىق قاتارلىق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش ھەرىكەتلىرى ئەسەبىيلىشىشكە تاقابىل تۇرالايدىغان بىر خىل تەبىئىي تەدىبىر، ئۇ ئادەمنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، چوڭ مىڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، ھەتتا يارىلانغاندىن كېيىنكى سېزىم توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىنى داۋ

    قول ئىشى ئەسەبىيلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
    ئادەم قول ئىشىنى كۆپ قىلسا، خۇشاللىق تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «توقۇمىچىلىق قاتارلىق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياساش ھەرىكەتلىرى ئەسەبىيلىشىشكە تاقابىل تۇرالايدىغان بىر خىل تەبىئىي تەدىبىر، ئۇ ئادەمنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىپ، چوڭ مىڭىنىڭ قېرىشىنى كېچىكتۈرىدۇ، ھەتتا يارىلانغاندىن كېيىنكى سېزىم توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىنى داۋالاش ئۈنۈمى زور بولىدۇ».
    تەتقىقات دوكىلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: «توقۇمىچىلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ سالامەتلىككە بېرىدىغان پايدىسى ئىنتايىن چوڭ ئىكەن، ئۇ چوڭ مىڭىنىڭ دوپامىن (ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان بىر خىل نېرۋا ئامىلى) نى كۆپلەپ قويۇپ بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەسەبىيلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 3500 دىن كۆپرەك ئاغرىقنى سىناققا قاتناشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن %81 ئادەمنىڭ ئەسەبىيلىشىش ئالامىتى ياخشىلانغانلىقى، يېرىمدىن كۆپرەك ئادەمدە خۇشاللىق تۇيغۇسى كۈچەيگەنلىكى بايقالدى».
    مۇتەخەسىسلەر مۇنداق تەھلىل قىلدى: «بۇ قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدىكى قايتىلىما ھەرىكەت پاراسىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسىنى جانلاندۇرۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى ‹كۈرەش قىلىش ھەم قېچىپ كېتىش› كە قايتۇرىدىغان ئىنكاسنى يوقىتىشى مۇمكىن. قول ئىشلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى چوڭ مىڭىنىڭ خۇشاللىقتىن ھۇزۇرلىنىش جەريانىنى قوزغىتىپ، بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمىنى ياراتسا كېرەك».
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus   
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قول ئەسەبىيلىشىش