«تىيانشان» دىگەن نام ھەققىدە

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-21 01:23:48

«تىيانشان» دىگەن نام ھەققىدە (قۇربان ۋەلى) <<تىيانشان>>دېگەن نام تۈركىي تىللارغا خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن.بۇ نام خەنزۇ تىلىدا بولسا قەدىمكى تۈركىي تىللاردىكى"تەڭرى"دېگەن سۆزنى ئەسلىى تەلەپپۇزى بويىچ...

    «تىيانشان» دىگەن نام ھەققىدە

    (قۇربان ۋەلى)

     

       <<تىيانشان>>دېگەن نام تۈركىي تىللارغا خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن.بۇ نام خەنزۇ تىلىدا بولسا قەدىمكى تۈركىي تىللاردىكى"تەڭرى"دېگەن سۆزنى ئەسلىى تەلەپپۇزى بويىچە قوللىنىش ياكى مەنىسىنى تەرجىمە قىلىپ قوللىنىش يولى ئارقىلىق شەكىللەنگەن.تىيانشاننىڭ ئەسلىدىكى نامى"تەڭرىتاغ"ئىدى.بۇنىڭ ئىسپاتلىنىشى تۆۋەندىكچە:
    تەڭرىتاغنىڭ قەدىمكى نامى مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅢئەسىردىن مىلادىⅨⅩئەسىرگىچە بولغان2000 يىللىق ئۇزۇن تارىخىي دەۋر جەريانىدىكى خەنزۇچە تارىخىي كىتابلار ۋە يازما خاتىرىلەردە ئۇچىرايدۇ.مەسىلەن:غەربىي ۋە شەرقىي خەن سۇلالىلىرى دەۋرى(مىلادىدىن بۇرۇن206 -،مىلادى220 -يىللار)دىكى كىتابلاردا بۇ تاغ"بېيشەن"(北山)دەپ يېزىلغان. ۋېي-جىن،جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى(مىلادى220-589-يىللار)دىكى كىتابلاردا "تەنخەنشەن"(贪汗山)دەپ يېزىلغان.سۈي-تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرى(مىلادى581-907-يىللار)دىكى كىتابلاردا"بەيشەن"(白山)،"شىلومەنشەن"(析罗曼山)،"ئاخېتىيەنشەن"(阿褐天山)،"تىيەنشەن"(天山)قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتالغان.سوڭ،يۈەن،مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرى(مىلادى960-1644-يىللار)دىكى كىتابلاردا"تىيەنشەن"دەپ ئاتىغاندىن باشقا يەنە"تەڭرىتاغ"(腾乞里塔)دەپمۇ ئاتىغان.چىڭ سۇلالىسى دەۋرى(مىلادى1644-1911-يىللار)دا بولسا
        "تىيەنشەن"(天山)دېگەن نام ئاساسەن ئومۇمىيلاشتۇرۇلغان ۋە تۈركىي تىللارغىمۇ شۇ تەلەپپۇز  بويىچە قۇبۇل قىلىنىپ،شۇنىڭدىن كېيىن تەدىرجىي ھالدا خەنزۇ تىلى بىلەن تۈركىي تىللاردا ئورتاق قوللىنىلىدىغان نام بولۇپ قالغان.
    تەڭرىتاغنىڭ قەدىمدە بىر-بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەلەپپۇزلار بىلەن ئاتىلىشى دەل شىنجاڭنىڭ قەدىمكىي ھەرقايسىي تارىخىي دەۋرلەردىكى تارىخىي ئۆزگىرىش ئەھۋالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاندى.
    تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان"جۇغراپىيىلىك تەپسىرات"دېگەن كىتابتا"تارىخنامە.لى گۇاڭلى تەزكىرىسى"گە جېڭ يى،سويىنلار تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىزاھاتلار نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: "بېيشەن"(北山) دىن قىشمۇ-ياز قار كەتمەيدۇ،ھونلار ئۇنى تىيەنشەن(天山)دەپ ئاتايىتتى"دېيىلگەندى

    .
       ھونلارنىڭ تىلى دەپ ئاتالغان بىر مۇنچە سۆزلەر مەشھۇر خەنزۇ تارىخچىسى،ئەدىب سىماچىيەننىڭ"تارىخنامە.ھون تەركىزىسى"سىدىمۇ خاتىرلەپ ئۆتۈلگەندى.ئۇنىڭدا:"ھونلار تىيەن(天مەنىسى تەڭرى،ئاسمان)دېگەن سۆزنى撑犁دەپ ئاتايدۇ"دېيىلگەن.بۇ 撑犁دېگەن خەتلەرنىڭ قەدىمكى خەنزۇ تىلىدىكى تەلەپپۇزىtengliئىدى.بۇ دەل ھونچە"تەڭرى"دېگەن سۆزنىڭ بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە خەنزۇچە خەت بىلەن ئىپادىلىنىشى ئىكەنلىكىدە شەك يوق.دېمەك،ھونلار مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅢئەسىرلەردە تەڭرىتاغنى دەل "تەڭرىتاغ"دەپ ئاتىغان.
    "تارىخنامە"ۋە "خەننامە"لەردە تەكلىماكاننىڭ شىمالىدىكى تەڭرىتاغ"بېيشەن"(北山 مەنىسى شىمالىي تاغ)،جەنۇبتىكى قارا قۇرۇم تاغلىرى"نەنشەن"(南山مەنىسى جەنۇبىي تاغ)دەپ خاتىرىلىنىپ قېلىشى تامامەن ئەينى زاماندىكى سەيياھلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمى ۋەجىدىن بولغاندى.
    ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى ناملار،مەسىلەن،"تەنخەنشەن"(贪汗山)دېگەن سۆز قەدىمكى تۈركچە"تەڭرىخانتاغ"دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە خەت بىلەن تەرجىمە ئارلاشقان ترانسكرپىسىيە قىلىنىشى ئىدى. "ئاخېتىيەنشەن"(阿褐天山)دېگەن سۆز تۈركچە"ئاق تەڭرىتاغ"دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە خەت بىلەن تەرجىمە ئارلاشقان ترانسكرپىسىيە قىلىنىشى ئىدى. (白山 مەنىسى ئاق تاغ)دېگەن سۆز تۈركچە"ئاق تاغ دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى ئىدى.
        يۇقىرىدىكى بايان ۋە مۇلاھىزىلەر بىزنى تەڭرىتاغنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخىي كىتاب ۋە خاتىرىلەردە قەيت قىلىنغان ھەرخىل ناملىرى،مەيلى ئۇنىڭ تەلەپپۇزى بىر-بىرىدىن قانداق پەرقلىنىدىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر،تېگى-تەكتىدىن ئېيىتقاندا،ھونچە"تەڭرى"(مەنىسى ئىلاھ)دېگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك،دېگەن ئۇقۇمغا ئىگە قىلىدۇ.بۇ ھەم تارىخىي پاكىتقا ئۇيغۇن كېلىدۇ.چۈنكى مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅢئەسىرنىڭ ئالدى-كەينىدە تەڭرىتاغ رايونى ھون ئېمپىرىيىسىنىڭ دائىرىسىدە ئىدى.شۇنداقلا،
           شۇنىڭدىن كېيىنكى2000يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان بۇ رايوندا ھون،تۈرك،ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر مۇتلەق ئاساسىي ئاھالە بولۇپ ياشاپ كەلدى.
    يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن خەەنزۇچە تارىخىي خاتىرىلەردىكى شىلومەن-"شىرامان"دېگەن سۆز بىزگە بۇنىڭدىن تېخىمۇ بۇرۇنقى(مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅢئەسىردىن بۇرۇنقى)دەۋرلەرنى ئەسلىتىدۇ.
    "شىرامان"قەدىمدە تارىم ۋادىسىدا ياشاپ ئۆتكەن ئالەمشۇمۇل مەرىپەت ياراتقان ئەجدادلىرىمىز-ئارىيانلارنىڭ تىلى بولۇپ،بۇ سۆز"شىر"دېگەن سۆز تومۇرى(مەنىسى يۈرۈش)دىن ياسالغان.ئەينى زاماننىڭ ئەھلى-ئىلىملىرى "شىرامان"دەپ ئاتىلاتتى.ئۇلار شەھەرمۇ-شەھەر،قەلئەمۇ-قەلئە ساياھەت قىلىپ يۈرۈپ،دىنىي-ئىلمىي تەرغىبات بىلەن شۇغۇللىناتتى.كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قارلىق تاغلاردا ئىستىقامەت قىلاتتى.ئەينى زامانلاردا تەڭرىتاغ ئۇلارنىڭ ئىستىقامەت قىلىدىغان تېغى بولغاچقا،ئۇ"شىرامان تاغ"دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن. 


            كېيىنكى دەۋرلەردە،يەنى بۇددىزىم شىنجاڭدا ئەۋج ئالغاندىن كېيىن،ئاۋۋىلىسىدا"تەڭرى"دېگەن ئىلاھقا چوقۇنىدىغان شىرامانلار بۇددىزىم دىندارلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىپ قالغاندى.بۇ دەۋرلەردە "شىرامان"دېگەن سۆز"قەلەندەر"دېگەن مەنىسىدە چۈشىنىلەتتى.دېمەك،تەڭرىتاغنىڭ ئەينى زاماندىكى"شىرامان تاغ"دېگەن نامىمۇ بۇ دەۋرلەردە يەنىلا بەزى تارىخىي خاتىرىلەردە ساقلىنىپ قالغان.
    "تەڭرى"دېگەن ئۇقۇم قەدىمدە تەڭرىتاغ ئەتىراپلىرىدا ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر جەريانىدا تەڭرىتاغنى ئۆزلىرىگە"تەبئىي ئىلاھ"قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتىك .بۇنىڭ ئىسپاتلىنىشى تۆۋەندىكىچە:
           تەڭرىتاغ ئوتتۇرا ئاسىيا تاغ تىزمىلىرىغا كىرىدۇ.ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى2500كېلومېتر،كەڭلىكى 250-300كېلومېتر كېلىدۇ.گېئولوگلارنىڭ ئۇنىڭدا پالئوزويىك دەۋرنىڭ قاتلاملىرى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىققانلىقىدىن قارىغاندا،ئۇ بۇنىڭدىن 500مىلىيون يىل بۇرۇن شەكىللەنگەن.تەڭرىتاغنىڭ ئۈستىدە نۇرغۇن مۇزلۇقلار،قارلىقلار بار.ئۇنىڭ قات-قېتىدا بىھېساب مەدەن-بايلىقلىرى ساقلىنىپ ياتىدۇ.تاغ ئارىسى ۋە ئېتەكلىرىدە نۇرغۇن چوڭ-كىچىك يايلاقلار بار.
    بۇ ھەيۋەتلىك تاغنىڭ جەنۇب تەرىپىدە تارىم ئويمانلىقى،شىمال تەرىپىدە جۇڭغارىيە ئويمانلىقى،شەرق تەرىپىدە تۇرپان ئويمانلىقى،شەرب تەرىپىدە پەرغانە ئويمانلىقى قاتارلىق ئويمانلىقلار بار.ھەربىر ئويمانلىقتا يەنە نۇرغۇن كىچىك بوستانلىقلار بار.
           بۇلارنىڭ ھەممىسى تەڭرىتاغنىڭ قار-مۇزلىرى ياكى يەر ئاستى سۈيىنى ئاساسىي سۇ مەنبەسى قىلىپ ياشىرىپ تۇرىدۇ.تەڭرىتاغ رايونىدىكى ھەربىر جاينىڭ تەبئىي شارائىتى،ئىقلىمىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەر بار.مەسىلەن،بەزىلىرى قۇملۇق،بەزىلىرى سازلىق،بەزىلىرى شېغىللىق...ئۇنىڭ ئۈستىگە دەريا-ئېقىنلىرىنىڭ يۆنىلىشىمۇ ئوخشاش ئەمەس.شۇڭا جايلارنىڭ ھاۋا كېلىماتى ۋە مەنزىلىرىمۇ بىر-بىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
    قەدىمدە تەڭرىتاغنىڭ ئەتراپلىرىدا ئارىيانلار،ساكلار،ئۇسۇنلار،توخرىلار،ھونلار،قاڭقىللار(ئېگىز ھارۋىلىقلار)،سوغدىلار،تۈركلەر(بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئېتنىڭ مەنبەلىرىدۇر)تاغ بېغىرلاپ،دەريا بويلاپ،پەسىلگە قاراپ يايلاق تاللاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى.ئۇلارنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغىمۇ4000يىلدىن ئاشتى.
    تارىخىي خاتىرىلەردە بايان قىلىنىشىچە،ئۇلارنىڭ ھەممىسى"تەڭرى"دېگەن ئىلاھقا چوقۇناتتى.ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھاياتلىقى تەڭرىتاغ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،ئۇلار تەڭرىتاغنىڭ ئۆزىنى بىر ئىلاھ،ئەڭ غالىب،بىردىنبىر تەقدىر بەلگىلۈگىچى،ھاياتلىقنى ھەرخىل مەنبە بىلەن تەمىنلىگۈچى دەپ چۈشەنگەن.شۇڭا بۇ تاغقا"تەڭرى"دېگەن سۆزنى قوشۇپ ئاتىغان.


           يېقىنقى يىللاردىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە،تەڭرىتاغنىڭ غەربىدىكى تاشقورغان،شەرقىدىكى ئالغۇي قاتارلىق جايلاردىن تېپىلغان مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅤ-Ⅲئەسىرلەرگە تەئەللۇق ساپال قاچىلارنىڭ گۈل نۇسخىلىرىدا تەتۈر vشەكىللىك(يەنى تاغ شەكلى)سىزىلمىلار كۆپ ئۇچىرىدى.بۇ ئەينى دەۋرلەردە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەڭرىتاغقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ گۈزەل سەنئەتتىكى ئىپادىلىنىشىدۇر.
    ئۇيغۇر تىلىدا ئۇنىىڭ"خانتەڭرى"دەپ ئاتىلىپ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىللاردا داستان قىلىنىشىمۇ،دەل ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان تەڭرىتاغقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ راۋجى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تارىخىي تىل ماتېرىياللىرى ۋە بۇ ھەقتە ئېلىپ بېىرلغان مۇلاھىزىلەر ئارقىلىق مۇنداق يەكۈن ھاسىل بولىدۇ:تەڭرىتاغنىڭ ھازىرقى تىلىمىزدىكى "تىيانشان"دېگەن نامى تۈركىي تىللارغا خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن،خەنزۇ تىلىدا بولسا قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى"تەڭرىتاغ"دېگەن سۆزدىن ترانكسپرسىيە ۋە تەرجىمە ئارقىلىق شەكىللەنگەن.تۈرك تىلىدىكى ئەسلى نامى بولسا ئۇنىڭدىن ئىلگىىركى دەۋرلەردىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەڭرىتاغنى ئۆزلىرىنىڭ ھاياتلىقىغا مەنبە بەخىش ئېتىپ تۇرغان تەبئىي ئىلاھ،دەپ چۈشەنگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ"تەڭرى"دەپ ئاتىغانلىقىدىن پەيدا بولغان.
    1981-يىل7-ئاي بېيجىڭ.
    (بۇ ماقالىنىڭ دەسلەپكى ئورگىنالى ئۇيغۇرچە"شىنجاڭ گېزىتى"نىڭ1981-يىل8-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تىيانشان تەڭرىتاغ