كومپيۇتېرچىلار كېسەللىرى

يوللىغۇچى : ayturk يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-23 15:18:00

كومپيۇتېرچىلار كېسەللىرى كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولىشى سالامەتلىككە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر كۆپىنچە ھاللاردا تۆۋەندىكىدە بىر قانچە خىل كې...

    كومپيۇتېرچىلار كېسەللىرى

    كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولىشى سالامەتلىككە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇزۇن ۋاقىت كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەر كۆپىنچە ھاللاردا تۆۋەندىكىدە بىر قانچە خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ.

    1. سەمىرىپ كېتىش .
    ئۇزۇن مۇددەت كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغانلاردا ھەرىكەت ئاز بولغانلىقتىن، كۈندۈلۈك ئستىمال قىلغان يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى مايلار بەدەندە ئېرىمەستىن، قوساق ئاستى قىسىمى ۋە بەلگە يىغىلىپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن كاۋىسىمان سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    2. پاقالچاق ۋېناسى ئەگرى- بۈگرى كېڭىيىپ كېتىش
    ئۇزۇن مۇددەت ھەرىكەت كامچىل بولۇش سەۋەبىدىن، پاقالچاق ۋېناسى بېسىمغا ئۇچراپ ئەگرى- بۈگرى كېڭىيىپ كېتىدۇ ۋە بەزىدە توسۇلۇپمۇ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قاننىڭ ئېقىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈرەك ھەرىكىتى نورمالسىز بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا يۈرەك كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ.

    3. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى
    كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرغانلارنىڭ بويۇن ئومۇرتقىسى دائىم بىر خىللا ھالەتتە تۇرغانلىقتىن، بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىگى ئۆسۈپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆسۈپ قالغان بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىگى نېرىپلارنى بېسىۋالغانلىقتىن، مۇرە سۆڭەك بوشلۇغى ياللۇغى، قول ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغانلارنىڭ تۇرمۇشىغا خېلىلا زور دەرىجىدە توسالغۇ ئېلىپ كېلىدۇ.بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىگى ئۆسۈپ قالسا يەنە مېڭە قان تومۇرلىرى ۋە نېرىپلىرىنى بېسىۋېلىپ، مىڭىگە قان يېتىشمەسلىك ۋە باشقا ئەزالارنىڭ ھەركىتىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم باش ئاغرىش، باش قېيىش، تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

    4. بەل ئومۇرتقىسى پولتىيىپ چىقىش
    ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر خىل ھالەتتە ئولتۇرۇش ۋە ھەددىدىن زىيادە چارچاش قاتارلىقلار بەل ئومۇرتقىسىنىڭ شەكلى ئۆزگۈرۈپ كېتىش، ئومۇرتقا سۆڭەكلىرى قىسىلىپ قېلىش، ئېلاستىكىلىغىنى يوقۇتۇش، بەل ئومۇرتقا سۆڭىگى پولتىيىپ چىقىش، نېرىپلارنى بېسىۋىلىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرۋىسى بېسىلىپ قالسا، ئولتۇرغۇچ سۆڭەك نېرىپى ئاغرىش، بەل ئاغرىش، پاقالچاق ئاغرىش ۋە ھەرىكەت توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.

    5. نېرۋا ئاجىزلىقى
    ئۇزۇن مۇددەت كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرغۇچىلاردا ئېغىر دەرىجىدىكى نېرۋا ئاجىزلىقى كېلىپ چىقىدۇ. يەنى كەيپىياتى تۇراقسىز بولۇش، ئاسان تېرىكىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، بېشى قېيىش، بېشى ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئۇنۇتقاقلىق قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ.

    6. كۆز كېسەللىگى
    كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن مۇددەت ئولتۇرغاندا، كۆرۈش ئارلىقى نىسبەتەن يېقىن بولۇش سەۋەبىدىن، كۆز ئالمىسى مۇسكۇلى يىغىلغان ھالەتتىلا تۇرىۋېرىپ، كۆز كىرىستال تەنچىسى كۆپۈپ چىقىپ قالىدۇ ۋە پەقەت يېقىن ئارىلىقنىلا كۆرۈشكە ماسلىشىپ قېلىپ، يېراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ چارچىغاندا كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراش، نۇر يىغالماسلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆزگە ئاق چۈشۈش، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ۋە كۆرۈش پەردىسى سويۇلۇپ تۆكۈلۈش قاتارلىقلار كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ئۇزۇن مۇددەت كومپىيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار پات- پات كۆز قارچۇغىنى ئۇياق- بۇياقلارغا ھەرىكەت قىلدۇرىشى، كۆز ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىش، سىرتلارغا چىقىپ يىراقلارغا قاراپ بېرىشى لازىم.

    7. گوموروي
    كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن مەزگىل ئولتۇرغاندا، ئادەم قوساق قىسىمىنىڭ بېسىمى ۋە ھەرىكەت كامچىللىق تۈپەيلىدىن، مەقەت ئەتىراپى قان ئايلىنىشى ياخشى بولماي، مەقەت تېرىسى قۇرغاقلىشى، يېرىلىش ۋە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا گومورويغا گىرىپتار بولىدۇ.

    8. سۆڭەك بوشۇشۇپ كېتىش كېسەللىگى
    ئۇزۇن مۇددەت كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەردە بەدەن چېنىقتۇرۇش كامچىل بولغانلىقتىن، مۇسكۇل يىگىلەپ قېلىش كېلىپ چىقىدۇ. سۆڭەكنىڭ كالتىسىي مىقدارى تۆۋەنلەپ، چىدامچانلىقى يوقايدۇ، ئاسانلا سۆڭەك سۇنۇش ۋە يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    9. كومپىيۇتېرغا تايىنىۋېلىش كېسەللىگى
    ئۇزۇن مۇددەت كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇۋېرىپ ئادەت بولۇپ قالغانلار، خۇددى دورىغا ياكى چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قالغاندەكلا كومپىيۇتېردىن ئايرىلالماس بولۇپ قالىدۇ. يېنىدا كومپىيۇتېر بولمىسا پىسخىكىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. يەنى يالغۇزسىراش، مىجەزى غەلىتە بولۇپ قېلىش، ئەتىراپىدا بولۇپ ئۆتىۋاتقان ئىشلار بىلەن كارى بولماسلىق، كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى نورمال بولماسلىق ھەتتا ئېغىر بولغاندا كىشىلىك پەزىلىتى ۋە ئەدەپ- ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    كومپيۇتېر ئالدىدا ئۇزۇن مەشغۇلات قىلغۇچىلاردە تۆۋەندىكى كېسەللىكلەر بولۇپ قالسا، بۇ خىل كېسەللىكلەر تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
    سۈيدۈك يولىدا تاش قېتىشىش، ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسى غەلىتە كېڭىيىش، رېماتىزىم، ئاستىنقى ھەزىم قىلىش يولى ئۆسمىسى، ئومۇرۇتقا قانىلى تارىيىش قاتارلىقلار.

    كومپىيۇتېرنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىش، قەرەللىك بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھەرىكەت قىلىش قاتارلىقلار سالامەتلىك ئۈچۈن پايدىلىق.

    ھەممىمىزگە مەلۇم، «جان دىگەن شاختا بولمايدۇ»، شۇڭا تورداشلارنىڭ تەن سالامەتلىگىنى ئاسرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
    مەنبە:توردىن ئىزدەش
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق