تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار - 2

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-20 10:34:45

تۈركىيە جەمئىيىتىدە «خوجايىنلار گورۇھى» ياكى «بايلار گورۇھى» دەپ ئاتىلىدىغان TÜSİAD، 1971-يىلى بىر تۈركۈم سودا-سانائەتچى تەرىپىدىن خالىسانە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورگىنى سۈپىتىدە قۇرۇلغان. بۇ يېڭىلىق ياكى ھەرىكەت تۈرك ئىقتىسادىي ۋە بولۇپمۇ خۇسۇسىي ئورۇنلار


    b2868f34-5462-400c-88d5-953e396d922f-444x333.jpg

    تۈرك سودا-سانائەتچىلەر ۋە كارخانچىلار جەمئىيىتى TÜSİAD

    تۈركىيە جەمئىيىتىدە «خوجايىنلار گورۇھى» ياكى «بايلار گورۇھى» دەپ ئاتىلىدىغان  TÜSİAD، 1971-يىلى بىر تۈركۈم سودا-سانائەتچى تەرىپىدىن خالىسانە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورگىنى سۈپىتىدە قۇرۇلغان. بۇ يېڭىلىق ياكى ھەرىكەت تۈرك ئىقتىسادىي ۋە بولۇپمۇ خۇسۇسىي ئورۇنلارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە 1950-يىللىرى ۋە 1960-يىللىرىدا بارلىققا كەلگەن ئالاھىدە جانلىنىشنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن.TÜSİADجۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئىقتىسادىي جەھەتتە زورايغان يەرلىك ئىستانبۇللۇق كارخانچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان. TÜSİADنىڭ  2001-يىلى 19-يانىۋاردىكى نىزامنامىسىدە، ۋەزىپىسى مۇنداق بەلگىلەنگەن: « دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرى دۇنياۋى قىممەت ئۆلچەملىرىغا زىچ باغلانغان، يېڭىلىق، ئىتىقاد ۋە پىكىر ئەركىنلىكلىرىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، پەقەتلا ئۆزىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسىگە مەركەزلەشكەن تەسىر دائىرىس كۈچلۈك بىر دۆلەت مەۋجۇت بولغان تۈركىيەدە، ئاتاتۈركنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت نىشانىغا ۋە قىممەت قاراشلىرىغا سادىق ئىجىتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە دېموكراتىك ئىجتىمائىي جەمئىيەت ۋە دىندىن خالىي قانۇن دۆلىتى پىرىنسىپىنىڭ ئومۇملىشىىشغا ھەسسە قوشىدۇ». TÜSİADئۆزىنىڭ سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تۈرك جەمئىيىتىنىڭ يول باشلىغۇچى ۋە يېڭىلىقپەرۋەر گورۇھى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.TÜSİADبۇ ئىشەنچ ۋە غايە بىلەن بازار ئىتقىسادىنىڭ قانۇنى ۋە قۇرۇلىمىلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ۋە سودا-سانائەت دۇنياسىنىڭ دۇنياۋى سودا ئەخلاق ۋە پىرىنسىپلىرىغا مۇۋاپىق ھالدا ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشىدۇ.

    TÜSİADتۈركىيەدە ئەركىن ئىقتىسادىي پىرىنسىپلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا تۈركىيەنىڭ ئىنسان ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنىڭ تېخنولوگىيەلىك يېڭىلىقلار بىلەن قوراللىنىپ ئەڭ ياخشى شەكىلىدە پايدىلىنىشنى نىشان قىلىدۇ. ئۈنۈم ۋە سۈپەتنىڭ ئىزچىل يۇقىرى بولۇشىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان شارائىت ۋە ئىمكانىيەتنىڭ يارىتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ رىقابەت كۈچىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىنى نىشان قىلىدىغان سىياسەتلەرنى قوللاشتۇر.  بۇ غايىلەرگە يېتىش ئۈچۈ، پىلان ۋە لايىھلىرىنى، ئىزچىل ھالدا يا بىۋاستە پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتكە ياكى باشقا دۆلەتلەرگە، خەلقئارا ئورگانلار ۋە مەتبۇئات ۋاستىسى ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزۈپ نىشانىغا قاراپ پىكىر ۋە ھەرىكەت بىرلىكى بارلىققا كەلتۈرۈش يولىدا ھەرىكەت قىلماقتا.

    .... كەچىش....

    35 يىل ئىلگىرى دۆلىتىمىزدە تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك كارخانچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان TÜSİAD، تۈركىيەنىڭ خالىسانىلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىرى بولغان ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان جەمئىيەت بولۇپ كەلمەكتە.TÜSİADقۇرۇلغاندىن ئېتىبارەن، تىكلىگەن نىشان ۋە غايلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، TÜSİADنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ئۈزۈكسىز كېڭەيدى ۋە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى. بۇ باسقۇچتا TÜSİAD، ئىزچىل ھالدا تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ چىقتى. كۆپىنچە، كۈنتەرتىپكە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى،بىراق بەزىدە كۈنتەرتىپتە يوق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ خەۋەردار بولۇشىغا ۋاستە بولدى. TÜSİAD35 يىلدىن بۇيان، بازار ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىكىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك نىشان ۋە غايىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرستىپ كەلمەكتە.

    1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا،TÜSİADكۈنتەرتىپتىكى ئاساسلىق مەسىلىلەرگە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش مەقسىتىدە دوكلات تەييارلاشقا ۋە كونفرانىس تەشكىللەشكە باشلىدى. 1987-يىلى ياۋروپا  خۇسۇسىي ئورۇنلىرىنىڭ خالىسانە ئورگىنى بولغان UNİCEغا ئەزا بولۇپ، ياۋروپادىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە ئورگانلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا باشلىدى.TÜSİAD1996-يىلىدا تەسىس قىلىنغان بىريۇسېل ۋاكالەتخانىسى، 2000-يىلىدا تەسىس قىلىنغان ئەنقەرە ۋاكالەتخانىسى ۋە 2003-يىلى تەسىس قىلىنغان بېرلىن ۋە 2004-يىلى تەسىس قىلىنغان پارىژ ۋاكالەتخانىسى ۋاسىتىسى ئارقىلىق، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ماسلىشىش جەريانىنى كۆزىتىش مەسىلىسىدە مول تەجرىبىگە ئىگە بولدى. TÜSİADنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقى ۋە زوريىشى ئۈچۈن بەلگىلەپ چىققان نىشان لايىھەسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پۈتۈنلىشىش باسقۇچى دائىرىسىدە شەكىللەنگەن.TÜSİADتۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىنىڭ ئەھمىيىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا تاشقى ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ كەلمەكتە. 1990-يىللاردا تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا چېگرا بىرلىكىنىڭ بەرپا قىلىنىشى يولىدا ئاكتىپ ھالدا ھەرىكەت قىلدى. 1999-يىلى ھېلسىنكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا تۈركىيە رەسمىي ھالدا نامزات دۆلەت ئېلان قىلىندى، بۇ ۋاقتتىن ئىلگىرى، 11 ياۋروپا دۆلىتىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيەنىڭ نامزاتلىقى يولىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى. 2002-يىلى كوپېنھاگېندا، 2004-يىلى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان ياۋروپا كېڭىشى يىغىنىدا، ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىنى زىيارەت قىلىپ مىنىستىرلار، باش مىنىستىرلار ۋە پىرېزىدېنتلار بىلەن كۆرۈشتى. بۇ زىيارەتلەردە، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق نىشانىنىڭ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بەرپا قىلىنغان كۈچلۈك قوللىشىغا ئىگە ئىجتىمائىي لايىھە ئىكەنلىكى ھەر قايسى تەرەپلەرگە يەتكۈزۈلدى. تۈركىيەدە تۇنجى بولۇپ، بىر ئىجتىمائىي لايىھە بۇنچىلىك كۈچلۈك دەرىجىدە پىكىر بىرلىكىگە ئىگە بولغان ئىدى.TÜSİAD، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقى يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن سىرت، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ قارشى تەرىپى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە تۈركىيە-گېرمانىيە سودا-سانائىتى دائىرىسىدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ئورنتىش ۋە كۈچەيتىش، ئاكادېمىكلەر، خەلقئارالىق ئورگانلار، ئا ق ش مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ئورنتىش مەقستىدە 1998-ىلى ۋاشىنگىتوندا بىر ۋاكالەتخانا قۇرۇپ چىققان.

    TÜSİAD، «سودا-سانائەت ئىمكانىيىتى كېڭەيتىش ۋە يېڭى تۈرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش» ساھەسىدە پىلانلىق شەكىلدە ھەرىكەت قىلىش، كەڭ دائىرىدە باشقا دۆلەتلەر، تار دائىرىدە ياۋروپا سانائىتى ۋە سودا-سانەتچىلەر كونفېدراتسىيەسى بىرلىكى ئەزاسى بولغان سودا-سانائەت ئورگانلىرى بىلەن مەبلەغ ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە،TÜSİADئىنتېرناتسيونالنى قۇردى. 2001-يىلى جەمئىيەت نىزامنامىسى دائىرىسىدە مۇستەقىل بىر ئورگان سۈپىتىدە قۇرۇلغان «TÜSİADئىنتېرناتسيونالى » 2002-يىلدىن بۇيان، باشقا دۆلەتلەردىكى شىرىكلىرى بىلەن قۇرۇپ چىققان سودا ۋە مەبلەغ كومىتېتلىرى ۋاستىسى ئارقىلىق پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. TÜSİADبۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسەت، رىقابەت كۈچى ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش مەقستىدە بوغازئىچى ئۇنىۋېرستېتى بىلەن «TÜSİAD-بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى تاشقى سىياسەت مۇنبىرىنى، سابانجى ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن « TÜSİAD- سابانجى ئۇنىۋېرسىتېتى رېقابەت مۇنبىرى»نى، كوچ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەنمۇ « TÜSİAD-كوچى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادىي تەتقىقات مۇنبىرى» نى قۇرۇپ چىقتى.

    دەرنەكلەر قانۇنىغا ئۇيغۇن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانTÜSİAD، تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق كارخانچىلىرى ئەزا بولغان خالىسانە بىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتتۇر. 2006-يىلنىڭ ئاخىرىدىن ئېتىبارەن، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىل سانائەت ۋە مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا ئىگە بولغان ھەمدە تەجرىبىلىك باشقۇرغۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان 564 ئەزاسى بار. بۇ ئەزالارنىڭ شىركەت، شىركەتلەر گورۇھى دائىرىسىدە ۋەكىللىك قىلىدىغان شىركەت سانى 1300 ئەتىراپىدا. TÜSİADئەزالىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان ئورۇنلار نۇقتىسىدىن، تۈركىيە ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ئەزالىرى پائالىيەت ئېلىپ بېراتقان ساھەلەردە تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشقان قوشۇمچە قىممەتنىڭ47% نى تەشكىل قىلىدۇ.TÜSİADئەزالىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇغان ئىمپورت قىممىتى تۈركىيەنىڭ ئىمپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 18.2%نى، ئېكسپورتى بولسا تۈركىيە ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ 47.2%نى تەشكىل قىلىدۇ.TÜSİADئەزالىرى تۈركىيە ئىقتىسادىكى ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن سىرت، باشقا سانائەت ساھەلىرى، مۇلازىمەت ۋە يېزا-ئىگىلىك ساھەلىرى ئارىسىدا ئەڭ كۆپ شىركەت، يېمەك-ئىچمەك، ھاراق –تاماكا سانائىتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئىككىنچى قاتاردا، ئېنېرگىيە، ئۈچىنچى قاتاردا خېمىيە، نېفېت، كۆمۈر، كاۋچۇك ۋە پىلاستىك قاتارلىق مەھسۇلاتلار كېلىدۇ.TÜSİADكۈنىمىزدىمۇ نىشان ۋە غايىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئاۋانگارت ھالەتتە تۇرماقتا. تۈركىيەنىڭ كۈندىلىك ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلىلىرىنىڭ نېمىلەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا قارىتا پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى كەڭ خەلق بىلەن ئورتاقلىشىپ، بەس-مۇنازىرە تېمىسى يارىتىدۇ. 

    مەنبە:تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.