3D Men

يوللىغۇچى : hilali يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-07 12:25:00

3D Men x y z ئۈچ ئۆلچەمگە ئايلانغان كۆزۈم ۋە ئەقىل كۆزۈم نادىر كىنولارنى كۆرىۋەرمەي،ئەمدى ئۇمۇ ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە ئىشىپ چۈشكىدەك ئەڭ نادىر كىنولارنى روياپقا ئېلىپ چىقسۇن. كۆزۈم بۇ ئارزۇسىنى ق...

    3D Men 

        x y z  ئۈچ ئۆلچەمگە ئايلانغان كۆزۈم ۋە ئەقىل كۆزۈم نادىر كىنولارنى كۆرىۋەرمەي،ئەمدى ئۇمۇ ئۇلاردىن نەچچە ھەسسە ئىشىپ چۈشكىدەك ئەڭ نادىر كىنولارنى روياپقا ئېلىپ چىقسۇن. كۆزۈم بۇ ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر يېرىم يىل بۇرۇن مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرغان ئورۇن ،شەخس لەرنى ئىزدىدى.ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بوشلۇقىدا چاقناۋاتقان ،ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئىلگىرلەۋاتقان پەخىردىن قارلۇق ئەپەندىنى كۆزۈم بىلىپ - بىلمەي بايقاپ قالدى. مېنىڭ ھەم كۆزۈمنىڭ بۇ ساھەگە قىزىقىشى كۈندىن كۈنگە جانلىنىپ ، ئۆزىگە سەرمىياتلارنى توپلىدى. پەخىردىن قارلۇقنىڭ قۇلىدا تەربىيلىنىش ئارزۇسى بويىچە ئۇنى ئىزدەپ تاپتىم .  لىكىن ،ئۇ ئاچماقچى بولغان كۇرۇسنىڭ ۋاقتى مەن ئويلىغاندەك بالدۇر ئەمەسكەن . ئۆزى خالاپ كۆتۈرگەن يۈكنىڭ ئېغىرى بولمايدۇ. مەن بەلكىم بۇ كۇرۇسنى ئالتاي ساقلىشىم مۇمكىن .دەرۋەقە ، ئالتايمۇ ئۆتۈپ كەتتى . مەن بۇ ۋاقىتقىچە ئېنگىلىزچە ئۆگىنىپ تۇردۇم .ئۈمىدىم پات ئارىدا بۇ كۇرۇس چوقۇم باشلىنىدۇ. بىر يىلمۇ ئۆتۆپ كەتتى .بەزىدە باشقا ساھەگە ئۆتۈپ كېتىشنى نەچچە رەت ئويلۇدۇم . لىكىن ھەرقېتىم نادىر كىنولارنى كۆرگۈنۈمدە بۇ قارارلىرىمدىن يېنىۋالدىم. سەۋىردىن ھالۋا پۈتەر ،دېگەندەك ئۈمىدىم كۈندىن -كۈنگە كۈچىيىپ باردى.چۈنكى مەن پەخىردىن قارلۇق بىلەن كۆرۈشۈپ ،ئۇنىڭ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان چاغلاردا ،بۇنچىلىك ساقلاشتىكى ئۈمىد ۋە ئىشەنچلەرنى ئۇ ماڭا بەرگەن ئىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى خۇددى ئاكامنىڭ بەرگەن ۋەدىسدەك ھىس قىلدىم .مەن ئاكامنى بەك ياخشى كۆرىمەن .بۇ ھىسىياتىم پەخىردىن قارلۇققىمۇ تالىق بولۇپ قالغاندەك ، ئاكامنىڭ ئۆيدىكى ھەم باشقا تەييارلىق ئىشلىرى ئاز قالسا ، پەخىردىن قارلۇقنىڭمۇ بۇ كۇرۇسقا قىلىۋاتقان تەييارلىقى ئاز قالغاندەك بىلىندى.
         بىز نۇرغۇن ئۈمىدلەرنى ئۆز ئارزۇسىدا ساقلايمىز . كۆڭلۈمىز ئۇ ئارزۇلارغا ئەسىر بولغىنىدا خوشاللىقىمىزدىن تېخىمۇ جاللىنىپ ئالغا ماڭىمىز. ھالبۇكى ،مەن ئۆز نۆۋىتىدە ساقلىغاچ بىر تەرەپتىن نۇرغۇن قوراللار بىلەن قوراللاندىم .ئۆگىنىشىم سۇزلىشىپ قالمىدى . شۇنداق قىلىپ بىر يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى . بىر كۈنى ماڭا تېلىفۇن كەلدى . قارلۇق كومپىيۇتور گىرافىكى ۋە ئۇنېۋىرسال تېخنىكىسى  كۇرۇسى باشلاندى ،دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ،ئاغزىم قۇلۇقۇمغا يەتتى. ئىككىنچى قېتىم پەخىردىن قارلۇق بىلەن پاراڭلاشقاندا ،ئۇنىڭ بۇ كۇرۇسقا قىلغان تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئىختىيارسىز كۆزلىرىم ئىسسىق ياشلارغا تولدى .ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەك سۆيىنىپ كەتتىم .بىر يېرىم يىل ساقلىغىنىمنىمۇ ئۇنتۇلۇپلا قالدىم .ئىقتىسادىم يار بەرگەن بولسا ئىشكىردىكى كومپىيۇتور گىرافىكى ساھەسىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇشنىمۇ قارار قىلغان ،لىكىن 300 مىڭدىن 400 مىڭغىچە پۇلنى بىزدەك تۆۋەن مائاشىدىكى ئائىلە قانداقمۇ تۆلىيەلىسۇن . بۇ كۇرۇسقىمۇ ئائىلىمىز سەل ئىقتىسادتا قىيلىنىپ قالغان بولسىمۇ،بالىسىنىڭ قەلبىنى چۈشەنگەن ھەم ئىشەنگەن ئاتا -ئانىغا نىسبەتەن بۇ قانچىلىك ئىشتى . شۇنداق قىلىپ باشقىلاردىن قىسقا مۇددەتلىك قەرىز ئېلىپ ،مەسىللەرنى ھەل قىلماقچى بولدۇق. بەلكىم ماڭا ئوخشاش بۇ كۇرۇستا ئوقۇماقچى بولغانلار غا نىسبەتەن ئىقتىساد سەل توسالغۇ بولسىمۇ ، لىكىن ئۆز ئارزۇسىغا
        يىتىش ئۈچۈن توختاۋسىز كۆرەش قىلىۋاتقانلار غا نىسبەتەن پەقەتلا بىر كىچىك قىيىنچىلىق . پەخىردىن قارلۇقنىڭ بۇ كۇرۇسنى ئېچىشى ئۇيغۇر كوپىيۇتور گىرافىكى ساھەسى ھەم كىنو ساھەسىدىكى بىر چوڭ پارتلاش ھەم بۆسۈش. مەن شۇنىڭغا ئىشەندىمكى سەمىمىي ،ئەستايىدىل ،ئىزدەنگۈچى كىشى ئۆزىگە ھەم ئەتراپىدىكى كىشلەرگە نوبىل مۇكاپاتى بېرەلەيدىكەن. مەن ئىككىنچى قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن نوبىل مۇكاپاتى ئالدىغىنىمغا ئاز قالغاندەك ھىسس قىلدىم .شۇنىڭ بىلەن مەن مەن بولۇش ئۈچۈن x y z  ئۈچ دوستۇمنى باشلاپ جەڭگە ئاتلاندىم .ئەمدى 22 ياشقا كىرىپتىمەن .مەن 23 دېگەن ساننى ياخشى كۆرىمەن . بۇ ياشقا كىرگىچە بۇ ساھەدە تۇلپار بولۇپ ،ھەمىنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن .

         كوپىيۇتور گىرافىكى ۋە ئۇنېۋىرسال تېخنىكىسى تەربىيلەش سىنىپى ، كۇرۇسنىڭ بۇ نامىنى بەك ياقتۇرۇپ قالدىم.

    http://edu.qarluq.com

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق