سۇمبۇلە يۇلتۇزۇقلار تۈركۈمى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 12:34:38

سۇمبۇلە يۇلتۇزلۇقلار تۈركۈمى:(8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە)سۇمبۇلە يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: ئۇلارنىڭ ئ...

     

     

    سۇمبۇلە  يۇلتۇزلۇقلار تۈركۈمى:

    (8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە)

    سۇمبۇلە يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: ئۇلارنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن مەيدانىنى ئۆزگەرتمەيدۇ. لېكىن ئۇلار بەك جاھىللىقى بىلەن چەتكە قېقىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلغان كىشىلەرنى (يېقىن تۇغقانلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كەچۈرمەيدىغان بولۇپ، زىيادە ئۆچ-ئاداۋەت تۈپەيلىدىن ئۆمۈر بويى خۇشال ئۆتەلمەيدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ قەيسەر ئىستىلى ئىشلىرىنى ياخشى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈرىدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ب تىپلىق ياكى ئې تىپلىق بولغانلار: ئۇلار ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولۇپ، نۇرغۇن ياخشى پىكىرلەرنى ئېتىبارسىز ئكتكۈزۈۋېتىدۇ. گۇمانىورلۇق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالدىنىپ قېلىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانماقچى بولسا، قانداق قىلغاندا باشقىلار بىلەن بىللە ئىشلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئۆز-ئارا ئىشىنىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى س تىپلىق بولغانلار: ئۇلارنىڭ ئىنكاسى تېز بولۇپ، ئىنتايىن چىقىشقاق كېلىدۇ. ئامما ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى قانداق تىكلەش ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى قانداق نامايەن قىلىشنى بىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار مەلۇم بىر نەرسىگە مەپتۇن بولۇپ قالسا، پۈتۈن زېھنىنى بېغىشلايدۇ. ھالبۇكى، تېخىمۇ مۇھىم ئىشقا سەل قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان بىرەر نەرسىنى تاپقاندا ئۆزىنى قانداق تەڭشەشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا ئۆمۈرلۈك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ج تىپلىق بولغانلار: ئۇلار تەبىئىي ھالدا دوستلار ئىچىدىكى باشلامچى شەخىسكە ئايلىنىدۇ. تەشەببۇس قىلغان نەرسىگە باشقىلار ئاسانلىقچە قارشى تۇرمايدۇ. تەشكىللەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ. لېكىن ئۇلار زىيادە سۇبېكتىپ بولۇۋالماسلىقى كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا، بېشىغا كۈن چۈشكەندە يەككە-يېگانە، ياردەمسىز قالىدۇ. ئۇلار مۇھەببەتكە ئىنتايىن جىددىي پوزىتسىيە تۇتىدۇ، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن باش تارتمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار ھەمراھىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللىشى كېرەك. چۈنكى ھەمراھى ئۇنىڭغا ئۆمۈر بويى تەسىر كۆرسىتىدۇ.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.