كىردىت كارتىسنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىڭ!

يوللىغۇچى : Aptapperes يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-02 11:11:00

كىردىت كارتىسنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىڭ! دۇنيادا ھەرگىزمۇ بىكالىق تاماق يوق. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى كىردىت كارتا شىركەتلىرى ھەرگىزمۇ پاراۋانلىق ئورنى ئەمەس، سىز ئازاراقلا بىپەرۋالىق بىلەن ئۇلار...

     كىردىت كارتىسنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىڭ!

         دۇنيادا ھەرگىزمۇ بىكالىق تاماق يوق.  ئىسىڭىزدە بولسۇنكى كىردىت كارتا شىركەتلىرى ھەرگىزمۇ پاراۋانلىق ئورنى ئەمەس،  سىز ئازاراقلا بىپەرۋالىق بىلەن ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۇشۇپ كىتشىڭىز مومكىن .
           كىشلەرنىڭ ئىستمال قارىشى ۋە بايلىق قارىشنىڭ ئۆزگىرشىگە ئەگىشىپ،  تىخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئىناۋەت كارتىسىنى قوبۇل قىلماقتا .
      كىردىت كارتىسى نەخ پۇل ۋە ھىساپ خاتىرلەش كارتىسىدىن يۇقارقى ئىككى خىل ئالاھىدىلىكى بىلەن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ.  بىرنىجى: كارتا سۇرۇش قولايلىق . سىز ھەرگىز بىر دۆۋە پاسكىنلىشىپ كەتكەن پۇللارنى كۆتۇرۇپ  يۇرمەيسىز ، ھەم ھەميانىڭىزنى تومپايتىپمۇ يۇرمەيسىز، كۆپ مىقداردىكى نەخ پۇلنى ئىلىپ يۇرۇش خەۋىپىدىن ساقىلىنالايسىز . پاكىزلىقىنى سۆيىدىغان خانىم قىزلارغا نىسپەتەن بۇ كىچككىنە سۇلىياۋ كارتدىن كۆڭۇلدىكدەك ھەميان بولمىسا كىرەك. ئىككىنجى : كىردىت كارتىسى سىزنىڭ پۇل بولغاندا ئىستىمال قىلالايدىغان ھالەتتىن. ئىستىمال قىپ بوپ ئاندىن پۇل تۆلەيدىغان قولايلىققا ئىگە قىلىدۇ. ئەگەر سىز  سودا سارايلاردا بىرە قول سائىتى ياكى ...............لارغا كۆزىڭىز چۇشتى بىراق يىنىڭىدا ئۇنچىلىك نەخ پۇل بولمىسا، كىردىت كارتىسى ئارقىلىق بانكىغا قەرىز قىلىش ئارقىلىق سىتىۋىلىپ، ئاي ئاخىردا مائاشىڭىز چىققاندا تولۇقلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ .
          كىردىت كارتا شىركەتلىرنىڭ پۇل تىپىش يولى تامامەن تۆۋەندىكى ئۇچ مەنزىل ئارقىلىق بولىدۇ. بىرىنجى: كارتا سۇرۇش رەسمىيەت ھەققى. بۇ ئەلۋەتتە خىراجەت قىلغۇچى ياكى ئىستىمال قىلغۇچى بىلەن ھىچقانداق بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق. كىيىنكى ئىككىسى بولسا بىۋاستە ئىستىمالچىغا قارتىلغان. ئايلانما ئۆسۇم كىردىت كارتا شىركەتلىرنىڭ ئاساسلىق بايلىق مەنبەسى. كىردىت كارتا شىركەتلىرنىڭ نۇقىتىنەزىرى بويىچە تەھلىل قىلغاندا ئەڭ كۆڭۇلدىكىدەك ئەھۋال قەرىز ئالغۇچى ئايدا قەرىز قايتۇردىغان ئەڭ تۆۋەن چەكىنىمۇ ئورۇندىيالماسلىق، بۇنداق بولغاندا كىرىدت شىركەتلىرى ئۆسۇم ئالغاندىن سىرت يەنە جەرىمانە پۇلىنىمۇ قوشۇپ ئالالايدۇ . مانا بۇ كىردىت شىركەتلىرنىڭ ئۈچىنجى بايلىق مەنبەسى .
         يۇقارقىلار ئوچۇق قىلتاق ، بۇنى سىز بىلىپ تۇرۇپ ئامال قىلالمايسىز ، يامان قىلتاق تىخى كەيىنىدە. 1- كىردىت شىركەتلىرى ھەرۋاقىت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ھوقوقىغا ئىگە. سىز پارقىراپ تۇرغان،  كىچىك ئوماق كىردىت كارتىسىغا ئىرىشكەن ۋاختىڭىزدا كىردىت شىركەتلىرى ئاللىقاچان سىزدىن تىخىمۇ كۆپ پايدا ئۇندۇرۋىلىش پىلاننى تۇزۇپ بولىدۇ. قانۇن نوختىسىدىن ئىلىپ ئىيتساق كىردىت شىركەتلىرىگە 15 كۇن بۇرۇن  ئىستىمالچىلارغا ھەرخىل ئۆزگۇرۇش ئەھۋالىنى ئاگاھلاندۇرۇش بېرشقا بۇيرۇلغان، ئۇنداقتا كىردىت شىركەتلىرى ھەرقاچان خىراجەت ۋە ئۆسۇم نىسىپتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئۇنداقتا سىز ئىستىمالچى بولۇش سۇپتىڭىز بىلەن قىلىدىغان مۇھىم ئىشىڭىز كىردىت كارتىسىغا ئالاقىدار بولغان ھەرقانداق خەت ئالاقىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىش. ھەرگىزمۇ ئېقى قەغەز قارىسى سىياھ دەپ بىپەرۋالىق بىلەن ئۆتكۇزۋەتمەسلىكىڭىز كىرەك چۇنكى سىز كۆرمەي ئۆتكۇزۋەتكەن شۇ قەغەز كىلەر ئايلىق ئۆسۇمنى ئۆستۇرگەنلىك توغىرسىدىكى ئۇچۇر بولىشى مومكىن .
        2- كىردىت شىركەتلىرى سىزنىڭ بەلگىلەنگەن سوممدىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىشىڭىزنىڭ ناھايتى قارشى ئالىدۇ، سىز بۇنداق قىلغاندا ئىناۋەتتىن ئاشۇرۇپ ئىستىمال قىلغان بولىسىز، بۇغۇ سىزگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بىرىدۇ،  ئەلۋەتتە بۇنىڭغا چوقۇم بەدەل تۆلىمىسىڭىز بولمايدۇ، ئىناۋەتتىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش كىردىت شىركەتلىرگە ئۆسۇم نۇرمىسىنى ئاشۇرۇشقا يىتەرلىك سەۋەپ تىپىپ بىرىدۇ. سەۋەبى ئىنتايىن ئاددىي ئىناۋەتتىن ئاشۇرۇپ چىقىم قىلىش خەتەرلىك  ئىستىمالچىنىڭ بەلگىسى .
        3-كىردىت كارتىسى يەرشارىدا تورلاشقان ؟ ئەگەر سىزدە يەرشارى بويىچە تورلاشقان كىردىت كارتىسى بولسا سىز مۇنۇ ئىلان سۆزىنى بىلىمەي قالمايسىز << بىر كارتا قولىڭىزدا بولسا ، پۇتۇن يەرشەرىنى كىزەلەيسىز >> بۇ ھەقىقەتەن توغىرا،بىراق تورلاشقان كارتىنىڭ رەسمىيەت ھەققى ئىنتايىن يۇقىرى، پىروۋىت ھەققىنى ھىساپلىغاندا ئىستىمال قىلغان سوممىدىن  2-3 پىرسەنت كۆپ بولىدۇ. ئەگەر سىز ئاپتۇماتىك پۇل ئىلىش ماشىنسىدىن پۇل ئالسىڭىز يەنە شۇ بانكا يەنە رەسمىيەت ھەققى تۇتۇپ قالىدۇ .
         4-ھەرگىزمۇ تەۋىسيەلىك  ئىستىمال قىلتىقىغا چۇشمەڭ. دۆلىتىمىزدە كىردىت كارتىسى كەسپى بىخ ھالەتتە بولغاچقا بۇنداق تەۋىسىيەلىك پائالىيەتلەر ئاز، بىراق ئەڭ كۆزىنى قاماشتۇردىغان قارشى ئېلىندىغان ئىككى خىل تۇرى تۆۋەندىكىلەر بىرى،  100 گە يەتسە 1 نى سوۋغا قىلىش ، بۇنىڭدا ئىستىمالىڭىز 100 يۇەنگە يەتسە بىر يۇەننى قايتۇردۇ . يەنە بىرى ئۆسۇمسىز قەرىز بۇنىڭ مۇددىتى 12 ئاي ئەتىراپىدا بولىدۇ ، ئۆسۇمسىز قەرىزنىڭ ئۆسۇم نىسىپىتى  0 بولىدۇ ئەلۋەتتە. گەرچە بۇنداق پۇلدىن ئۆسۇم ئىلىنمىسمۇ ، بىراق بۇ كارتىدا داۋاملىق چىقىم قىلسىڭىز ئالغان قەرىزىنى بىر قتىمدىلا تۆلىۋەتسىڭز باشقا گەپ. بولمىسا قەرىز پۇلغا يىڭى ئىستىمال ھەققى قوشۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇنداق يىڭى ئىسىتمال ھەققى مەڭگۇ ئەڭ يۇقىرى ئۆسۇم نىسپىتىدە بولىدۇ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق