چىشنى تېز ئاقارتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-23 18:22:28

1. ئۆيدە ئىشلىتىلىدىغان ئاچچىقسۇ ( كونا ئاچچىقسۇ، ئاق ئاچچىقسۇ بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ئەمما كۈچلۈك ئاچچىقسۇ بولمايدۇ) نى ئېغىزغا ئېلىپ1مىنۇتتىن 3 مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇپ، ئاندىن چوتكىلىسا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، ئەمما چىش بەك ئاچچىق بولۇپ،

    چىشنى تېز ئاقارتىشنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرى
     
    1. ئۆيدە ئىشلىتىلىدىغان ئاچچىقسۇ ( كونا ئاچچىقسۇ، ئاق ئاچچىقسۇ بولسىمۇ بولىۋېرىدۇ، ئەمما كۈچلۈك ئاچچىقسۇ بولمايدۇ) نى ئېغىزغا ئېلىپ1مىنۇتتىن 3 مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇپ، ئاندىن چوتكىلىسا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، ئەمما چىش بەك ئاچچىق بولۇپ، ئۇيۇشۇپ قالغاندەك سېزىم ( بۇ خىل سېزىم 2 مىنۇت ئەتراپىدا ) بولىدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنى بىر قانچە قېتىملا قوللىنىشقا بولىدۇ، داۋاملىق قوللىنىشقا بولمايدۇ، تەخمىنەن ئىككى ئايدا بىر قېتىم قوللانسا كۇپايە. ئۇنداق بولمايدىكەن ئەكسىچە، چىشقا ئەكس تەسىرى بولىدۇ، جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە، تېز ئۈنۈم بېرىدىغان ئۇسۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ ( مەسىلەن: ئۇچرىشىشقا بېرىشتىن ئىلگىرى چىشنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغاندا)، بۇ ئۇسۇل ھەم ئېغىز پۇراشنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.
    2 . ئاپېلسىن پوستىنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن، سوقۇپ تالقان قىلىپ ، چىش پاستىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چىشنى چوتكىلىسا، چىشنى تېز ئاقارتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
    3 .چىش چوتكىلايدىغان ۋاقىتتا، چىش چوتكىسىغا ئازراق ئېچىتقۇ سۈرۈپ ئىشلەتكەندە چىشنىڭ ئاقىرىشىغا ياردىمى بولىدۇ (بۇ مودىللار كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل)
    4 . چىشنى چوتكىلاپ بولغاندىن كېيىن، ھەر بىر تال چىشقا لىمون شەربىتى سۈركەپ ئېيتىۋەتسە چىش تېز ئاقىرىدۇ.
    5 .  خام يەر ياڭىقىنى چايناپ ئېزىپ كېپەك قىلىپ، بۇنى چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلىتىپ چىشنى چوتكىلىغاندا، چىشنى ئاقارتقىلى بولىدۇ.  
    6. سىياھ بېلىق سۆڭىكىنى ئېزىپ، چىش چوتكىسىغا سۈرۈپ، چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتكەندە دەرھال ئۈنۈم بېرىدۇ ( سىياھ بېلىقى  بەدىنىدە ئاق رەڭلىك بىر پارچە چوڭ سۆڭەك بولۇپ، تىرناقتا غىردىغاندا ئىنتايىن كۆپ ئاق رەڭلىك پاراشۇك ئايرىۋالغىلى بولىدۇ، بۇ پاراشۇكنى چىش پاستىسى ئورنىدا ئىشلەتكەندە چىشنى ئاقارتقىلى بولىدۇ).

    مەنبە- ئانا دىيار تورى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.