خىلىت

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-28 12:16:22

خىلىتئىنسانلار يېگەن ئوزۇقلۇق، سۈمۈرگەن ھاۋا ۋە تۇرۇۋاتقان ماكاننىڭ تەسىرىدىن ئىنسان بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان، شۇنىڭدەك مەخسۇس ئەزالاردا ساقلىنىپ ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى ...

    خىلىت

    ئىنسانلار يېگەن ئوزۇقلۇق، سۈمۈرگەن ھاۋا ۋە تۇرۇۋاتقان ماكاننىڭ تەسىرىدىن ئىنسان بەدىنىدە پەيدا بولىدىغان، شۇنىڭدەك مەخسۇس ئەزالاردا ساقلىنىپ ئىنساننىڭ پۈتۈن ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى تەمىنلەيدىغان تۈرلۈك سۇيۇقلۇقلار خىلىت دېيىلىدۇ. بۇلار سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدادىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدە يەنە نۇرغۇن ماددىلار بار. بىز سەپرانى ئوتنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى، قاننى ھاۋانىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى، بەلغەمنى سۇنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى، سەۋدانى تۇپراقنىڭ بەدەندىكى ۋەكىلى دەپ تونۇيمىز.

    1. سەپرا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى

    خۇلقى: ھاياجان مىزاجلىق بولۇپ، تېزلا قىزىيدۇ، قايغۇ يەتسە، تېزلا چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. ئالدىراقسان، قۇشقۇن، ھۇجۇمچى، باتۇر كۆرۈنىدۇ.

    تەپەككۈرى: مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇقۇم ۋە ھالەتلەرنى تېزلا ئەستە قالدۇرالايدۇ ۋە ئاسانلا ئۇنتۇپ كېتىدۇ، يېڭى شەيئىلەرنى تېز قۇبۇل قىلىپ تېز تاشلايدۇ، ئىشى ناھايىتى كۆپتەك ھېس قىلىدۇ. مەسىلىنىڭ يىپ ئۇچىنىتېز تاپسىمۇ، لېكىن چالىلىق تۈپەيلىدىن ئىشنى تولۇق ۋە مۇكەممەل قىلىپ كېتەلمەيدۇ.

    قىياپىتى: بەدىنى ئورۇق، چىرايى قىزغۇچ سېرىققا مايىل كېلىدۇ، ماڭغاندا ئېڭىشىپ ھەمدە شامالدەك يەڭگىل ماڭىدۇ.

    تېرىسى: تېرە رەڭگى ئاققا مايىل قىزغۇچ سېرىق بولۇپ، قىزىق، سۈزۈك، يىرىك كېلىدۇ. تېرىسى سېزىمچان، ماي قاتلاملىرى تەرەققىي قىلمىغان، ئەۋرىشىملىكى تۆۋەن بولىدۇ.

    سۆز ئالاھىدىلىكى: تېز سۆزلەيدۇ، ئېغىزى بىلەن قولى بىللە مۇناسىپ ھەرىكەتلىنىدۇ. سۆزلىرى كەينى-كەينىدىن پارتلاش خاراكتېرلىك چىقىدۇ. سۆزىدە كەمتەرلىك ئاز، ئەيىبلەش، ئاغرىنىش خاراكتېرلىك سۆزلەر كۆپرەك بولىدۇ.

    تىلى: تىلى ئۈستىدە سېرىق گەز بولۇپ، ئېغىز تەمى ئاچچىق بولىدۇ.

    يېمەك-ئىچمىكى: ئۇندا تەييارلانغان سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلارنى ياخشى كۆرىدۇ، گۈرۈچ تاماقلارنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ، تاماقنى تېز يەيدۇ، مايلىق تاماقلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ، سوغۇق ئىچىملىكلەرگە ئامراق، لېكىن يەنىلا گۆشنى ياخشى كۆرىدۇ.

    خەت-يېزىق ئالاھىدىلىكى: خەتنى ئۇششاق بىر-بىرىگە چاپلاشقان ھالەتتە ئېگىز-پەس يازىدۇ، خەت گۈزەللىكىگە ئېتىبار قىلمايدۇ، مۇھىم نۇقتىلارنى تۇتۇۋېلىشقا ماھىر بولغاچقا، خەتمۇ خەت ئەستە قالدۇرالمايدۇ. مەلۇم نەرسىلەرنى يازغاندا، ماتېرىياللارنىڭ بەت، تېمىلىرىنى ئېنىق يازمايدۇ.

    يول مېڭىشى: تېز ماڭىدۇ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلمايدۇ، يۇرت ئارىلاشقا ئامراق.

    كىشىلىك مۇئامىلىسى: ئاسانلىقچە ئادەم ياراتمايدۇ، يېقىن ئۆتسە قىزغىن، يامانلىسا گەپلەشمەيدۇ. كىشىنى رەنجىتىپ قويۇپ، ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ ۋە دىلكەش كېلىدۇ، كىشىنى ئاسان چۈشىنىپ ئالالايدۇ.

    ئۇيقۇسى: باشقا مىزاجلىق كىشىلەرگە قارىغاندا ئۇيقۇسى ئازراق، تۇيغۇن ئۇخلايدۇ.

    ھالەت ئىپادىسى: ئۆزى ياقتۇرمايدىغان سۆز ۋە ئىشقا دۇچ كەلسە، خاپا بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويىدۇ.

    تۇرمۇش ئادىتى: كۆيۈمچان، قىزغىن، سەمىمىي كېلىدۇ. مۇھەببىتى كۈچلۈك، ئوغۇل بالىچانلىقنى تەكىتلەيدۇ.

    كېسەللىككە مايىللىقى: جىگەر، ئۆت ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە مايىل كېلىدۇ، جىددىيلىكى سەۋەبىدىن زىققىگە گىرىپتار بولىدۇ.

    ئىللىتى: سىر ساقلىيالمايدۇ.

    كەسىپ ئالاھىدىلىكى: ئاممىۋى مۇناسىۋەت، تىجارەت، تەرجىمە، تەھرىرلىك، ئوقۇتقۇچىلىق ساھەلىرىدە كۆپرەك.

    كۈتۈنۈشى: تۇخۇم سېرىقى، پولو ۋە مايلىق تاماقلار زىيان قىلىدۇ. سۈت، كۆكتاتلار ھەمدە سۇيۇق-سەلەڭ تاماقلار پايدا قىلىدۇ.

     

     

    1. قان خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى

    خۇلقى: خۇشخۇي كېلىدۇ.

    تەپەككۈرى: تەپەككۈرى ئورتا ھال، ئەستە تۇتۇشى يۇقىرى بولىدۇ. دوراش، كۆچۈرۈش ئالاھىدىلىكى يۇقىرى.

    قىياپىتى: بەدەن تۈزۈلۈشى چىڭ، ئورۇق-سېمىزلىكى نورمال، يۈز شەكلى كۆركەم، قىزغۇچ كۆرۈنىدۇ. كۆزى چوڭ ۋە نۇرلۇق بولىدۇ.

    تېرىسى: بۇغداي ئۆڭ، قىزغۇچراق بولۇپ، چىداملىقى ۋە ئەۋرىشىملىكى يۇقىرى بولىدۇ. يۇمشاق، سىلىق، پارقىراق كېلىدۇ.

    سۆز ئالاھىدىلىكى: تىكىلىپ تۇرۇپ، رېتىملىق سۆزلىيەلەيدۇ، قول ھەرىكىتىنى سۆزى بىلەن ماسلاشتۇرالايدۇ. ماختاش سۆزلىرىنى كۆپ قىلىدۇ.

    تىلى: تىلى ئۈستىدە قىزغۇچ گەز باغلاپ، ئېغىز تەمى تاتلىق بولىدۇ.

    يېمەك-ئىچمىكى: گۆش يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قورسىقىغا بەك ئامراق.

    يېزىق ئالاھىدىلىكى: خەتنى چوڭ، ئېگىز قىلىپ يازىدۇ.

    يول مېڭىشى: ئاستا ماڭىدۇ، بىر نەرسىنى ئويناپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ. سەپەرداشلىرى بىلەن ئاسان چىقىشىپ قالىدۇ.

    كىشىلىك مۇئامىلىسى: كىشىلەرنى جەلپ قىلىشقا ماھىر، باشقىلارنى ئۆزىگە ئاسانلا ئىشەندۈرۈۋالىدۇ. ئۆزىدە ئىجادىي قابىلىيەت يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن دوراش، باشقىلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ مۇددىئاسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزلەشتۈرۈۋالىدۇ. ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارشى كەمرەك، باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ سۆزلەشكە ۋە يېزىشقا ئۇرۇنىدۇ. باشقىلارنىڭ ئىشىغا يوشۇرۇن دىققەت قىلىدۇ ۋە بىلىشكە قىزىقىدۇ، سۆز-چۆچەك تارقىتىش ۋە ئارىنى بۇزۇۋېتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، باشقىلار سۆزلىگەندە دىققەت قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالىدۇ.

    ئۇيقۇسى: كۆپرەك ئۇخلايدۇ ۋە ئەسنەيدۇ.

    ھالەت ئۆزگىرىشى: بىرەر ۋەقە ياكى سەزگۈگە يولۇققاندا ھېسداشلىق قىلىش كەيپىياتى تېزلا ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ-يۇ، يەنە ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانسا، تاقابىل تۇرۇش ھېسسىياتىغا ئۆتىدۇ. كۈلگۈنچەك كۆرۈنىدۇ، خاتىرجەم كۆرۈنگىنى بىلەن ئىچكى ھېسسىياتى دولقۇنلاپ تۇرىدۇ.

    تۇرمۇش ئادىتى: تۇرمۇشى تەرتىپلىك، نەرسىلىرى رەتلىك بولىدۇ. مۇھەببىتى كۈچلۈك بولۇپ، جىنسىي پائالىيەتلەرگە ئامراق كېلىدۇ.

    كېسەللىككە مايىللىقى: يۈرەك، قان تمۇر كېسەللىكلىرىگە ۋە سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش قاتارلىقلارغا مايىل كېلىدۇ.

    كۈتۈنۈشى: مايلىق ۋە كۈچلۈك تاماقلار زىيان قىلىدۇ، مېۋە-چېۋە ۋە يېشىل كۆكتاتلار پايدا قىلىدۇ.

    ئىللىتى: گۇمانخور، ھەتتا ئۆزىگىمۇ ئىشەنچ قىلالمايدۇ.

    كەسىپ ئالاھىدىلىكى: ھوقۇق، ئاممىۋى مۇناسىۋەت ۋە پۇل مۇئامىلە ساھەلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.

    دىققەت قىلىدىغان تەرىپى: كۆپ خىل قىزىقىشنى يېتىلدۈرسە ۋە ھەرخىل ماتېرىياللارنى كۆپ كۆرسە، ئېسىل تەبىئەتلىك ئادەمگە ئايلىنالايدۇ.

    1. بەلغەم خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى

    خۇلقى: ئېغىر-بېسىق، سېزىملارغا نىسبەتەن ئىنكاسى تۆۋەن، كىشىلەر بىلەن ئانچە يېقىنلاشمايدۇ، ئۇيقۇغا مايىل كېلىدۇ. سىياسىي ئىشلارغا ۋە باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا قىزىقماي، ئۆزى بىلەنلا بولىدۇ.

    تەپەككۈرى: تەپەككۈرى ئاستا، ئۇنتۇغاق، بىراق مۇقىم قاراشقا ئىگە، مۇقىم ۋە تەرتىپى ئېنىق بولغان مەشغۇلات خاراكتېرىدىكى خىزمەت قىلىشنى ياخشە كۆرىدۇ.

    قىياپىتى: خام سېمىز، چىرايى ئاققا مايىل، گەۋدىلىك.

    تېرىسى: ئاق، يۇمشاق، سىلىق، پارقىراق بولىدۇ. سېزىملارنى ئاز سېزىدۇ، تېرە ئاستى ماي قاتلاملىرى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ.

    تىلى: تىلى ئۈستىدە ئاق، سۈزۈك گەز بولۇپ، ئېغىزى تەمسىز بولىدۇ.

    سۆز ئالاھىدىلىكى: سۆز قىلغاندا ئاشۇ، ئاۋۇ، چۇ، ھە... دېگەندەك قوشۇمچىلارنى قوشۇپ سۆزلەيدۇ، سۇئال بولمىسا گەپ قىلمايدۇ.

    يېمەك-ئىچمىكى: گۆشكە ئامراق، تۇزلۇق، مايلىق يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. كۆكتات ۋە سۇيۇقلۇقلارنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدۇ، تاماقنى ئاستا ۋە كۆپ يەيدۇ، قورساق ئېچىشىغا چىدىمايدۇ.

    خەت-يېزىق ئالاھىدىلىكى: خەتنى چوڭ، قۇر ئارىلىقىنى يىراق، ئاستا، چىرايلىق، كۆركەم يازىدۇ. يازىدىغان نەرسىلەردىن زېرىكمەيدۇ.

    يول مېڭىشى: ئەتراپتىكى كىشىلەرگە دىققەت قىلمايدۇ، سەپەردىشى بىلەن يۆلىنىشىپ ياكى قولتۇقلىشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، سەپەر ئۈستىدە كۆپ گەپ قىلمايدۇ.

    كىشىلىك مۇئامىلىسى: كىشىلەرگە ئاسانلا سوغۇق چىراي كۆرۈنۈپ قالىدۇ، بىراق ئاق كۆڭۈل، ساددا بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ قالىدۇ ھەم باشقىلارغا ئاسان ئالدىنىپ قالىدۇ، باشقىلارنى رەنجىتىشنى خالىمايدۇ، تەۋەككۈلچىلىكتىن خالىي بولىدۇ. ئىرادىسى بوشراق كېلىدۇ، سۆھبەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىدۇ، دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، ئىناۋىتىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.

    ئۇيقۇسى: كۆپرەك ئۇخلايدۇ، تولا ئەسنەيدۇ.

    ھالەت ئۆزگىرىشى: ئىنكاسقا نىسبەتەن دەرھاللا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدۇ ياكى ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ.

    تۇرمۇش ئادىتى: تۇرمۇش رېتىمى ئاستىراق بولسا، ناھايىتى تەرتىپلىك بولىدۇ. تېز بولسا، سۆرۈلۈپ ھېرىپ قالىدۇ، باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇزۇقچىلىق قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ.

    ئىللىتى: ۋەزىيەتنى ۋە ئېھتىياجنى دەل ۋاقتىدا چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ، ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى ئېغىر.

    كېسەللىككە مايىللىقى: ئۆپكە كېسەللىكلىرى ھەم رېماتىزم قاتارلىقلارغا مايىل كېلىدۇ، ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.

    كۈتۈنۈشى: ھاراق-شاراب ۋە سۇيۇق نەرسىلەر زىيان قىلىدۇ، شۇڭا قۇرۇق ئىسسىق، دورا-دەرمانلىق تاماقلار خىل كېلىدۇ.

    دىققەت قىلىدىغان تەرىپى: يازدا ئىسسىق، قىشتا سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرسە پايدىلىق.

    1. سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى

    خۇلقى: ئاچچىقى يامانراق كېلىدۇ، يالغۇز يۈرۈيدۇ.

    تەپەككۈرى: كېيىنرەك بولسىمۇ، لېكىن كۈچلۈك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە ھەم سىسىتېمىلىق بولۇپ، مەلۇم شەيئىلەرنىڭ مۇھىم مەنىسىنى ۋە سىرتنىڭ ئىنكاسىنى ئېسىدە ئۇزۇنغىچە ساقلىيالايدۇ، قابىلىيىتى ئالاھىدە بولىدۇ.

    تېرىسى: قۇرغاق، ئەۋرىشىملىكى تۆۋەنرەك بولىدۇ.

    قىياپىتى: ئورۇق، مۇسكۇللىرى ئانچە تەرەققىي قىلمىغان بولۇپ، كۆرۈنۈشتە ھەرجەھەتتىن ئاجىز، ئىقتىدارسىز كۆرۈنىدۇ. بەزىلىرى ئاقۇش، بەزىلىرى قارامتۇل كېلىدۇ. تەقى-تۇرقى ۋە ئىپادە ئۈنۈمى ھەيۋەتلىك ئەمەس. بۇ سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ ئىككى ياقلىمىلىق ئالاھىدىلىككە مۇناسىۋەتلىك.

    سۆز ئالاھىدىلىكى: سۆزلىرى ئۇرغۇلۇق، تەمكىن بولۇپ، ئۆزى تونۇشمايدىغان ۋە تولۇق ئىشەنمىگەن كىشى ئالدىدا ئالدىراپ ئىپادە بىلدۈرمەيدۇ، ئېھتىياتچان كېلىدۇ. ئايرىملىرىنىڭ سۆزىنى ئېنىق بىلگىلى بولمايدۇ.

    تىلى: تىلى ئۈستىدە قارامتۇل گەز بار.

    ئېغىز تەمى: قاڭسىق بولىدۇ.

    ئۇيقۇسى: بالدۇر كېلىپ، سەھەر ئويغىنىپ كېتىدۇ، بەزىدە تۈنەپ چىقىدۇ.

    يېمەك-ئىچمىكى: پارچە-پۇرات تاماق يېيىشكە ئامراق، بىراق كۆپ تاماق يېيەلمەيدۇ. ئاز ۋە كۈچلۈك يېيىشنى، مېۋە-چېۋىلەرنى قوشۇپ يېيىشكە ھەمدە ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشقا ئامراق، ئېسىل جايلاردا تاماقلىنىشنى خالايدۇ.

    خەت-يېزىق ئالاھىدىلىكى: خەتنى ئۇششاقراق، لېكىن تەكشى يازىدۇ.

    يول مېڭىشى: بىر نەرسە ئويلاپ ماڭىدۇ، ئاسانلا ئىنسان ۋە نەرسىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىدۇ.

    ھالەت ئۆزگىرىشى: خۇشاللىق ۋە قايغۇسىنى سىرتقا بىلدۈرمەيدۇ، باشقىلارغا دەرھال كۆيۈنۈپ كېتەلمەيدۇ.

    كىشىلىك مۇئامىلىسى: مۇستەقىللىقى كۈچلۈك، باشقۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. كۈچلۈك ئارزۇ-ئارمىنى ۋە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەنلا بولۇپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە دىققەت قىلمايدۇ. ئۆز ئالدىغا ئىش ئېلىپ بارىدۇ. كىشىلەرگە سەمىمىي، راستچىل بولىدۇ. ھىيلىگەر توزاقلاردىن خالىي بولىدۇ، سىر ساقلىيالايدۇ.

    تۇرمۇش ئادىتى: يالغۇز ئۆتۈشنى خالايدۇ، تۇرمۇش ئۈستىدە كۆپ ئويلانمايدۇ، پىداكارلىق ئېڭى كۈچلۈك، تۇرمۇشتا كۆيۈمچان، ئەتراپلىق بولۇپ، ھەرقانداق ئىشنى پۇختا قىلىدۇ. ھاۋايى-ھەۋەس، ئىشقى-مۇھەببەتكە بېرىلمەيدۇ، تارتىنچاق، خىجىلچانلىق، پاسسىپلىق ۋە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش ھېسسىياتى سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ ئرتۇقچىلىقىنى يوققا چىقىرىدۇ ياكى يامان تەرەپكا باشلايدۇ.

    كېسەللىككە مايىللىقى: روھىي، نېرۋا كېسەللىكلىرى، چاچ، ئۇستىخان، قىسمەن ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە مايىل كېلىدۇ. سوغۇق ۋە تۇمان كۈنلىرى كۆڭلى يېرىم بولىدۇ.

    كۈتۈنۈشى: ھاراق، تاماكا قاتتىق زىيان قىلىدۇ، شورپا، قىيمىلىق تاماق ۋە پولو قاتارلىقلار مۇۋاپىق كېلىدۇ.

    ئىللىتى: مۇناسىۋەت ۋە شەكلىي ئىشلارغا ئەھمىيەتسىز قاراپ، زىيان تارتىدۇ. قاتتىق جىسمانىي جاپاغا چىدىمايدۇ.

    كەسىپ ئالاھىدىلىكى: يۇقىرى تېخنىكىلىق ساھەلەر، جۈملىدىن ئېلېكترون، پىلان ۋە ھەربىي ئىشلارغا مايىل كېلىدۇ. سەنئەتكىمۇ قىزىقىدۇ، ئىككى خىل خاراكتېرى كۈچلۈك كەسىپلەرنى تەڭ ئېلىپ ماڭالايدۇ.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر خىلىت