تىمساھ يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-17 11:33:33

تىمساھ يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەرۋاقىت تەۋەلىكى: 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچەتىمساھ يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلا...



     

    تىمساھ يۇلتۇز تۈركۈملۈكلەر

     

    ۋاقىت تەۋەلىكى: 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە

    تىمساھ يۇلتۇزلۇقلارنىڭ بارماق ئىزى ئالاھىدىلىكى: ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ئا تىپلىق ياكى د تىپلىق بولغانلار: تېشى بىلەن ئىچى ئىككى دۇنيا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنتايىن زىددىيەتلىك. كىشىگە ساختا تەرىپىنى كۆرسىتىپ، ھەقىقىي ئۆزىنى يوشۇرىدۇ. شۇڭا دائىم يىگانە ھالەتتە غېرىبسىنىپ قالىدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە باشقىلار بىلەن ماسلىشالمايدۇ. تۇرمۇشتا راھەت-پاراغەتكە بېرىلىدۇ. ھەشەمەتلىك نەرسىلەرنى ياقتۇرىدۇ. شۆھرەتپەرەسلىك تۇيغۇسى بىرقەدەر ئېغىر.

    ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ب تىپلىق ياكى ئې تىپلىق بولغانلار: شەيئىلەرگە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئارتۇقچە چاقچاق ياقتۇرمايدۇ. باشقىلار ئەخمەق قىلسا ياكى بوزەك قىلماقچى بولسا، كەسكىن ئىنكاس قايتۇرىدۇ. تەكەببۇر بولغانلىقى ئۈچۈن باشقىلار يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ. ئاداۋەت ساقلاش بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەيىبى، كۈچلۈك ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى بۇلارنى پەسكەش ئىش قىلىشقا ئۈندەپ قويىدۇ. گېپى بەك سېسىق بولغاچقا، دوستلىرىنى ئوڭايلا بىزار قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا بىراۋنى تىللىماقچى بولسىمۇ، ئويلىنىپراق تىل سېلىشى كېرەك.

     ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى س تىپلىق ياكى ئېف تىپلىق بولغانلار: بۇلارنىڭ كاللىسى ئۆتكۈر، ئىنكاسى تېز بولغاچقا، دوستلىرى ئىچىدە ئەقىلدار سانىلىدۇ. كىشىلەر قانداقلىكى قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلسە، ھامان بىرىنچى بولۇپ بۇلارنى ئىزدەيدۇ. شۇڭا ئىنتايىن چىقىشقاق ھېسابلىنىدۇ. بىراق خىزمەتكە دوستلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك قىزغىن مۇئامىلە قىلمايدۇ. كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىغا چۈشۈش بۇلاردىكى ئەڭ چوڭ ئەيىب. خىزمەتتە نەتىجە قازىناي دېسە، جەزمەن ئۆزىدە ئىشلارنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

     

       ئوڭ باشمالتىقىنىڭ سىزىقچىلىرى ج تىپلق بولغانلار: بۇلارنىڭ تېنى ئاجىز بولغاچقا، كېسەلگە يېقىنراق، ئازراقلا ئېھتىياتسىزلىق قىلسا، تېنىنى كېسەل چىرمىۋالىدۇ. كەيپىياتىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ. ئاچچىقى يامان، شۇنچە خوشال ھالەتتىن، خۇددى ھاۋارايىدەكلا تېز ئۆزگىرىپ ھايت-ھۇيت دېگۈچە ئارىلىقتا دەرغەزەپكە كېلىپ، قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كېتىدۇ. مۇھەببەتتىن، تەلىيى يوق. بۇ بۇلارنىڭ خۇي-پەيلىنىڭ ياخشى ئەمەسلىگى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تىمساھ يۇلتۇز _